ug-udt-dev
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | dev |
---|
Annotation | Eli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis |
---|
View options
Tags:
Javascript seems to be turned off, or there was a communication error. Turn on Javascript for more display options.
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى كۆرگۈم يوق ئىدى. بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھالاكىتىمنى قوبۇل قىلىشتىنمۇ مۈشكۈل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىرادەمدە ئاشۇ تور ئىچىدە داۋاملىق ياشاۋېرىشكە نىيەت قىلدىم. شۇنداق بولسىمۇ تەن چۆلۈمنىڭ يىراق باياۋانىدىكى روھىيەت بوشلۇقۇمدا كۈچلۈك بىر قارا بوران ۋەھىمىلىك ھۇۋلايتتى. مېنىڭ يەككە ئىگىلىكتىكى ئاڭ قاتلىمىمدا يەر شارىنىڭ تەنھالىقى، ئىنسانىيەتنىڭ غېرىبلىقى تېنىم بىلەن قوشۇلۇپ روھىيەت بوشلۇقۇمدىكى ئاشۇ قارا بورانغا يەم بولاتتى. پەقەت سېنىڭ بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭلا زۇلمەتنىڭ يىراق بىر بۇرجىكىدىكى سۈزۈك ۋە يېشىل بىر بوشلۇقتا ماڭا قاراپ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. ماڭا مەنسۇپ بولغان بۇ تەن ۋە روھىمدىكى بەرباتلىق خۇددى بىر بۆلەك ئېقىن سۈيى بولۇپ، زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق بوشلۇقتىن نۇر مەرۋايىتلىرى خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئاقاتتى. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئۇ سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇ نەرسە سېنى ئاستا - ئاستا نابۇت قىلىۋاتقان ھالاكەت ئىدى. مەن ئۆز رېئاللىقىمدا لالە ئىسىملىك بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىم بىلەن، سەن ئۆز رېئاللىقىڭدا كامال ئىسىملىك بىر ئالۋاستىنى سۆيگەن ئىدىڭ. ھەتتا سەن بۇ ئالۋاستىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا پەرىشتە سۈپىتىدە ھېس قىلىسەنۇ، لېكىن بۇ پەرىشتىنىڭ ئاغزى - بۇرنىنىڭ سېنىڭ ئىسسىق، قىزىل قان شەربەتلىرىڭ بىلەن بويالغان قارا پەرىشتە ئىكەنلىكىنى خىيال ۋاداڭدا ياكى پەرەز ئېكىنزارلىقىڭدا ئەسلا كۆكلەتمەيسەن. ئەمما مەن ھامان قارا قانىتىم بىلەن سېنىڭ ھايات شاخلىرىڭدىن ئۈمىد مېۋىلىرىڭنى قاقىمەن.
Download XML • Download text
• Sentence view • Dependency trees