s-202
| بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالىسى. |
s-203
| ئاكا، بىز بېشىڭدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپتىمىز، خۇددى قۇياشنى چۆرىدىگەن سەييارىلەردەك. |
s-204
| راسىت، بىز ئاجايىپ سەييارىلەر ئىدۇق، |
s-205
| سېنى دەۋر قىلىپلا چۆرگىلەيتتۇق. |
s-206
| سەن بىزگە نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايتتىڭ. |
s-207
| قۇياشنىڭ قۇدرىتى بولمىسا، سەييارىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆز سىزىقىدا چۆرگىلىتەلمەيتتى. |
s-208
| سەنمۇ شۇنداق، سەندىمۇ شۇنداق بىر قۇدرەت بولمىغان بولسا، بىزنى ئەتراپىڭغا ئولاشتۇرالمىغان بولاتتىڭ. |
s-209
| بۇ قۇدرەت مېھىر _ ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى ئىدى. |
s-210
| سەن ئاكا ئىدىڭ، لېكىن ئاكىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەڭ چۈشەنگەن ئاكا ئىدىڭ. |
s-211
| خادىكنىڭ ئالدى چاقى قايسى يول بىلەن ماڭسا، كەينى چاقلىرىنىڭمۇ شۇ يولغا چۈشۈپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ. |
s-212
| ئاتا-ئانام سېنىڭ پەرۋىشكار گۈلچىڭ ئىدى، |
s-213
| سەن خۇش پۇرىقىڭ بىلەن ئۇلارغا بەھرە بەرگۈچى ئىدىڭ. |
s-214
| بۇ خۇش پۇرىقىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىمۇ بەھرىمەن قىلاتتى. |
s-215
| «دادام ياشىنىپ قالدى. جىق جەبىرلەرنى چەكتى، ئۇكام، ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى مەن بولساممۇ كۆتۈرۈشۈپ بەرمىسەم بولماس» دېگەنلىرىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە، ئۇ سېنىڭ ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلى بىلەن تېخى خوشلىشىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلىرىڭ ئىدى. |
s-216
| سەن تېخى خوشلىشىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلىرىڭ ئىدى. |
s-217
| سەن تېخى ياشلىققا قەدەم قويمايلا، تېخى بېلى قاتمىغان تايدەك مەزگىلىڭدىلا تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى زىممەڭگە ئالدىڭ. |
s-218
| ئېسىمدە، ئۇ بىللە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى. |
s-219
| سەنمۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ، |
s-220
| بىلىم ئېلىشقا بىلىملىك بولۇشقا تولىمۇ قىزىقاتتىڭ، |
s-221
| لېكىن تۇرمۇشنىڭ قىستىشى ۋە ئاكىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلى، سەن ئۇ قىزىقىشتىنمۇ ۋاز كەچتىڭ. |
s-222
| شۇ چاغدا: «سەن بولساڭمۇ ياخشى ئوقۇغىن، ئۇكام، سەن ئارزۇيۇڭغا يەتسەڭ، مەنمۇ ئارزۇيۇمغا يەتكەندەك خۇش بولىمەن» دېگىنىڭ ھېلىغىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. |
s-223
| شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇغان ۋاقىتلىرىم سېنىڭ تۇرمۇش دارىلفۇنۇنلىرىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭ بولدى. |
s-224
| مەن كۈندە كىتاب، دەپتەرلىرىمنى ئېلىپ مەكتەپكە ماڭىمەن. |
s-225
| سەن ئەندۇۋا، چوبگەزلىرىڭنى كۆتۈرۈپ ئىشقا ماڭىسەن؛ |
s-226
| چۈشتە مەن ئۆيگە قايتىپ ئەمگىكىڭنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئىسسىق تاماقنى يەيمەن. |
s-227
| سەن يىراق ئىش مەيدانلىرىدا قايناقسۇغا چىلاپ قۇرۇق ناننى يەيسەن؛ |
s-228
| كەچقۇرۇن مەن تايچاقتەك سەكرەپ - ئويناقلىشىپ مەكتەپتىن يانىمەن، سەن ئۈستۋېشىڭ توپا، ھارغىن ھالەتتە ئىشتىن يانىسەن. |
s-229
| لېكىن، دادامنى، ئانامنى، بىزنى _ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىڭنى كۆرگەندە ھاردۇقۇڭ چىقسا كېرەك، كۈلىسەن. |
s-230
| شۇ كۈلكىلىرىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى كىچىكلىكىمدە چۈشەنمىگەنىكەنمەن، كېيىن چۈشەندىم. |
s-231
| ئۇ بالدۇرلا چوڭ بولۇپ كەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ ئىپتىخار كۈلكىسى ئىكەن. |
s-232
| شۇ كۈلكىنىڭ ئاجايىپ ساپ، ھالال ۋە ۋىجدانلىق يۈرەكنىڭ مەمنۇنىيەت بىلەن ياڭراتقان چىن ئىنسانلىق خىتابى ئىكەنلىكىنى كېيىن، بەكمۇ كېيىن ھېس قىلىپ يەتتىم. |
s-233
| سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىر ئۆمۈر شۇنداق كۈلۈپ ئۆتتۈڭ. |
s-234
| ئاكا، ئەمدى جىملا ياتىسەنغۇ؟ |
s-235
| ئۇنداق قىلما ئاكا، بىر كۈلگىن، بىر كۈلىۋەتكىنە! |
s-236
| شۇ كۈلكەڭ بىلەن بىزمۇ كۈلەيلى، جاھانمۇ تەڭ كۈلسۇن. |
s-237
| كۈلكىسىز جاھان ئادەمگە بەكمۇ قورقۇنچلۇق، سوغۇق بىلىنىدىكەن، خۇددى جاھان ئەمەستەك، ئەھمىيەتسىز بىلىنىدىكەن. |
s-238
| ھەممىمىز بېشىڭدا قارا قۇشقاچتەك چۇۋۇرلىشىۋاتىمىز، نالە قىلىۋاتىمىز، ئاكا!. |
s-239
| «ئاكا» دېگەن بۇ سۆزدە نەقەدەر ۋەزىن بار-ھە! |
s-240
| راست، سەن ئاكا ئىدىڭ، بىزگە ئەسلىي ئاكىلا ئىدىڭ، لېكىن سېنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىڭ ئاكىلىقتىن جىق ئېشىپ كەتتى. |
s-241
| دادام رەھمىتىنىڭ ئاشنى ئالدى بىلەن بىزگە بېرىپ، ئاشقىنىنى ئۆزى يەيدىغان، ناننىڭ يۇمشىقىنى بىزگە بېرىپ، قاتتىقىنى ئۆزى غاجايدىغان ئادىتى بار ئىدى. |
s-242
| بۇ ئادەت دادامدىن ساڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى. |
s-243
| ھەر قانداق ئىشنىڭ جاپاسى سېنىڭ، راھىتى بىزنىڭ بولدى. |
s-244
| بىز ئۇنىساقمۇ شۇنداق بولدى، ئۇنىمىساقمۇ شۇنداق بولدى. |
s-245
| ئاناڭنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ ھاجىتى راۋا بولماي تۇرۇپ، ئۆزۇڭنىڭ ھېچقانداق ھاجىتىڭنى راۋا قىلىشنى خالىمىدىڭ. |
s-246
| سەن بىزگە ئاكا ئىدىڭ، لېكىن سەن بىزگە ئاتىمۇ بولدۇڭ. |
s-247
| راست، ئاتا ئىزىنى ئوغۇل باسىدىكەن، ھەقىقىي ئوغۇل بالا باسىدىكەن. |
s-248
| سەن سايىۋەن بولغاچقا، بېشىمىزغا كۈن چۈشمىدى، |
s-249
| سەن يۆلەپ تۇرغاچقا، ھېچقايسىمىز تۇرمۇش داۋانلىرىدا يىقىلىپ قالمىدۇق. |
s-250
| ئېگىز داۋانغا چىققاندا كەينىگە بۇرۇلسا، باسقان مۇساپىنى، ئالدىغا قارىسا، ماڭىدىغان يولنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىكەن. |
s-251
| سەن بىزنى دەل مۇشۇنداق داۋانغا يېتەكلىگۈچى ئىدىڭ. |
s-252
| بىز سەن بىلەن بىللە ئەقىل يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تۈنۈگۈنىمىزنى يەكۈنلەيتتۇق، بۈگۈنىمىزگە نەزەر تاشلايتتۇق، ئەتىمىزنى مۇلاھىزە قىلاتتۇق، |
s-253
| ھاياتلىق مۇستەقىل ياشاشنى ئۆزىگە تۈۋرۈك قىلغان، ئۇنىڭسىز كىشلىك تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. |
s-254
| ئادەم بالىسى دەسلەپتە كۆتۈرۈشكە، سەل چوڭايغاندا يۆلەشكە، يېتىلەشكە مۇھتاج بولىدۇ، لېكىن ئۇ ھامان مېڭىشى، ئۆزى مۇستەقىل مېڭىشى كېرەك. |
s-255
| بۇ ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسى. |
s-256
| سەن بۇ نۇقتىنى چۈشىنەتتىڭ، |
s-257
| شۇڭا بىزنى غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، جۇشقۇن، قەيسەر بولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتىڭ. |
s-258
| شۇڭا بىزگە تەلەپچان ئىدىڭ، |
s-259
| بىزنىڭ سەل بوشاپ قېلىشلىرىمىزمۇ سېنىڭ دىققىتىڭنى تارتاتتى، |
s-260
| يولدىن سەل قېيىپ كېتىشلىرىمىزمۇ، بىلىپ-بىلمەي ئېزىشلىرىمىزمۇ سېنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. |
s-261
| بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويساق، لاپپىدە مەنىلىك قاراپ قويۇشلىرىڭ، بىر خاتاغا يول قويغىنىمىزدا، مىيقىدا كۈلۈشلىرىڭ ياكى كايىشلىرىڭ قانداقمۇ كۆز ئالدىمىزدىن كەتسۇن؟! |
s-262
| لېكىن سەن ھازىر كۆزۈڭنى ئاچماي ياتىسەن، |
s-263
| سېنىڭ كۆزۈڭ يۇرۇق دۇنيانى كۆرمەي ياتسا، بىزنىڭ كۆزىمىزگىمۇ قاراڭغۇلۇق تىقىلىدىكەن. |
s-264
| بۇ جاھان بىزگە بەكمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ. |
s-265
| زۇلمەت قوينىدىكى دۇنيا قۇياشنىڭ كۈلۈپ قارىشىغا ئىنتىزار بولغىنىدەك، بىزمۇ سېنىڭ كۆزۈڭنى ئېچىپ بىر قارىشىڭغا شۇنچە تەشنا بولۇۋاتىمىز. |
s-266
| ئاكا، كۆزۈڭنى بىر ئاچقىنا، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان كۆڭۈللىرىمىز پاللىدە بىر يۇرۇپ كەتسۇن! |
