ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 51 - 61 < sentence 62 - 72 > sentence 73 - 83

- تاغ قۇشقىچى ھەدە، سىز دەرەخ پوستىنى يەۋاتىسىزغۇ؟ - بالىلار، سىلەر بىلمەيسىلەر، بۇ دەرەخ پوستى ئەمەس، سېرىق قوڭغۇز. بۇ مەخسۇس مىۋە شىرنىسىنى يەيدۇ. سېرىق قوڭغۇز يامانلىقتا ئۇچىغا چىققان نەرسە، - دەپتۇ - دە، يەنە بىر سېرىق قوڭغۇزنى چىشلىگىنىچە بالىلىرىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچىنىڭ بالىلىرى چوڭ بوپتۇ. ئۇلار بۈك - باراقسان مېۋەزارلىقتا ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇپ، ئانىسىغا ئەگىشىپ زىيانلىق قۇرۇتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان بوپتۇ. كۈز كەپتۇ. مېۋىلىك دەرەخلەردە غۇچچىدە مېۋىلەر پىشىپتۇ.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees