ug-udt-dev

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.

index sentence 1 - 6 > sentence 7 - 17

مەن بولسام شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆزۈم قەدىرلەپ سۆيگەن بىر قىزنىڭ تومۇرىدىكى ئىسسىق، قىزىل قېنىنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، كىمدۇر بىرىنىڭ ئاتلىق كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى كۈتەتتىم. لېكىن مەندىن ئىبارەت بۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى قەتلى قىلغۇدەك ئۆزۈمدىن بۆلەك يەنە بىر تىرىك جان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. چۈنكى مېنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقتىكى ھاياتىم مىسالى بىر تور بولسا، مەن بۇ تورنى تولىمۇ ئەستايىدىل، تولىمۇ پۇختا رەۋىشتە توقۇپ چىققانىدىم. بۇ تور ئىچىدە ياشاش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلىق بولسا بۇ توردىن ئازاد بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ناۋادا مەن بۇ تورنى بۇزۇپ تاشلىساملا بىر پۈتۈن جەمئىيەت تەرىپىدىن خۇددى بىر سېۋەت ئەخلەتتەك تاشلىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى. بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قەلب قەسرەڭدىكى يارقىن ئوبرازىم كاۋا پېلىكىدەك قۇرۇپ، گۆشى يوق قۇرۇق ئىسكىلىت جازىسىغا ئايلىنىپ قالاتتى.

Download XMLDownload textSentence viewDependency trees