ug-udt-dev

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 62 - 72 < sentence 73 - 83 > sentence 84 - 94

لېكىن كۆز ئالدىمدا جىمجىت ئولتۇرغان بۇ چىرايلىق تاشنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدا، يۈرەك باياۋانىدا، روھىيەت بوشلۇقلىرىدا مىسكىنلىكنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. بوغۇزۇمغا لىققىدە قاپلىشىپ قالغان قىرتاق بىر چاپلىشاڭغۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن دىماغلىرىم ئېچىشاتتى. چوڭ ئاكاڭ ئەبەيدۇللا مېنىڭ كەينىمدىن يۈرۈپ پىشقان دېھقان بولۇپ كەتتى. ئۇ ھازىر ئون مو يەرنىڭ خوجايىنى بولۇپ، تۆت بالىسىنى كەينىگە سېلىپ، رىزقىنى يەردىن تېپىپ يەۋاتىدۇ. ئىككىنچى ئاكاڭ ئەستۇللا بولسا تۇتقان - قويغىنىنى بىلمەيدىغان بالا بولدى. ئاشۇ چاغدا قىزىل چىقىپ، بىر قىزىغان باھانە بىلەن ئوڭ - تەتۈرىنىڭ پەرقى يوق چوڭ بولدى. ئەتىدىن كەچكىچە كۈيلىگەن بۇغرىدەك ئېغىزىدىن شالىسىنى ئېقىتىپ يول بويىدا سالتا - سۇلتۇڭ يۈرگىنى يۈرگەن. يېشى 50قا بېرىپ قالغىنى بىلەن خوتۇن زاتىنىڭ قانداقلىقىنى، ئۆي دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاناڭ رەھمىتى بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويساق دېگەن ئويدا قىز سوراپ بارمىغان مەھەللە - كوي، بويۇن قىسىپ ئاتلىمىغان بوسۇغا - داۋان قالمىدى. ئەقلى - ھوشى جايىدا بولمىغان بالىغا قىز بېرىدىغان ئاتا - ئانا نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئۇنى يارىتىپ بىر تەكىيەگە باش قويۇشنى خالايدىغان قىز - چوكان نەدە يۈرۈپتۇ؟

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees