ug-udt-dev
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | dev |
---|
View options
Tags:
Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
قارا رەڭلىك يېقىملىق ئاۋازىمدا سېنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدىن بۇرۇن گۇگۇمدەك لەيلەپ يېتىپ كېلىۋاتقان ھالاكىتىڭنى كۈيلەپ سايرايمەن. قارا قەلبىم بىلەن سېنىڭ روھ تېمىڭغا بىر سىقىم لايدەك چاپلىشىمەن. «ئۆلۈم» دېگەن خەت يېزىلغان بارماقلىرىم بىلەن بوستان چاچلىرىڭنى تاراپ، يۈزلىرىڭنى سىلايمەن. ئىسسىق نەپەسلىرىم بىلەن سېنىڭ روھىي قۇۋۋىتىڭنى ھۇزۇر بىلەن شورايمەن. ھايات توغرىقىڭنىڭ ئۆمۈر يىلتىزىنى قۇرتتەك ئاۋايلاپ يەيمەن. مېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىم تاكى سېنىڭ روھ قۇشۇڭ تەن قەسرىڭدىن پەرۋاز قىلىپ چىقىپ كەتكىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. قەدىرلىك لالە، مەن مۇشۇنداق قارا قىسمەت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قارا پەرىشتىگە، ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ھەر ئىككىمىز قەلبى گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار، شېرىن ئەسلىمە گۈللىرى بىلەن كۆركەم بېزەلگەن 18 ياشلاردىكى بالىلار ئىدۇق. بۇرۇتلارنىڭ خەت تارتىپ قېلىشى، قىزلىق زىنىخلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىزنىڭ بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆتۈۋاتقانلىقىمىزدىن ئۈنسىز بېشارەت بېرەتتى. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيى شەھەردىن يىراقتىكى ناھىيىدە بولۇپ، ھەر ئىككىمىز ناھىيە مەركىزىدىكى توپا تاملىق كونا مەكتەپنىڭ يۈزلىرى يېرىق، ئادەم ئولتۇرۇپ بولغىچە مىدىرلاپ يېقىمسىز ئاۋازدا غىچىرلاپ كېتىدىغان، جىگەررەڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغاچ پارتا - ئورۇندۇقلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق. ئۆيىمىز بولسا ئارا تام قوشنا ئىدى.
Download XML • Download text
• Sentence view • Dependency trees