ug-udt-dev

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 18 - 28 < sentence 29 - 39 > sentence 40 - 50

مەن ئېسىمنى بىلسەم سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇۋاتقانىكەنمەن. سەن شۇنداق ياۋاش قىز ئىدىڭ. ئۆيۈڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ھاردىم - تالدىم دېمەي قىلاتتىڭ، سەھەرلەردە مەن بىلەن بىللە ماللارغا ئوت ئەكېلەتتىڭ. شۇنداقتىمۇ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ ساڭا بۇزۇق كانايدەك كاركىراپ ۋارقىراشلىرى، سېنى شۇمدىن شۇمغا سېلىپ تىللاپ ئۇرۇشلىرىنى پات - پات ئاڭلاپ، كۆرۈپ قالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا سەن مەھەللە كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمدىلەتىن بالا بويى بولۇپ ئۆسكەن قويۇق، دىمىق قوناقلىق بويىدا ئۇزاقتىن - ئۇزاق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ. گاھىدا يۈز قىسمىڭدا، گاھىدا بويۇن ياكى بىلەكلىرىڭدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان توق قىزىل رەڭلىك تاياق ئىزلىرى ماڭا خۇددى سېنى چېقىۋاتقان زەھەرلىك يىلاندەك، ياكى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى كۆزىدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بالىلىق خىياللىرىمدا بولسا ئۇ زەھەرلىك يىلاننى كۆك چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈم، داداڭنى قانداقتۇر بىر سېھىر - ئەپسۇن بىلەن ساڭا زۇلۇم سالالماس قىلىپ قويغۇم كېلىپ كېتەتتى. راستىنى دېسەم، ساڭا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيتتى. تاياق ئىزى قېتىپ قالغان يۈز - بەدەن، بويۇن - بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل رەڭلىك جاراھەتلەرگە قاراپ كىچىككىنە تېنىڭدىكى بىر ئوتلام تاتلىق جېنىڭنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. سەن بولساڭ خۇددى روھىڭ تېنىڭدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئۈنسىز ئولتۇراتتىڭ.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees