ug-udt-dev
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | dev |
---|
View options
Tags:
Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
لېكىن سەن كۆزلىرىڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياشلارنى زادىلا كۆز قارىچۇقۇڭنىڭ سىرتىغا چىقارمايتتىڭ. ئەكسىچە ئۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك ياش تامچىلىرىنى كۆز زېمىنىڭدىكى مۇنبەت تۇپراق باغرىغا سىڭدۈرۈپ تاشلايتتىڭ. دەۋرەپ تۇرغان كۆز ياشلىرىڭغا تۇغان سېلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەت ئىدى. مەن كۆپ ھاللاردا چوڭلار بالىلارنى نېمىشقا ئۇرىدىغاندۇر دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بالىلىقتىكى گۆدەك، ساددا تەپەككۇرۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب تاپالمايتتىم. كىچىككىنە مېڭەم بولسا مانا مۇشۇنداق جاۋابى يوق سوئاللار بىلەن ئاشلىق بېسىلغان ئامباردەك توشۇپ كېتەتتى. − − كامال، سەن تاياق يەپ باققانمۇ؟ سەن تىزىڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمشاق ۋە ئاق بىلەكلىرىڭ ئۈستىدە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقان بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ. ئاۋازىڭ ئۇزاق يىل ئېغىر كېسەل تارتىپ ماغدۇرى قالمىغان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك تىترەڭگۈ ۋە جانسىز بولۇپ، ھەسرەت تۇمانلىرى لەيلەپ تۇرغان بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ نامەلۇم بىر خىيال شولىلىرى ئىچىدە نەگىدۇر بىر يەرگە ئىپادىسىزلا تىكىلىپ قالغانىدى. سېنىڭ تولىمۇ ئاددىي، بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى بىلەن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرغان قەلب قەسرەڭدىن كۈزدىكى دەرەخ شېخىدىن ئۈزۈپ چۈشۈۋاتقان سارغۇچ ياپراقتەك لەيلەپ چىققان سوئالىڭ گوياكى يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە قىزىل چوغدەك يۈرەك - باغرىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈپ، ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ ئۆتتى. كاللام بولسا ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلۈك چۆللۈكتەك قۇپقۇرۇق ھەم جىمجىت ئىدى.
Download XML • Download text
• Sentence view • Dependency trees