ug-udt-dev

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 73 - 83 < sentence 84 - 94 > sentence 95 - 105

مانا، ئاكاڭ تېخىچە سالتاڭ پېتى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئاچاڭ بىلەن سىڭىللىرىڭ ئۆز ئۆيىدە، ئەرلىرىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ، بالىلىرىنىڭ دەردى - پىراقىدا سەدپارە بولۇپ مورىدىن ئەمەس، چوققىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتىدۇ. مانا ئەمدى سەنمۇ بويۇن قىسىپ ئالدىمغا كەپسەن. ئاڭلىسام سەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت ۋەيران بوپتۇ، ئىشلىگەن ماللىرى سېتىلماي تاقىلىپ قاپتۇ، بۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بالام. مۇشۇ كۈنلەرگىمۇ 100 مىڭ قەترە شۈكۈر. كۆپچىلىك ۋاڭ-چۇڭ قىلىشىپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى. ئولار گالىلېينىڭ رەسۋا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە تەييارلاندى. گالىلېي قىيسىق مۇنارغا چىقىۋاتقاندا ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىسقىرتتى.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees