ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 18 - 28 < sentence 29 - 39 > sentence 40 - 50

كەنت ئاسمىنى كۆپكۈك، ھاۋاسى ساپ، يېقىملىق ئىكەن. بۇ كەنتتە نەچچە ئون ئائىلىلىك ياشايدىكەن. قاچانلاردىن بېرى، ھەر بىر ئائىلىدە ئۆتكۈر پالتىلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ. قايسى ئائىلە ئۆي سالماقچى، قايسى ئائىلە ساپان ياسىماقچى بولسا، شۇ ئائىلىدىكىلەر پالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ دەرەخلەرنى كېسىدىكەن. مانا شۇنداق قىلىپ، تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ، نەچچە ئەۋلاد ئالمىشىپتۇ، تاغ باغرىدىكى دەل - دەرەخلەر داۋاملىق ئازىيىپ، تاقىر يەرلەر ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپتۇ. دەل - دەرخلەر قاتار قاتار ئۆيلەرگە، خىلمۇ - خىل سايمانلارغا، ئۆي جاھازىلىرىغا ئايلىنىپتۇ. نۇرغۇن دەل - دەرەخلەر مورىلاردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس تۈتەكلەر بىلەن نەلەرگىدۇر غايىپ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئائىلىلەر ئۆتكۈر پالتىلىرىغا تايىنىپ كۈنلىرىنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈپتۇ.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees