ug-udt-dev
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | dev |
---|
Annotation | Eli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis |
---|
View options
Tags:
Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
بۇ قۇپقۇرۇق ئۆلۈك چۆللۈكتە ھەتتا بىر تىنىق ھاۋامۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان چۆللۈكنىڭ چەكسىز كەتكەن تۆت بۇلۇڭىدىن سېنىڭ ئاۋازىڭ خۇددى غايىبتىن كېلىۋاتقاندەك ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. مەن بولسام بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازنىڭ تاۋۇش مەركىزىدە كۆز يەتكۈسىز يىراق كۆككە قاراپ خۇددى شامال چاقپەلىكىدەك توختاۋسىز پىرقىرايتتىم. پۈتۈن چۆل، پۈتۈن ئاسمان باش ئۈستۈمدە نۇر چېچىپ يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بىلەن قوشۇلۇپ چۆرگىلەيتتى. مەن ئىچىمنىڭ قىزىپ، كالپۇكلىرىمنىڭ قۇرۇپ گەز باغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇچۇق چىققاندەك تىكەنلىشىپ كەتكەن تىلىمدىن ئىبارەت بىر پارچە يۇمشاق، ئىسسىق، نەم گۆش پارچىسىنىڭ تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بوغۇزۇمدا يارىلانغان ئاھۇنىڭ نىداسىدەك ئاچچىق بىر يىغا ئېسەدەيتتى. بۇغدىيىكىم توختىماي لىكىلداپ، كېكىردىكىمدىكى غۇرتۇلدىغان ئاۋاز ئۆزۈمگە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قوناقلىقتىن قوناق ياپراقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. ياز ئېيىنىڭ دىمىق ھاۋاسى كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. چېكەتكىلەرنىڭ يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلداشلىرى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مېڭىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يوتقان يىڭنىسىنىڭ ئۇچىدەك گىرتىلداپ سانجىلاتتى. كۆز ئالدىمدا بولسا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىسىز كۆزىدىن بىلگىلى بولمايدىغان لالە ئىسىملىك سەندىن ئىبارەت چىرايلىق بىر تاش جىمجىت ئولتۇراتتى.
Download XML • Download text
• Sentence view • Dependency trees