ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 29 - 39 < sentence 40 - 50 > sentence 51 - 61

لېكىن قانچە يىل، قانچە ئەۋلات ئۆتكەنلىكى نامەلۇم. يامغۇرلۇق بىر ئاۋغۇست ئېيىدا قاتتىق يامغۇر بەش - كېچە كۈندۈز يېغىپ توختىماي، ئالتىنچى كۈنى سەھەردە توختاپتۇ. لېكىن، غايەت زور كەلكۈن كەنت ۋە كەنتتىكى ئادەملەرنى نە - نەلەرگىدۇر ئېقىتىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. مانا ئەمدى ھېچنىمە قالماپتۇ، پالتا بىلەن بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر، ھەتتا ئاشۇ ئۆتكۈر پالتىلارمۇ غايىپ بوپتۇ. سوپىسوپىياڭنىڭ ئۇۋىسى دەرەخ ئاچىمىقىدا ئىكەن. ئۇۋىدا بالىلىرى ئۇخلايدىكەن، ئۆزى ئۇۋا يېنىدىكى شاختا ئولتۇرىدىكەن. تاشئالما تەكشى يوپۇرماق چىقىرىپتۇ. سوپىسوپىياڭ ئۇچۇپ بارغانچە، تاشئالما يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن سۇس يېشىل بىر كىچىك قۇرۇتنى تۇتۇپ قايتىپ كەپتۇ. سوپىسوپىياڭنىڭ بالىلىرىى كىچىككىنە ساپسېرىق ئاغزىلىرىنى ئاچقان ھالدا چۇرقىرىشىپتۇ.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees