s-501
| ئاندىن ئۇلار بۇ رەختلەرنىڭ رەڭ - نۇسقىلىرىنى تازا تەرىپلەپ بېرىپتۇ. |
s-502
| ۋەزىر پادىشاھنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۆز پېتىچە يادلاپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ گەپلەرنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلىپتۇ. |
s-503
| ئالدامچىلار رەخت توقۇش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن پۇل، يىپەك ۋە ئالتۇن تەلەپ قىلىپتۇ. |
s-504
| ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى يانچۇقىغا سېلىپ، يەنىلا قۇرۇق دەستىگاھتا ئادەتتىكىدەك ئىشلەۋېرىپتۇ. |
s-505
| ئۇزاق ئۆتمەي، پادىشاھ يەنە بىر سادىق ئەمەلدارنى رەختنىڭ يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا توقۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. |
s-506
| ئۇمۇ ۋەزىرگە ئوخشاشلا دەستىىگاھتا ھېچنەرسە كۆرەلمەپتۇ. |
s-507
| _ _ قاراڭ بۇ رەخت چىرايلىقمىكەن؟ _ _ دەپ سوراپتۇ ئالدامچىلار بىرمۇنچە «گۈزەل نۇسخىلار» نى كۆرسىتىپتۇ، چۈشۈندۈرۈپتۇ. |
s-508
| ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. |
s-509
| «مەن ئەخمەق ئەمەستۇرمەن! _ _ دەپ ئويلاپتۇ بۇ ئەمەلدار، _ _ ئېھتىمال ئىقتىدارىم ئەمىلىمگە ماس كەلمىسە كېرەك. |
s-510
| بۇمۇ قىزىق ئىش، لېكىن ھەرگىز باشقىلار ئۇقۇپ قالمىسۇن! |
s-511
| شۇڭا ئۇ ئۆزى پۈتۈنلەي كۆرمىگەن رەختلەرنى بىر قۇر مەدھىيىلەش بىلەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۇ ئېسىل رەڭ ۋە شوخ گۈللەردىن ئىنتايىن قانائەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. |
s-512
| ئۇ پادىشاھقا: _ _ راست، ھەقىقەتەن بەك ئېسىل رەخت ئىكەن، _ _ دەپتۇ. |
s-513
| بۇ ئېسىل رەخت توغرىسىدا، شەھەردىكى خالايىق ئىچىدە سۆز - چۆچەك تارقىلىپتۇ. |
s-514
| رەخت تېخى دەستىگاھتىكى ۋاقتىدىلا، پادىشاھنىڭ كۆرۈپ كەلگۈسى كېلىپ كېتىپتۇ. |
s-515
| ئۇ ھەمراھ بولۇپ بارىدىغان خادىملارنى ئالاھىدە بەلگىلەپتۇ. |
s-516
| بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى كۆرۈپ كەلگەن ھېلىقى ئىككى سادىق ۋەزىرىمۇ بار ئىكەن. |
s-517
| ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئىككى ھىيلىگەر تۇرغان جايغا بېرىپتۇ. |
s-518
| بۇ ئىككى خۇمپەر پۈتۈن زېھنى بىلەن رەخت توقۇۋاتسىمۇ، لېكىن بىرەر تال يىپنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. |
s-519
| _ _ قارىسىلا، بۇ رەخت راست چىرايلىقمىكەن؟ _ _ دەپتۇ ھېلىقى ئىككى سادىق ئەمەلدار. |
s-520
| _ _ ئالىيلىرى، قارىسىلا، نېمىدېگەن نەپىس گۈللەر! نېمىدېگەن ئېسىل رەڭ! _ _ |
s-521
| بىر-بىرىنى قوغلىشاتتى، كۈلۈشەتتى. |
s-522
| بۇ نېمىدېگەن گۈزەل مەنزىرە، نېمىدېگەن خۇشال كەيپىيات - ھە! |
s-523
| پەن-تېخنىكا چارۋىچىلىق مەيدانىدا نۇرغۇن قويلار بار ئىدى. |
s-524
| ئۇلار يۇڭلۇق ھەم سېمىز ئىدى. |
s-525
| بىر كۈنى تۈن يېرىم بولغاندا، ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بۆرە چارۋىچىلىق مەيدانىغا تىمىسقىلاپ كىرىپ كەپتۇ. |
s-526
| قوتاندىكى قويلار قورققىنىدىن مەرەشكىنىچە ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە ئېتىشىپتۇ. |
s-527
| ئۇشتۇمتۇت قويلار ئارىسىدىن بىر قوزا تاقلاپ چىقىپ بۆرىگە ئېتىلىپتۇ. |
s-528
| قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بۆرە: «ۋۇي، بۇ قانداق ھايۋاندۇ؟» دەپ شاپپىدە ئارقىغا داجىپىتۇ. |
s-529
| كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارىسا، قوزا ئىكەن. |
s-530
| ئاھ، بۇ بىر سېمىز قوزىكەنغۇ! |
s-531
| ھىم، مېنى يەۋالغىن، دەپ ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ئوخشىمامسەن! |
s-532
| بوپتۇ، كەل، قوزىچىقىم، كەل! |
s-533
| بۆرە ئېتىلىپ بېرىپ قوزىنىڭ بوينىنى قاتتىق چشىلەپتۇ. |
s-534
| ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىمىزدە يۈكسەك ئشەنچ بولۇشى كېرەك. |
s-535
| شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز لازىمكى، بىزدە ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغان تۇغما قابىلىيەت بار، |
s-536
| مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىڭ. |
s-537
| شۇ چاغدا، پاك ۋىجدانىڭىز بىلەن ‹ ‹ بارلىق ئىقتىدارىمنى ئىشقا سالدىم › › دېيەلەيسىز. |
s-538
| مەلۇم بىر يىلى ئەتىيازدا، سالامەتلىكىم ياخشى بولماي، بىر نەچچە ھەپتىگىچە سىرتقا چىقالماي ئۆيدە ئارام ئالدىم. |
s-539
| مۇشۇ جەرياندا، قىزلىرىم باققان پىلە قۇرتىنىڭ غوزەكلىشى قىزىقىشىمنى قوزغىدى. |
s-540
| پىلە قۇرتىنىڭ جاھىللىق ۋە ئىجتىھات بىلەن تىنىمسىز ئىشلىگىنىگە قاراپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. |
s-541
| مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن مۇئەييەن بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ كەلدىم. |
s-542
| مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم پىلە قۇرتىنىڭ مەلۇم بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە غوزەك چىقارغانلىقىغا ئوخشاشلا مەلۇم بىر كۈچنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە بولغان. |
s-543
| مەن ئەللىك يىلدىن بېرى، بارلىق زېھنىي كۈچۈمنى ئىلمىي تەتقىقاتقا سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن. |
s-544
| تەتقىقات – ھەقىقەت يولىدىكى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. |
s-545
| مېنىڭ نۇرغۇن شېرىن گۈزەل ئەسلىمە – خاتىرىلىرىم بار. |
s-546
| ياشلىق دەۋرىمنى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەنھا ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم؛ |
s-547
| كېيىن ئېرىم ئىككىمىز بارلىقىمىزنى ئىلىم–پەنگە بېغىشلاپ، ئاددىي قىرائەتخانا ئىچىدە جاپالىق تەتقىقاتلارنى قىلدۇق. |
s-548
| ئاخىرى مۇشۇ يەردە رادىينى بايقىدۇق. |
s-549
| مەن ئەزەلدىن خاترجەم خىزمەت ۋە ئاددىي ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. |
s-550
| مۇشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە جىمجىت مۇھىت بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمىتىمگە كاشىلا قىلشىدىن ھەم نام–شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولدۇم. |
s-551
| ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا، بايلىققا ئەمەس، بەلكى كەسىپكە ئىشتىياق باغلىغانلقىمىزغا چوڭقۇر ئشىنىمەن. |
s-552
| ئېرىم ئىككىمىز بىز بايقىغان نەرسىلەردىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىش – ئالماسلىق توغرۇلۇق پىكىرلەشكەن ۋاقتىمىزدا، ھەر ئىككىلىمىز تەتقىقاتقا قاراتقان پاك ئەقىدىمىزگە خىلاپلىق قىلىشنى راۋا كۆرمىدۇق. |
s-553
| شۇڭا، بىز رادىينىڭ پاتېنىت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماي، خېلى جىق بايلىقتىن ۋاز كەچتۇق. |
s-554
| مەن بۇ ئىشىمىزنىڭ توغرىلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. |
s-555
| دەرۋەقە، ئىنسانلار ئۆز ئەجرىگە لايىق ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. |
s-556
| ئۇلارنىڭ بوش ۋاقتىمۇ، ماددىي مەنپەئەت قوغلىشىدىغان خىيالىمۇ بولمايدۇ. |
s-557
| ھۆر – ئەركىن بىر دۆلەتتە، ئەركىن ئالىم سالاھيىتى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلەش – مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم. |
s-558
| مەن بۇنداق ھوقۇقنى ئەزەلدىن ماڭا مەنسۈپ بولۇپ قالار، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. |
s-559
| چۈنكى، مەن 24 ياشقا كىرگۈچە، باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ۋە دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان پولشادا تۇرغان. |
s-560
| مەن فرانسىيىدە ياشاش جەريانىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىدا قانچىلىك بەدەل تۆلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. |
s-561
| مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھازىرقىدەك مۇلايىم ئەمەس ئىدىم. |
s-562
| كۆپلىگەن تاۋى نازۇك كىشىلەرنىڭ بىرەر – يېرىم ئېغىز قاتتىق سۆز ئاڭلىسىلا چىدىماي قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەزگۈر مىجەزىمنى تىزگىنلەپ كەلدىم. |
s-563
| ئېرىمنىڭ مۇلايىم، سالماق خاراكتېرىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىم. |
s-564
| ئۇ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەقدىرنى تەن ئېلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. |
s-565
| يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشتىكى گۈل كۆچۈرۈش، كۆچەت تىكىشكە ئوخشاش ئۇششاق–چۈششەك ئىشلار بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇردۇم، |
s-566
| شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، يۇلتۇزلارغا قاراشتىنمۇ ئانچە–مۇنچە ھوزۇر ئالىمەن. |
s-567
| مەن ئىزچىل تۈردە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىگە مەھلىيا بولۇپ كەلدىم، |
s-568
| پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ئىلىم–پەنمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تۇردى. |
s-569
| مەن شۇنداق دەپ قارايمەنكى، ئىلىم–پەن ئۆزىدە مۇقەددەس گۈزەللىكنى ھازىرلىغان. |
s-570
| تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئالىم يالغۇز تېخنىكا خادىمى بولۇپلا قالماي، يەنە سەبىي بالىدۇر. |
s-571
| سەبىيلەر چۆچەك – رىۋايەتلەرگە مەپتۇن بولغاندەك، ئالىملارمۇ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ. |
s-572
| ئىلىم–پەننىڭ بۇنداق سېھرىي كۈچى تەجرىبىخانىدا ئۆمۈرۋايەت باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلالىشىمغا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئامىلدۇر. |
s-573
| ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇ، بەزىلەر ئۇنى ئالتۇن كاسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسۇپ ئىچىدۇ. |
s-574
| ئالتۇن كاسىسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر بولسا قوللىرىدا ئۇچۇملاپ ئىچىدۇ. |
s-575
| سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق. |
s-576
| ئۇنىڭدىكى پەرق پەقەت سۇ ئۇسىدىغان سايماندا، |
s-577
| قەلەندەر بىلەن پادىشاھنىڭ پەرقى ئەنە شۇ ئۇسىدىغان ‹‹قاچا››دا. |
s-578
| پەقەت ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان كىشىلەرلا سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. |
s-579
| قۇملۇق كېزىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقنى يەتكۈچە تارتقان سەيياھ سۇنىڭ لەززەتلىك تەمىنى ھەقىقىي تېتىيالايدۇ. |
s-580
| چىڭقى چۈشنىڭ ئاپتىپىدا يەر تېرىپ چىلىق–چىلىق تەرگە چۆمگەن دېھقانلار سۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. |
s-581
| يەنە بىر خىل كىشىلەر باركى، ئۇلار سالقىن يەردە ئولتۇرۋېلىپ نەپىس جاملاردا قانچە يۇتۇم سۇ ئىچسىمۇ سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى تېتىيالمايدۇ. |
s-582
| چۈنكى ئۇلار سەيياھتەك ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتمىغان. |
s-583
| دېھقاندەك قاق چۈشتە يەر تېرىپ باقمىغان. |
s-584
| شۇڭا ئۇلار سۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلالمايدۇ. |
s-585
| مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە تاماق ۋە سۇنىڭ لەززىتىنىلا ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. |
s-586
| كۈز يامغۇرى كىشىلەرنىڭ يۈز–كۆزىگە ئۇرۇلاتتى. |
s-587
| يامغۇر سۈيىگە تويۇنغان توپ–توپ قارا بۇلۇتلار بوشلۇقتا ئاستا–ئاستا ئۈزەتتى. |
s-588
| كەچ كۈز كېلىپ قالغاچقا، ئايىقى كۆرۈنمەيدىغان ئورماندا دەرەخلەر تامامەن يالىڭاچلانىدى. |
s-589
| قېرى قارىياغاچلار قۇۋزاقلىرىنى بېغىر رەڭ مۇخ ئاستىغا يوشۇرۇپ غەمكىن قاراپ تۇرۇشاتتى. |
s-590
| كىچىككىنە ۋوگزال ئورمان ئىچىگە يوشۇرۇنغانىدى. |
s-591
| يىڭى ياسىلىۋاتقان يولنىڭ ئۇلى ۋوگزالنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان يۈك سۇپىسىدىن تارتىپ ئورمانغا قاراپ سوزۇلۇپ ياتاتتى. |
s-592
| يولنىڭ ئەتىراپىدا كىشىلەر خۇددى چۈمۈلىلەردەك قىمىلدىشىپ يۈرۈشەتتى. |
s-593
| يېپىشقاق لاي كىشىنىڭ ئاياق ئاستىدا مىچىلداپ جانغا تېگەتتى، |
s-594
| يولنىڭ ئىككى تەرپىدە كىشىلەر كۈچەپ توپا قېزىشاتتى. |
s-595
| لوم تۆمۈرلەر سالماق بىلەن گۈپۈلدىسە، گۈرجەكلەر تاشلارغا تېگىپ جاراڭلايتتى. |
s-596
| يامغۇر خۇددى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈلگەندەك ئۇششاق ۋە قويۇق تامچىلاپ، توختىماي ياغاتتى. |
s-597
| مۇزدەك يامغۇر كىيىملەردىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. |
s-598
| يامغۇر كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئەجىرىنى زايا قىلىپ، ئوماچتەك قويۇق لاينى يولنىڭ ئۇلىدىن پەسكە ئېقىتىپ چۈشۈرەتتى. |
s-599
| كىشىلەر كىيىملىرىنىڭ سۇ ئۆتۈپ ئېغىرلىشىپ ۋە مۇزلاپ كەتكىنىگە قارىماي، تاكى قاراڭغۇ چۈشۈپ كۆز باغلانغاندا ئاندىن ئىشتىن قايتىشاتتى. |
s-600
| سېلىنۋاتقان يولنىڭ ئۇلى كۈندن–كۈنگە ئۇزىراپ ئورمانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە ئىدى. |