ug-udt-test

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

indexsentence 1 - 6 < sentence 7 - 17 > sentence 18 - 28

قىزىق ئىش، قارلىغاچ دېگەن پەسىل قۇشى، ئۇ يىراقلارغا ئۇچۇپ بارالايدىغان تۇرسا، نىمىشقا بۇ قارلىغاچلارنى پويىز بىلەن ئاپىرىپ قويماقچى بولۇشقاندۇ؟ ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى: شۇ يىلى باھاردا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قارلىغاچلار جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا، شىۋېتسارىيە چىگرىسى ئىچىدە ئاۋارىچىلىككە يولۇقتى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ، قار - شىۋىرغان توختىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇزاق يول بېسىش جەريانىدا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قارلىغاچلار بۇ يەردە ئوزۇقلۇق تاپالمىدى. ئاچلىق بىلەن سوغۇق بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەر ئىچىدە قالدۇردى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى قارلىغاچلارنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىسسىق رايونلارغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت تېلېۋىزور ۋە رادىيو ئارقىلىق كىشىلەرنى دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تېپىپ ۋوگزالغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلدى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ۋە ئاچچىق سوغۇققا قارىماي، مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قارلىغاچلارنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees