ug-udt-dev
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | dev |
---|
View options
Tags:
Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
سېنى يەنە ئۇردىمۇ، لالە؟ يېنىڭغا كېلىپ بوش، ئەمما سەمىمىي ئاۋازدا سەندىن سورايتتىم. ئۇ چاغلاردا جاراڭلاپ چىقىدىغان ئاۋازىمنىڭ نېمىشقا بوش چېقىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم. سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلەكلىرىڭدە ماغدۇرسىز ياتقان بېشىڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن سۇسلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتىڭ. كۆزۈم لېۋىڭدىكى ئاشۇ سۇس كۈلكە بىلەن قوشۇپ ئىككى كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياش تۇمانلىرىنى بىرگە كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى. سەن مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا ئاشۇنداق سۇس كۈلكە بىلەن جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن بېشىڭنى يەنە قايتا ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلىكىڭگە ئاستا قويۇپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمۈپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ كېتەتتىڭ. بۇ چاغدىكى سەن خۇددى بىر پارچە چىرايلىق تاشقا ئايلىنىسەنكى، بالا بويى ئۆسكەن قوناق شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىمۇ، تومۇزغا - چېكەتكىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇلاپ يېقىمسىز سايراشلىرىمۇ سېنىڭ ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سۈكۈتۈڭگە دەخلى قىلالمايتتى. مەن بولسام ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە چىرايلىق تاشقا قاراپ ئىچ ئاغرىقى تارتقان ھالدا كۆزلىرىمنى چىمىلداتقىنىمچە تۇرۇپ قالاتتىم. سەن بولساڭ يېتىم قوزىدەك بويۇن قىسىپ ئولتۇراتتىڭ. خۇددى بىز ئوقۇغان چۆچەكلەر ئىچىدىكى يەنە بىر چۆچەكتە يىرتقۇچ بۆرە ئوماق، گۇناھسىز قوزىچاقنى يېيىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۇتامى يوق سەۋەبلەرنى ئاق يەردىنلا تاپقاندەك، سۆرۈن تەلەت داداڭمۇ ساڭا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن تۈكى يوق سەۋەبلەرنى تېپىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى. مەن بالىلىق خىياللىرىمدا ئۇ سۆرۈن تەلەت داداڭنى ساڭا زۇلۇم قىلمىسا خاتىرجەم يۈرەلمەمدىغاندۇر، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.
Download XML • Download text
• Sentence view • Dependency trees