Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttrain
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 1 - 100 of 1656 • previousnext

s-1 نەشپۈت بەش يىلدا، ئۆرۈك تۆت يىلدا مېۋە بېرىدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟
s-2 سەن شۇ چاققىچە سەۋر قىلىپ تۇرالامسەن؟
s-3 مايمۇن بىردەم ئويلاپ بېقىپ دەپتۇ:
s-4 - شۇنداقمۇ؟ ھەي، بەش يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن.
s-5 نەشپۈت كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپتۇ.
s-6 كۆچەت ئوبدان كۆكلەۋاتقاندا، بىر كاككۈك ئۇچۇپ كېلىپ دەپتۇ:
s-7 - كاككۇك كاككۇك! مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، ئەمدى ئۆرۈك كۆچىتى تىكىۋاپسەنغۇ!
s-8 ئۆرۈك تۆت يىلدا، شاپتۇل ئۈچ يىللدا مېۋىگە كىرىدۇ دېگەن گەپ بار.
s-9 سەن شۇ چاققىچە تاقەت قىلىپ تۇرالامسەن!.
s-10 مايمۇن بىردەم ئويلىنىپ بېقىپ دەپتۇ:
s-11 - شۇنداقمۇ؟ ھەي، تۆت يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن.
s-12 ئۆرۈك كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ شاپتۇل كۆچىتى تىكىپتۇ.
s-13 شاپتۇل كۆچىتى تازا ئاينىۋاتقاندا، بىر ھۆپۈپ ئۇچۇپ كېلىپ دەپتۇ.
s-14 _ ھۆپۈ - پۈپ! مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، تازا قىزىق ئىش قىپسەنغۇ!
s-15 شاپتۇل تۆت يىلدا، گىلاس ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ دېگەن گەپ بار.
s-16 سەن شۇ چاققىچە چىداپ تۇرالامسەن.
s-17 مايمۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپلا دەپتۇ:
s-18 _ - ۋاي ۋۇي، ئۈچ يىل دېگەن بەك ئۇزاق دېگنە!
s-19 مەن ھەرگىز ساقلاپ تۇرالمىغىدەكمەن!
s-20 شاپتۇل كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ، گىلاس كۆچىتى تىكىپتۇ.
s-21 مايمۇن ئۇنى يۇلۇپ، بۇنى تىكىپ، بۇنى تىكىپ، ئۇنى يۇلۇپ يىللارنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
s-22 ئەمما بىر تۈپ كۆچەتنىمۇ ئەي قىلالماپتۇ.
s-23 بىر كۈنى، قەيسەر دادىسى بىلەن تاغقا چىقتى.
s-24 ئۇلار تاغ قاپتىلىغا كىرگەندە، گىئولوگنىڭ يوغان تاشقا تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى.
s-25 - تاغا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى قەيسەر قىزىقسىنغان ھالدا.
s-26 - «كىتاب» كۆرۈۋاتىمەن.
s-27 - كىتاب كۆرۈۋاتىمەن؟
s-28 قېنى ئۇ كىتاب؟!
s-29 - شا كىچىك، مۇشۇ تاشنىڭ ئۆزى بىر كىتاب!
s-30 ئۇنىڭ قەۋەت - قەۋەتلىرى كىتاب ۋاراقلىرى، ئۆزى قېلىن كىتابقا ئوخشاپ تۇرمامدۇ.
s-31 گېئولوگنىڭ سۆزلىرى قەيسەرگە بەك قىزىق تۇيۇلدى.
s-32 - بوپتۇ، شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە خەت يوققۇ؟
s-33 - نېمىشقا يوق ئىكەن؟
s-34 ماۋۇ ئىزلارنى يامغۇر تامچىلىرى قالدۇرغان،
s-35 ئۇلارنى يامغۇر ئىزى دەيمىز.
s-36 ماۋۇ ئىزلار دولقۇنلارنڭ ئۇزاق يىللار ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان،
s-37 ئۇلار دولقۇن ئىزى، دېيىلىدۇ.
s-38 مانا بۇلارغا قارا،
s-39 يالتىراپ تۇرغان بۇ نەرسىلەر تاغ جىنىسلىرى.
s-40 بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ تاش كىتابنىڭ خەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
s-41 - ئەمسە، بۇنىڭدا رەسىملەرمۇ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى قەيسەر تېخىمۇ قىزىقىپ.
s-42 - بولمامدىكىن! قارا، بۇ يەردە يوپۇرماق بار ئىكەن،
s-43 مانا بۇ يەردە قۇلۇلىنىڭ، ئاۋۇ يەردە تېخى بىر كىچىك بېلىقنىڭ رەسىمىمۇ بار ئىكەن!
s-44 قەيسەر گېئولوگنىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى:
s-45 - راست - راستىنلا رەسىملەر بار ئىكەن.
s-46 - نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بۇ يەر بۈك - باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان قۇرۇقلۇق ئىكەن.
s-47 كېيىن قۇرۇقلۇق چۆكۈپ كېتىپ، بۇ يەر دېڭىزغا ئايلانغان.
s-48 يەنە تۈمەن مىڭ يىللاردىن كېيىن دېڭىز ئاستىنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن، بۇ يەر بىز تۇرۇۋاتقان ئېگىز تاغقا ئايلانغان.
s-49 - بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى قەيسەر ھەيران بولۇپ.
s-50 - مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپچۇ!
s-51 ئۇنى ئوقۇشنى بىلسەڭ، مەن ئېيتقانلارنىلا ئەمەس، يەنە قەيەردە كۆمۈر، قەيەردە تۆمۈر كېنى بار... دېگەنلەرنى بىلەلەيسەن. ئۇ دېگەن زور بايلىقنىڭ ئاچقۇچى!
s-52 قەيسەر تاش كىتابنى ئوقۇيالايدىغان بۇ كىشىگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىدى ۋە ئۆز - ئۆزىگە دېدى:
s-53 - بۇ بەك قىزىقارلىق ئىش ئىكەن،
s-54 چوڭ بولغاندا چوقۇم بۇنىڭدىنمۇ چوڭ كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان ئادەم بولىمەن.
s-55 قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار، شامال، چاقماق ۋە بۇلۇتلار، تاغ، دەريا ۋە دېڭىزلار، دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلار، ئۇچار قۇش ھاشارەت ۋە بېلىقلار... نى قوينىغا ئالغان تەبىئەت بىر رەڭدار رەسىملەر توپلىمى.
s-56 شۇنداقلا، ئۇ ئوقۇسا - ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان بىر قامۇستۇر.
s-57 تەبىئەت قوينىغا قەدەم قويسىڭىز، نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز، سىرلارنى بايقىيالايسىز.
s-58 بۇرۇنىسىدا، تارىم دەرياسى بويىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن ئۆتكەنىكەن.
s-59 ئەرنىڭ ئىسمى توغرۇل، ئايالنىڭ ئسمى ئايتۇغدى ئىكەن.
s-60 كۈنتۇغدى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن.
s-61 كۈنتۇغدى گۈلگە ئامراق ئىكەن،
s-62 شۇڭا دادىسى ھويلىغا خىلمۇخىل گۈللەرنى تېرىپتۇ.
s-63 ئۇزاق ئۆتمەي، گۈللەر ئۈنۈپ چىقىپتۇ ۋە كۈنسېرى بوي تارتىپتۇ.
s-64 كۈنتۇغدى ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ گۈللەرنى پەرۋىش قىپتۇ.
s-65 يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ھويلا گۈلزارلىققا ئايلىنىپتۇ،
s-66 ۋۇ باڭگو پاخورنىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكى ھەم شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسى سلوۋېنىيە دۆلەت سارىيى كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
s-67 2010 - يىللىق باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2015 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 55 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.
s-68 بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ھەربىي مۇسابىقىدىكى 5 تۈردە ئەڭ كۆپ چىمپيون بولغان دۆلەتكە ئايلاندى.
s-69 ئىگىلىنىشچە، ھايتىدىكى جۇڭگو مەبلىغىدە قۇرۇلغان ئاپپاراتلاردىكى 18 جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ھەممىسى تېن ئامان ئىكەن.
s-70 ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دەرھال كۈچ تەشكىللەپ تۇرۇپ قالغان خادىملارنى قۇتقۇزدى.
s-71 ھەمدە دۇنيا يەرمەنكسىىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەسس قىلىپ، دۇنيا يەرمەنكىسىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارغا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بىر تۇتاش بېجىرىپ بەردى.
s-72 يۇقىرى تېمپىراتۇرا توك ئىشلىتىش بېسىمىنى ئاشۇردى، دۆلەت ئېلېكتر تورىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك 14 ئېلېكتر تورىدا توك ئىشلىتىش يۇقىرى قىممىتى يارىتىلدى.
s-73 ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 'يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا قىسىم - پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسى ۋەزىپە'.
s-74 بۇلتۇر 6-، 7- ئايلاردا فۇجيەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە لاي–لايقا ئېقىنى كېلىپ قىسمەن رايونلاردا ئېغىر ئاپەت يۈز بەردى.
s-75 يۇرتداشلار مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، ئىشى بولسىلا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.
s-76 پارتىيە ۋە دۆلەت شىزاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرمەكتە.
s-77 بىر تۈركۈم ئىلمىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزىملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۆگىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئۈنۈملىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
s-78 پايدا تەڭ بولغانلىقتىن بۇ دىلودا تېلېگراف قوشۇمچە كەسپى بىلەن تەمىنلىگۈچى كۆز-قۇلاق بولغۇچىنىڭ رولىنى ئويناپ، تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ھامان ئالدى بىلەن ئېلان ۋاكالەتچىسىنى خەۋەرلەندۈرگەن.
s-79 شۇ تاپتا بالىلارنى دەپ بىز ئالتە جان خوككايدوغا ئىش ئىزدەپ كېتىۋاتىمىز.
s-80 _ بايا دېگەنلىرىڭىز راست بولسا، سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي.
s-81 خوجايىنىم خاكوداتېدا كاتتا باي، چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى.
s-82 ئەمما، يېشى 40تىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخى پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ باقمىدى.
s-83 شۇڭا خانىم مېنى: بالىلىرىدىن بىرەرىنى بالا قىلىۋېلىشىمغا بېرەمدىكىن، سوراپ باق، دەپ ئەۋەتتى.
s-84 ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان بالا ياخشى كۈن كۆرۈپلا قالماي، يەنە غوجىدارنىڭ مال-دۇنياسىغىمۇ ۋارىس بولالايدۇ تېخى.
s-85 ئۇنىڭدىن باشقا، خانىم سىلەرگە يۈز سوم پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيىتماقچى.
s-86 _ بۇغۇ بەلەن گەپ ئىكەن.
s-87 - دادا شۇنداق دېگىنى بىلەن چىرايىدىن مۇڭ-زار چىقىپ تۇراتتى،
s-88 ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى كۈتكۈچى ئايالغا، _ بۇ ئشنى بالىلارنىڭ ئاپىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بىر نېمە دەي، _ دېدى.
s-89 كەچتە پاراخۇت ساگامى-ناداغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئەر بىلەن خوتۇنى بالىلارنىڭ چوڭىنى يېتىلەپ ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىردى ۋە: _ ئەمىسە، بۇ ئوغلىمىزنى ئېپقالسىلا! _ دېدى.
s-90 ئۇلار نېرى-بېرى دېيىشمەيلا باشتا دېيشكىنى بويىچە پۈتۈشتى.
s-91 ئېسىلزادە خانىم ئۇلارغا يۈز سوم بەردى.
s-92 ئايرىلىدىغان چاغدا، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قىيالمىغىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىشقىنىچە ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىدىن چىقىشتى.
s-93 بىراق، ئەتىسى ئەتىگەندە پاراخوت بوسو-خانتو يېرىم ئارىلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇ ئەر نېمىشقىدۇر بەش ياشلىق ئوتتۇرانچى ئوغلىنى يېتىلىگىنىچە، كۆڭلى يېرىم ھالدا ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى.
s-94 ئاخشام ناھايىتى ئۇزاق ئويلاپ كەتتۇق، _ دېدى ئۇ،
s-95 نېمىلا قىلغان بىلەن ئوغۇللارنىڭ چوڭى ئەمەسمۇ.
s-96 ھەر قانچە نامرات بولساقمۇ، چىرىغىمىزنى ياندۇرىدىغانغا شۇ بولمىسا بولمايدىكەن.
s-97 ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ ئوغلىمىزنى خەققە بېرىۋەتسەك بولمىغۇدەك.
s-98 ماقۇل كۆرسىلە، ئوتتۇرانچى ئوغلىمىزنى بېرىپ، چوڭىنى قايتۇرۇۋالساق.
s-99 _ بوپتۇ، بوپتۇ! _ دېدى غوجىدار خانىم خۇشاللىق بىلەن.
s-100 بىراق، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بالىلارنىڭ ئاپىسى ئۈچ ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كىرىپ، تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا دېدى:

Text viewDownload CoNNL-U