ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

index sentence 1 - 6 > sentence 7 - 17

ئاسماننى كۆپكۈك، دەريا، كۆل سۇلىرىنى سۈپسۈزۈك تۇرۇشقا، دەل - دەرەخلەرنى بۈك - باراقسان بولۇشقا، ھايۋانلارنى ئەركىن ئازادە ياشاشقا ئىگە قىلىش... بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى، يەنە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ياخشى كۆزىتىپ، مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقايلى. بىر يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شىۋېتسارىيىنىڭ بىر ۋوگزالىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان چىرايلىق، ئازادە بىر پويىز قوزغىلىش ئالدىدا تۇراتتى. ۋوگزال سۇپىسى ئۇزاتقۇچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئۇزاتماقچى بولغىنى ئۆزگىچە مىھمان - قارلىغاچلار ئىدى.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees