ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 62 - 72 < sentence 73 - 83 > sentence 84 - 94

مەيىن شامالدا قىپقىزىل تاشئالمىلار، ساپسېرىق نەشپۈتلەر باشلىرىنى ئاستا لىڭشىتىپ، سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقاچلىرىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپتۇ. سىز «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «ياخشى چارە ئىشنىڭ يېرىمى»، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ماقاللارنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەر بۇ ماقاللار توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ؛ مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، مەسىلىلەرنى قانداق ئويلاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا، چوقۇم مەلۇم تەسىراتقا ئىگە بولالايسىز. بىر ياغاچچى بالا بولغانىكەن. ئۇ ئىش قىلغاندا كاللا ئىشلەتمەيدىكەن، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئورمانغا بېرىپ، بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ كەپتۇ ۋە ئۇنى يېڭىدىن سالماقچى بولغان ئۆيگە تۈۋرۈك قىلماقچى بوپتۇ. ياغاچچى بالا ئالدى بىلەن دەرەخنى ھەرىدەپتۇ،

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees