Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 1 - 100 of 900 • previousnext

s-1 مەن بولسام شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆزۈم قەدىرلەپ سۆيگەن بىر قىزنىڭ تومۇرىدىكى ئىسسىق، قىزىل قېنىنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، كىمدۇر بىرىنىڭ ئاتلىق كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى كۈتەتتىم.
s-2 لېكىن مەندىن ئىبارەت بۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى قەتلى قىلغۇدەك ئۆزۈمدىن بۆلەك يەنە بىر تىرىك جان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
s-3 چۈنكى مېنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقتىكى ھاياتىم مىسالى بىر تور بولسا، مەن بۇ تورنى تولىمۇ ئەستايىدىل، تولىمۇ پۇختا رەۋىشتە توقۇپ چىققانىدىم.
s-4 بۇ تور ئىچىدە ياشاش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلىق بولسا بۇ توردىن ئازاد بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.
s-5 ناۋادا مەن بۇ تورنى بۇزۇپ تاشلىساملا بىر پۈتۈن جەمئىيەت تەرىپىدىن خۇددى بىر سېۋەت ئەخلەتتەك تاشلىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى.
s-6 بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قەلب قەسرەڭدىكى يارقىن ئوبرازىم كاۋا پېلىكىدەك قۇرۇپ، گۆشى يوق قۇرۇق ئىسكىلىت جازىسىغا ئايلىنىپ قالاتتى.
s-7 ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى كۆرگۈم يوق ئىدى.
s-8 بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھالاكىتىمنى قوبۇل قىلىشتىنمۇ مۈشكۈل ئىدى.
s-9 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىرادەمدە ئاشۇ تور ئىچىدە داۋاملىق ياشاۋېرىشكە نىيەت قىلدىم.
s-10 شۇنداق بولسىمۇ تەن چۆلۈمنىڭ يىراق باياۋانىدىكى روھىيەت بوشلۇقۇمدا كۈچلۈك بىر قارا بوران ۋەھىمىلىك ھۇۋلايتتى.
s-11 مېنىڭ يەككە ئىگىلىكتىكى ئاڭ قاتلىمىمدا يەر شارىنىڭ تەنھالىقى، ئىنسانىيەتنىڭ غېرىبلىقى تېنىم بىلەن قوشۇلۇپ روھىيەت بوشلۇقۇمدىكى ئاشۇ قارا بورانغا يەم بولاتتى.
s-12 پەقەت سېنىڭ بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭلا زۇلمەتنىڭ يىراق بىر بۇرجىكىدىكى سۈزۈك ۋە يېشىل بىر بوشلۇقتا ماڭا قاراپ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى.
s-13 ماڭا مەنسۇپ بولغان بۇ تەن ۋە روھىمدىكى بەرباتلىق خۇددى بىر بۆلەك ئېقىن سۈيى بولۇپ، زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق بوشلۇقتىن نۇر مەرۋايىتلىرى خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئاقاتتى.
s-14 ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئۇ سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇ نەرسە سېنى ئاستا - ئاستا نابۇت قىلىۋاتقان ھالاكەت ئىدى.
s-15 مەن ئۆز رېئاللىقىمدا لالە ئىسىملىك بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىم بىلەن، سەن ئۆز رېئاللىقىڭدا كامال ئىسىملىك بىر ئالۋاستىنى سۆيگەن ئىدىڭ.
s-16 ھەتتا سەن بۇ ئالۋاستىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا پەرىشتە سۈپىتىدە ھېس قىلىسەنۇ، لېكىن بۇ پەرىشتىنىڭ ئاغزى - بۇرنىنىڭ سېنىڭ ئىسسىق، قىزىل قان شەربەتلىرىڭ بىلەن بويالغان قارا پەرىشتە ئىكەنلىكىنى خىيال ۋاداڭدا ياكى پەرەز ئېكىنزارلىقىڭدا ئەسلا كۆكلەتمەيسەن.
s-17 ئەمما مەن ھامان قارا قانىتىم بىلەن سېنىڭ ھايات شاخلىرىڭدىن ئۈمىد مېۋىلىرىڭنى قاقىمەن.
s-18 قارا رەڭلىك يېقىملىق ئاۋازىمدا سېنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدىن بۇرۇن گۇگۇمدەك لەيلەپ يېتىپ كېلىۋاتقان ھالاكىتىڭنى كۈيلەپ سايرايمەن.
s-19 قارا قەلبىم بىلەن سېنىڭ روھ تېمىڭغا بىر سىقىم لايدەك چاپلىشىمەن.
s-20 «ئۆلۈم» دېگەن خەت يېزىلغان بارماقلىرىم بىلەن بوستان چاچلىرىڭنى تاراپ، يۈزلىرىڭنى سىلايمەن.
s-21 ئىسسىق نەپەسلىرىم بىلەن سېنىڭ روھىي قۇۋۋىتىڭنى ھۇزۇر بىلەن شورايمەن.
s-22 ھايات توغرىقىڭنىڭ ئۆمۈر يىلتىزىنى قۇرتتەك ئاۋايلاپ يەيمەن.
s-23 مېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىم تاكى سېنىڭ روھ قۇشۇڭ تەن قەسرىڭدىن پەرۋاز قىلىپ چىقىپ كەتكىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
s-24 قەدىرلىك لالە، مەن مۇشۇنداق قارا قىسمەت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قارا پەرىشتىگە، ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن.
s-25 ئۇ چاغلاردا ھەر ئىككىمىز قەلبى گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار، شېرىن ئەسلىمە گۈللىرى بىلەن كۆركەم بېزەلگەن 18 ياشلاردىكى بالىلار ئىدۇق.
s-26 بۇرۇتلارنىڭ خەت تارتىپ قېلىشى، قىزلىق زىنىخلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىزنىڭ بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆتۈۋاتقانلىقىمىزدىن ئۈنسىز بېشارەت بېرەتتى.
s-27 ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيى شەھەردىن يىراقتىكى ناھىيىدە بولۇپ، ھەر ئىككىمىز ناھىيە مەركىزىدىكى توپا تاملىق كونا مەكتەپنىڭ يۈزلىرى يېرىق، ئادەم ئولتۇرۇپ بولغىچە مىدىرلاپ يېقىمسىز ئاۋازدا غىچىرلاپ كېتىدىغان، جىگەررەڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغاچ پارتا - ئورۇندۇقلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق.
s-28 ئۆيىمىز بولسا ئارا تام قوشنا ئىدى.
s-29 مەن ئېسىمنى بىلسەم سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇۋاتقانىكەنمەن.
s-30 سەن شۇنداق ياۋاش قىز ئىدىڭ.
s-31 ئۆيۈڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ھاردىم - تالدىم دېمەي قىلاتتىڭ،
s-32 سەھەرلەردە مەن بىلەن بىللە ماللارغا ئوت ئەكېلەتتىڭ.
s-33 شۇنداقتىمۇ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ ساڭا بۇزۇق كانايدەك كاركىراپ ۋارقىراشلىرى، سېنى شۇمدىن شۇمغا سېلىپ تىللاپ ئۇرۇشلىرىنى پات - پات ئاڭلاپ، كۆرۈپ قالاتتىم.
s-34 بۇنداق چاغلاردا سەن مەھەللە كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمدىلەتىن بالا بويى بولۇپ ئۆسكەن قويۇق، دىمىق قوناقلىق بويىدا ئۇزاقتىن - ئۇزاق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ.
s-35 گاھىدا يۈز قىسمىڭدا، گاھىدا بويۇن ياكى بىلەكلىرىڭدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان توق قىزىل رەڭلىك تاياق ئىزلىرى ماڭا خۇددى سېنى چېقىۋاتقان زەھەرلىك يىلاندەك، ياكى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى كۆزىدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى.
s-36 بالىلىق خىياللىرىمدا بولسا ئۇ زەھەرلىك يىلاننى كۆك چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈم، داداڭنى قانداقتۇر بىر سېھىر - ئەپسۇن بىلەن ساڭا زۇلۇم سالالماس قىلىپ قويغۇم كېلىپ كېتەتتى.
s-37 راستىنى دېسەم، ساڭا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيتتى.
s-38 تاياق ئىزى قېتىپ قالغان يۈز - بەدەن، بويۇن - بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل رەڭلىك جاراھەتلەرگە قاراپ كىچىككىنە تېنىڭدىكى بىر ئوتلام تاتلىق جېنىڭنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
s-39 سەن بولساڭ خۇددى روھىڭ تېنىڭدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئۈنسىز ئولتۇراتتىڭ.
s-40 سېنى يەنە ئۇردىمۇ، لالە؟
s-41 يېنىڭغا كېلىپ بوش، ئەمما سەمىمىي ئاۋازدا سەندىن سورايتتىم.
s-42 ئۇ چاغلاردا جاراڭلاپ چىقىدىغان ئاۋازىمنىڭ نېمىشقا بوش چېقىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم.
s-43 سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلەكلىرىڭدە ماغدۇرسىز ياتقان بېشىڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن سۇسلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتىڭ.
s-44 كۆزۈم لېۋىڭدىكى ئاشۇ سۇس كۈلكە بىلەن قوشۇپ ئىككى كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياش تۇمانلىرىنى بىرگە كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى.
s-45 سەن مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا ئاشۇنداق سۇس كۈلكە بىلەن جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن بېشىڭنى يەنە قايتا ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلىكىڭگە ئاستا قويۇپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمۈپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ كېتەتتىڭ.
s-46 بۇ چاغدىكى سەن خۇددى بىر پارچە چىرايلىق تاشقا ئايلىنىسەنكى، بالا بويى ئۆسكەن قوناق شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىمۇ، تومۇزغا - چېكەتكىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇلاپ يېقىمسىز سايراشلىرىمۇ سېنىڭ ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سۈكۈتۈڭگە دەخلى قىلالمايتتى.
s-47 مەن بولسام ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە چىرايلىق تاشقا قاراپ ئىچ ئاغرىقى تارتقان ھالدا كۆزلىرىمنى چىمىلداتقىنىمچە تۇرۇپ قالاتتىم.
s-48 سەن بولساڭ يېتىم قوزىدەك بويۇن قىسىپ ئولتۇراتتىڭ.
s-49 خۇددى بىز ئوقۇغان چۆچەكلەر ئىچىدىكى يەنە بىر چۆچەكتە يىرتقۇچ بۆرە ئوماق، گۇناھسىز قوزىچاقنى يېيىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۇتامى يوق سەۋەبلەرنى ئاق يەردىنلا تاپقاندەك، سۆرۈن تەلەت داداڭمۇ ساڭا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن تۈكى يوق سەۋەبلەرنى تېپىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى.
s-50 مەن بالىلىق خىياللىرىمدا ئۇ سۆرۈن تەلەت داداڭنى ساڭا زۇلۇم قىلمىسا خاتىرجەم يۈرەلمەمدىغاندۇر، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.
s-51 لېكىن سەن كۆزلىرىڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياشلارنى زادىلا كۆز قارىچۇقۇڭنىڭ سىرتىغا چىقارمايتتىڭ.
s-52 ئەكسىچە ئۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك ياش تامچىلىرىنى كۆز زېمىنىڭدىكى مۇنبەت تۇپراق باغرىغا سىڭدۈرۈپ تاشلايتتىڭ.
s-53 دەۋرەپ تۇرغان كۆز ياشلىرىڭغا تۇغان سېلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەت ئىدى.
s-54 مەن كۆپ ھاللاردا چوڭلار بالىلارنى نېمىشقا ئۇرىدىغاندۇر دەپ ئويلايتتىم.
s-55 لېكىن بالىلىقتىكى گۆدەك، ساددا تەپەككۇرۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب تاپالمايتتىم.
