s-103
| كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئۇنى بېرىۋەتسەم، قېينانامنى تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن، |
s-104
| ئېرىمغىمۇ يۈز كېلەلمەيدىكەنمەن. |
s-105
| ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بەش ياشتا، |
s-106
| ئەس كىرىپ قالدى، |
s-107
| ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. |
s-108
| شۇڭا، قىزىمنى ئېلىپ قېلىپ، ئوغلۇمنى بېرىۋەتكەن بولسىلا. |
s-109
| غوجىدار خانىم قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل باشقىچە بولۇپ قالدى. |
s-110
| بىراق، ئاپىسىنىڭ بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ، ماقۇل دېمەكتىن باشقا چارە تاپالمىدى. |
s-111
| ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. |
s-112
| ئەتىسى چۈشتە پاراخوت خوككايدوغا يېتىپ باراي دەپ قالغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىرگە ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى ۋە غوجىدار خانىمغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. |
s-113
| _ ۋوي، نېمە بولدۇڭلار؟ _ غوجىدار خانىم دەرھال ئۇلاردىن سورىدى. |
s-114
| _ زادىلا چىدىيالمىدۇق، _ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن شۇنداق دەپلا يەنە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: |
s-115
| _ ئەسلىدىغۇ مۇنداق كەم ئەقىللىق قىلمىساق بوپتىكەن. |
s-116
| ئاخشام ئىككىمىز مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، ئەمدى گېپىمىزدىن يېنىۋالمايمىز، |
s-117
| قىزىمىزنىڭ مېھرىدىن كەچكىنىمىز كەچكەن، دېيىشكەنىدۇق. |
s-118
| بىراق، ئۇ بەكلا كىچىك، نېرى–بېرى ئويلاپ، ئەنسىرەپ، كېچىچە كىرپىك قاقمىدۇق. |
s-119
| ھېچ ئىش ئۇقمايدىغان كىچىككىنە بىر بالىنى خەققە بېرىۋەتسەك، ھەتتا مەن ئۆزۈمنىمۇ سەن نېمىدېگەن تاش يۈرەك دادا–ھە، دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمەن. |
s-120
| ئۆزلىرى بەرگەن پۇلنى تولۇقى بىلەن ئېلىۋېلىپ، قىزىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسىلە بوپتىكەن. |
s-121
| بىر ئائىلىدىكى ئالتىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەكمۇ ئۆلەيلى دېدۇقكى، بىر بالىمىزنىمۇ تاشلىۋەتكۈمىز كەلمىدى. |
s-122
| بۇ سۆزنى ئاڭلاپ خانىمنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى. |
s-123
| _ ھەممىگە مەن ئەيىبلىك، _ دېدى ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە، |
s-124
| _ كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، گەرچە بالا يۈزى كۆرمىگەن بولساممۇ، ئاتا-ئانا ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشىنىمەن ھەمدە سىلەرگە تولىمۇ مەستلىكىم كېلىدۇ. |
s-125
| بوپتۇ، قىزىڭلارنى قايتۇرۇپ بەرسەم بېرەي. |
s-126
| پۇلغا كەلسەك، ئۇنىمۇ ئېلىڭلار. |
s-127
| سىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭلارغا بولغان مىننەتدارلىقىم بولۇپ قالسۇن. |
s-128
| شۇنداق قىلىپ، بىر ئائىلدىكى ئالتەيلەن يەنە جەم بولۇشتى. |
s-129
| _ ئۇ نېمىنىڭ ئاۋازى؟ _ سورىدى چوكان. |
s-130
| ھارۋىكەش چۆچۈدى. |
s-131
| چوكاننىڭ ئېرى جاۋاپ بەرمەستىن پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاۋازنى ئاڭلىماقتا. |
s-132
| ناھايتى مودا ياسانغان ياش چوكان، قاپقارا مايلانغان بۈدۈر چېچىغا، يۈز-كۆزلىرىگە توپىلىق يولنىڭ ئاچچىق شور توپىسىنىڭ قونۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۈتۈنلەي ئورىۋالغىنىچە، ئېرىدىن ماي تارتىپ ئولتۇراتتى. |
s-133
| ئات ھارۋىسى ئېگىز-پەس توپىلىق يولدا قوپال تەۋرىتىلگەن بۆشۈكتەك چايقىلىپ ماڭماقتا. |
s-134
| ئۇنىڭ ئېرى ھەربىي ئىدى. |