s-267
| كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا! تۇرالمىساڭ، بىز يۆلەپ تۇرغۇزايلى، |
s-268
| سەنمۇ بىزنى ئۆمۈر بويى يۆلەپ ئۆتكەنىدىڭ، |
s-269
| بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىز ئەمدى سېنى بىر ئۆمۈر يۆلەپ يۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى. |
s-270
| ئۆمۈر بويى سېنى ھاپاش قىلىپ يۈرسەكمۇ مەيلى. |
s-271
| كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا، بىزگە لاپپىدە بىر قارىغىنا! |
s-272
| «ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم» دەيدىكەن دانالىرىڭ. |
s-273
| بۇ زادى نېمىشقا شۇنداق؟ نېمىشقا شۇنداق؟ جاۋاب بەر دۇنيا! |
s-274
| سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن. |
s-275
| بەقەسەم تون كىيگەن 30 ياشلار چامىسىدىكى ئاقپىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى. |
s-276
| ئۇ مەكتەپ سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، تىزگىننى يەڭگىل تارتتى. |
s-277
| ئات توختاپ، سوزۇپ-سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى-دە، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى. |
s-278
| دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا قارا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى-دە، يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى ۋە ئېگىلىپ سالام قىلدى: |
s-279
| _ تىنچ-ئامان كەپلا، شىياۋجاڭ. |
s-280
| ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى. |
s-281
| _ خوش، بۈگۈن نىمە بولدى؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ؟ |
s-282
| _ مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سىلىنىڭ «تۆگە دۆڭ»دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى. |
s-283
| مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ چىرايى سەل ئېچىلغاندەك بولدى، |
s-284
| سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى. |
s-285
| خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇلغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى. |
s-286
| يازلىق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سايرام كۆلىگە باردۇق. |
s-287
| بىز بۇ يەردە ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. |
s-288
| كۆز ئالدىمىزدا بىپايان كۆك > دېڭىز > يېنىك چايقىلىپ تۇراتتى. |
s-289
| ئېگزلىكتىكى بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ مەھلىيا قىلاتتى. |
s-290
| بىز يۈگۈرگىنىمىزچە كۆل بويىغا باردۇق. |
s-291
| كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، توپ - توپ ئاققۇلار ئۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. |
s-292
| تاغ شامىلى كۆل سۈيىنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، سۇ يۈزىدە قات - قات يېنىك دولقۇنلار پەيدا بولاتتى. |
s-293
| سۇ بىردەم كۈمۈش رەڭدە، بىردەم يېشىل رەڭدە چاقنايتتى. |
s-294
| يەنىمۇ يىراققا قارىغۇدەك بولسىڭىز، بېلىقلار ئەركىن پىلتىڭلاپ ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. |
s-295
| كۆل شاۋقۇنى بىزگە گەپ قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق پىچىرلايتتى. |
s-296
| سىڭلىم ئىككىمىز كۆل سۈيىنى ئوچۇملاپ ئېلىپ يۈزىمىزنى يۇدۇق. |
s-297
| دادامنىڭ ئېيتىشىچە، سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 90 مېتىر كېلىدىكەن، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى 23 كىلومېتىر ئىكەن. |
s-298
| بىز كېمە توختىتىش مەيدانىغا كەلدۇق. |
s-299
| كاتېرغا چۈشۈپ ئوينىدۇق. |
s-300
| كاتېر ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە، بىز كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتىمىز. |
s-301
| كاتېر كۆلنى بىر ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن قىرغاققا قايتتى. |