s-56 كىچىككىنە مېڭەم بولسا مانا مۇشۇنداق جاۋابى يوق سوئاللار بىلەن ئاشلىق بېسىلغان ئامباردەك توشۇپ كېتەتتى.
s-57 كامال، سەن تاياق يەپ باققانمۇ؟
s-58 سەن تىزىڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمشاق ۋە ئاق بىلەكلىرىڭ ئۈستىدە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقان بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ.
s-59 ئاۋازىڭ ئۇزاق يىل ئېغىر كېسەل تارتىپ ماغدۇرى قالمىغان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك تىترەڭگۈ ۋە جانسىز بولۇپ، ھەسرەت تۇمانلىرى لەيلەپ تۇرغان بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ نامەلۇم بىر خىيال شولىلىرى ئىچىدە نەگىدۇر بىر يەرگە ئىپادىسىزلا تىكىلىپ قالغانىدى.
s-60 سېنىڭ تولىمۇ ئاددىي، بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى بىلەن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرغان قەلب قەسرەڭدىن كۈزدىكى دەرەخ شېخىدىن ئۈزۈپ چۈشۈۋاتقان سارغۇچ ياپراقتەك لەيلەپ چىققان سوئالىڭ گوياكى يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە قىزىل چوغدەك يۈرەك - باغرىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈپ، ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ ئۆتتى.
s-61 كاللام بولسا ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلۈك چۆللۈكتەك قۇپقۇرۇق ھەم جىمجىت ئىدى.
s-62 بۇ قۇپقۇرۇق ئۆلۈك چۆللۈكتە ھەتتا بىر تىنىق ھاۋامۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
s-63 لېكىن بۇ ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان چۆللۈكنىڭ چەكسىز كەتكەن تۆت بۇلۇڭىدىن سېنىڭ ئاۋازىڭ خۇددى غايىبتىن كېلىۋاتقاندەك ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى.
s-64 مەن بولسام بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازنىڭ تاۋۇش مەركىزىدە كۆز يەتكۈسىز يىراق كۆككە قاراپ خۇددى شامال چاقپەلىكىدەك توختاۋسىز پىرقىرايتتىم.
s-65 پۈتۈن چۆل، پۈتۈن ئاسمان باش ئۈستۈمدە نۇر چېچىپ يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بىلەن قوشۇلۇپ چۆرگىلەيتتى.
s-66 مەن ئىچىمنىڭ قىزىپ، كالپۇكلىرىمنىڭ قۇرۇپ گەز باغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇچۇق چىققاندەك تىكەنلىشىپ كەتكەن تىلىمدىن ئىبارەت بىر پارچە يۇمشاق، ئىسسىق، نەم گۆش پارچىسىنىڭ تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
s-67 بوغۇزۇمدا يارىلانغان ئاھۇنىڭ نىداسىدەك ئاچچىق بىر يىغا ئېسەدەيتتى.
s-68 بۇغدىيىكىم توختىماي لىكىلداپ، كېكىردىكىمدىكى غۇرتۇلدىغان ئاۋاز ئۆزۈمگە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
s-69 قوناقلىقتىن قوناق ياپراقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى.
s-70 ياز ئېيىنىڭ دىمىق ھاۋاسى كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى.
s-71 چېكەتكىلەرنىڭ يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلداشلىرى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مېڭىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يوتقان يىڭنىسىنىڭ ئۇچىدەك گىرتىلداپ سانجىلاتتى.
s-72 كۆز ئالدىمدا بولسا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىسىز كۆزىدىن بىلگىلى بولمايدىغان لالە ئىسىملىك سەندىن ئىبارەت چىرايلىق بىر تاش جىمجىت ئولتۇراتتى.
s-73 لېكىن كۆز ئالدىمدا جىمجىت ئولتۇرغان بۇ چىرايلىق تاشنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدا، يۈرەك باياۋانىدا، روھىيەت بوشلۇقلىرىدا مىسكىنلىكنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
s-74 بوغۇزۇمغا لىققىدە قاپلىشىپ قالغان قىرتاق بىر چاپلىشاڭغۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن دىماغلىرىم ئېچىشاتتى.