s-135
| ئۇلار توي قىلغاندىن بېرى، ئۇ ئېرىنىڭ يۇرتى تۈگۈل، ئاتا–ئانىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، مانا ھازىر تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى. |
s-136
| ئۇلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئات ھارۋىسىغا كىرا قىلىپ يولغا چىققاندا، ئوڭغۇل-دوڭغۇل توپىلىق يول، ئۇنىڭدىن كۆتۇرۈلگەن قويۇق چاڭ-توپا، يول بويىدىكى كۈز ئاپتىپىدا سارغىيىپ پىشقان قاتار جىگدىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىپايان شورلۇق، قاقاس تۈزلەڭنى كۆرۈپ، ياش چوكاننىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، ئۆزىنى چۈمكىۋالغانىدى. |
s-137
| _ ۋاي-ۋۇي، ماۋۇ توپىلارنى، نېمىدىگەن بېزەپ يول، نېمىدىگەن تولا توپا بۇ، توپىغا كۆمۈلۈپلا كېتىدىغان بولدى كىشى. |
s-138
| ماۋۇ گىياھسىز قاقاسلىقنى كۆرۈڭ. |
s-139
| ۋوي سادىق، يۇرتۇڭ مۇشۇنداق قاقاسلىق دېگىنە، |
s-140
| ۋاي بىچارىلەرەي، بۇنداق يەردە قانداق جان باقىدۇ كىشلەر، |
s-141
| مۇشۇنچىلا يەردە ھېچ نەرسە بولمىسا. |
s-142
| ھارۋىكەشنىڭ جۇدۇنى تۇتتى. |
s-143
| سادىق ئايالىغا ئالىيىپ قويۇۋىدى، سۆزلەشتىن توختىدى. |
s-144
| ھارۋا قوپال سىلكىسىمۇ، يىراقتا قارىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرەخلىك يېزىدىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان قوڭغۇراق ئاۋازىنى سادىق پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. |
s-145
| ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى ئاشۇ ئاۋازدا قالغانىدى. |
s-146
| ھارۋىكەشمۇ سادىقنى يىراقتىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان ئاشۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالماي قالمىسۇن دېگەندەك ئاتنى ئىلگىرىكىدەك ۋارقىراپ-جارقىراپ ھەيدەشتىن، ئۈنسىز ھالدا ئانچە-مۇنچە قامچىلاپ ھەيدەشكە ئۆتتى. |
s-147
| ئۇ پات-پات سادىققا يەر ئاستىدىن سىنچىلاپ قاراپ قويدىيۇ، گەپ قىلمىدى. |
s-148
| _ سادىق، سىزدىن سوراۋاتىمەن، ئۇ نېمىنىڭ ئاۋازى؟ _ سادىقنىڭ ئايالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ يەنە سورىدى. |
s-149
| _ قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى. |
s-150
| بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇن مەكتەپ يوق، بىرلا سىنىپ بار ئىدى. |
s-151
| ئۇ قوڭغۇراق ئاشۇ سىنىپنىڭكى. |
s-152
| مەن ئاشۇ سىنىپتا باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەن. |
s-153
| _ ھاياجانلانغان سادىق شۇنچىلىك سۆزلەپ توختاپ قالدى. |
s-154
| _ ھازىرمۇ ئاشۇ بىرلا سىنىپ بارمۇ؟ |
s-155
| _ ياق، ھازىر چوڭ مەكتەپ بار. |
s-156
| _ سىزنىڭ مەھەللىڭىزدىما؟ |
s-157
| _ ياق، سەل يىراققا كۆچۈپ كەتتى. |
s-158
| _ ھازىر ئۇ قوڭغۇراق سىزنىڭ مەھەللىڭىزدە؟ |
s-159
| _ ھەئە. |
s-160
| _ ئۇنى ھازىر نېمىشقا چالىدۇ؟ |
s-161
| سادىق جاۋاب بەرمىدى. |
s-162
| _ بىكاردىن-بىكارغا ساراڭدەك چېلىۋېرەمدۇ؟ |
s-163
| سادىقنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. |
s-164
| _ ئۇنى بۇرۇن مەن چالغان. |
s-165
| ئېرىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ياش چوكان ھەيران قالدى. |
s-166
| _ نېمانداق چىرايىڭىز بۆلەكچە بولۇپ كەتتىغۇ، |
s-167
| كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك گەپ قىلمىغاندىمەن؟ |
s-168
| _ سادىقنىڭ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ، لەۋلىرى تىترەپ كەتتى، _ ئۇنى ئانام چېلىۋاتىدۇ. |
s-169
| _ ئۇ شۇ سۆزنى دېيىش بىلەنلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى. |
s-170
| شۇئان ياش چوكان قىزىرىپ خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى. |
s-171
| ھەممىسى جىم بولۇپ قېلىشتى. |
s-172
| قوڭغۇراق ئاۋازى بارغانچە ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى. |
s-173
| ئۇنىڭ بىر خىل رىتىمدا چۇڭۇلداپ ئاڭلىنىۋاتقان زىل ئاۋازى، جىمجىت ياتقان بىپايان يېزىدا يېقىملىق ئەكىس سادا تارقىتىپ، يىراق-يىراقلارغا تارقىلاتتى. |
s-174
| ھارۋا مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. |
s-175
| يولدا سېغىز لايدا قورچاق ياساپ ئويناۋاتقان يالىڭاچ بالىلار ئۇلارغا ھەيران بولۇپ ئەركىلىشەتتى. |
s-176
| ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «ھەي، ئاۋۇ ھارۋىدىكى ئاچاش ھېلىقى كۈنى كۆرگەن كىنودا چىققانغۇ؟» _ دېدى. |
s-177
| بالىلار شۇئان چۇرقىرىشىپ، ھارۋىنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى. |
s-178
| قوڭغۇراق ئاۋازى مەھەللە ئىچىدە ئاجايىپ ئوچۇق، مۇڭلۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. |
s-179
| سادىق ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى-دە: «ئانا، ئانا،» دېگىنىچە كىچىك بالىلاردەك ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى. |
s-180
| قوڭغۇراق يىراقتىن كۆرۈندى. |
s-181
| ئۇ قېرى ئۈجمىنىڭ ئېگىز شېخىغا ئېسىلغان بولۇپ بىر ئايال ئۆگزىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئاق تانىسىنى ھەدەپ تارتماقتا ئىدى. |
s-182
| _ ئاشۇ ئايال سادىقنىڭ ئانىسى شۇ، _ دېدى ھارۋىكەش. |
s-183
| سادىقنىڭ ئايالى ئاغزىنى تۇتقىنىچە چەكچىيىپ قاراپ قالدى. |
s-184
| سادىقنىڭ ئانىسىنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي چۇۋۇلغان، كىيىملىرىگە ھەر خىل قۇراقلار، شوينىلار ئېسىلغان ھالەتتە بىر نەرسىلەرنى دەپ بىردەم كۈلۈپ، بىردەم يىغلاپ دېگۈدەك ھەدەپ قوڭغۇراق چالاتتى. |
s-185
| ئۇ سادىقنىڭ بار ئاۋازى بىلەن: «ئانا، ئانا!» دەپ توۋلاپ ئۆگزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىغا پەرۋامۇ قىلمايتى. |
s-186
| سادىقنىڭ ئالدىغا بىر مۇنچە قېرىنداشلىرى يۈگۈرۈشۈپ چىقىشتى. |
s-187
| ئەمما ئۇ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلماي ئۆيگە قاراپ: «ئانا، ئانا،» دېگىنىچە يۈگۈردى. |
s-188
| _ ئۇ ئەسلى بەكمۇ ياخشى، ساغلام ئايال ئىدى. |
s-189
| سادىق ئەسكەرلىككە كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىپ قالدى. |
s-190
| كېيىن ئۇ خەۋەر يالغان بولۇپ چىقتى. |
s-191
| سادىق قايتىپ كەلدى. |
s-192
| ئەمما ئانىسى ساقايمىدى. |
s-193
| سادىق كىچىك چېغىدا دائىم سەھەردە ساۋاقداشلىرىنى مەكتەپكە چىللاپ ئاشۇ قوڭغۇراقنى چالاتتى. |
s-194
| ئۇنىڭ ئانىسى سادىقنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ئاشۇ قوڭغۇراق تانىسىغا ئېسىلىپ: «ئاھ، بالام سادىق، سەن قەيەردە، قوڭغۇراقنى چالسام، ئانا دەپ كېلەرسەنمۇ؟» دەپ يىغلىدى. |
s-195
| كېيىنكى كۈنلەردە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. |
s-196
| ھارۋىكەشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، سادىقنىڭ ئايالى يۈزىنى قوللىرى بىلەن چاڭگاللىغىنىچە ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. |
s-197
| بۇ چۈشۈم، بۇ پەقەت چۈشۈم، دەپ قالاي، |
s-198
| دۇنيا، كارامىتىڭنى كۆرسەت، بىر مۆجىزە كۆرسەت، |
s-199
| پۈتۈن ئۆمرۈم پەقەت چۈش بىلەن ئادا بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، سېنىڭ ئويغاق قۇچىقىڭ ئۇيقۇ دۇنياسى بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، بۇ رېئاللىقنى كۆرۈشكە رايىم يوق، |
s-200
| دۇنيا، بۇ ئوڭۇمنى كۆرۈشكە مەيلىم يوق. |
s-201
| دادىمغا يەت، ھەي، دۇنيا، ھالىمغا يەت! |
s-202
| بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالىسى. |