s-75 چوڭ ئاكاڭ ئەبەيدۇللا مېنىڭ كەينىمدىن يۈرۈپ پىشقان دېھقان بولۇپ كەتتى.
s-76 ئۇ ھازىر ئون مو يەرنىڭ خوجايىنى بولۇپ، تۆت بالىسىنى كەينىگە سېلىپ، رىزقىنى يەردىن تېپىپ يەۋاتىدۇ.
s-77 ئىككىنچى ئاكاڭ ئەستۇللا بولسا تۇتقان - قويغىنىنى بىلمەيدىغان بالا بولدى.
s-78 ئاشۇ چاغدا قىزىل چىقىپ، بىر قىزىغان باھانە بىلەن ئوڭ - تەتۈرىنىڭ پەرقى يوق چوڭ بولدى.
s-79 ئەتىدىن كەچكىچە كۈيلىگەن بۇغرىدەك ئېغىزىدىن شالىسىنى ئېقىتىپ يول بويىدا سالتا - سۇلتۇڭ يۈرگىنى يۈرگەن.
s-80 يېشى 50قا بېرىپ قالغىنى بىلەن خوتۇن زاتىنىڭ قانداقلىقىنى، ئۆي دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
s-81 ئاناڭ رەھمىتى بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويساق دېگەن ئويدا قىز سوراپ بارمىغان مەھەللە - كوي، بويۇن قىسىپ ئاتلىمىغان بوسۇغا - داۋان قالمىدى.
s-82 ئەقلى - ھوشى جايىدا بولمىغان بالىغا قىز بېرىدىغان ئاتا - ئانا نەدە تۇرۇپتۇ؟
s-83 ئۇنى يارىتىپ بىر تەكىيەگە باش قويۇشنى خالايدىغان قىز - چوكان نەدە يۈرۈپتۇ؟
s-84 مانا، ئاكاڭ تېخىچە سالتاڭ پېتى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.
s-85 ئاچاڭ بىلەن سىڭىللىرىڭ ئۆز ئۆيىدە،
s-86 ئەرلىرىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ، بالىلىرىنىڭ دەردى - پىراقىدا سەدپارە بولۇپ مورىدىن ئەمەس، چوققىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتىدۇ.
s-87 مانا ئەمدى سەنمۇ بويۇن قىسىپ ئالدىمغا كەپسەن.
s-88 ئاڭلىسام سەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت ۋەيران بوپتۇ،
s-89 ئىشلىگەن ماللىرى سېتىلماي تاقىلىپ قاپتۇ،
s-90 بۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بالام.
s-91 مۇشۇ كۈنلەرگىمۇ 100 مىڭ قەترە شۈكۈر.
s-92 كۆپچىلىك ۋاڭ-چۇڭ قىلىشىپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
s-93 ئولار گالىلېينىڭ رەسۋا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە تەييارلاندى.
s-94 گالىلېي قىيسىق مۇنارغا چىقىۋاتقاندا ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىسقىرتتى.
s-95 ئۇ بىر قولىغا ئون قاداق كېلىدىغان، يەنە بىر قولىغا بىر قاداق كېلىدىغان قوغۇشۇن شاركچىنى ئېلىۋالغانىدى.
s-96 ۋاقىت توشقاندا گالىلېي ئىككى قوغۇشۇن شاركچىنى مۇنار ئۈستىدىن بىرلا ۋاقىتتا پەسكە تاشلىدى،
s-97 كىشىلەر ئاۋال زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتى.
s-98 ئاندىن كېيىن ھەيران قېلىپ پىچىرلاشتى.
s-99 ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئىش يۈز بەرگەنىدى!
s-100 ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قوغۇشۇن شار مۇنارنىڭ ئۈستىدىن تەڭ تاشلىنىپ، بوشلۇقنى تەڭ كېسىپ. يەرگە تەڭ چۈشتى.

Text viewDownload CoNNL-U