s-508
| شۇ چاغدا كۆپ ئويلىنىشقا چولام يوق ئىدى. |
s-509
| جېنىمنىڭ بارىچە قوغلاشتىم. |
s-510
| ئۇنداق تېز يۈگۈرۈدىغان بۆرىنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى. |
s-511
| ئۇنىڭغا بۇنداق كۈچ نەدىن كېلىۋىدىكى يەر بېغىرلاپ ئېتىلغان يا ئوقىدەك يۈگۈرەيتتى. |
s-512
| كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئېتىۋالدىم. |
s-513
| شۇنداق ھېرىپ كېتىپتىمەنكى، قان قۇسىۋەتكىلى تاس قالدىم. |
s-514
| بۆرىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ مىلتىقىمنىڭ ئۇچىغا ئىلىۋېلىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. |
s-515
| كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم. |
s-516
| ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۆرىكەنغۇ، نېمىشقا باشقا بۆرىلەر قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىغاندۇ؟ |
s-517
| ھېلىقى ئىككى كۈچۈك نەگە كەتكەندۇ؟ |
s-518
| ئۆيۈمگە ئاز قالغاندا، ھېلىقى قۇملۇققا قايتىپ بېرىپ قاراپ باققۇم كەلدى. |
s-519
| ئۇ يەرگە يېرىم كېچىدە يېتىپ كەلدىم. |
s-520
| ھاۋا بەك سوغۇق ئىدى. |
s-521
| قۇم بارخانلىرى ئاينىڭ يورۇقىدا زومچەك - زومچەك قەبرىستانلىقتەك كۆرۈنەتتى. |
s-522
| ئەتراپ جىمجىت. |
s-523
| بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن. |
s-524
| ئۇ ساراڭ بۆرىكەندە، دەپ ئويلاندىم. |
s-525
| كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا بىلىنەر - بىلىنمەس ئازگالغا كۆزۈم چۈشتى. |
s-526
| ئۇ يەردە شامنىڭ يورۇقىدەك ئىككى تۈتۈن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. |
s-527
| يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسام، بىر دۆۋە تۆگە مايىقى ئىكەن. |
s-528
| تۈتۈندەك كۆرۈنگەن ھور ماياقلار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋېتىپتۇ. |
s-529
| ماياقلارنى ئىككى چەتكە ئاستا قايرىپ قارىسام، كۈندۈزى يوقاپ كەتكەن ئىككى كۈچۈك ماياقلارنىڭ ئارسىدا بىر خىل نەپەس ئېلىپ يېتىپتۇ. |
s-530
| ئەتراپنى ئانا بۆرە قۇيرۇقى بىلەن يېنىك سۈپۈرۈپ قويغانىكەن. |
s-531
| ئۇ ئىشنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن پۈتكۈزۈپتۇ. |
s-532
| كۈندۈزى مەندەك قېرى ئوۋچىنىڭ كۆزىنى بوياپ كېتىپتۇ. |
s-533
| ھېلىقى ئانا بۆرە كۈچۈكلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قۇم دۆۋىسىگە يامىشىپ مېنىڭ سۈرئىىتىمنى ئاستىلىتىپ بالىلىرىنى يوشۇرۇدىغان ۋاقىتقا ئېرىشىپتۇ. |
s-534
| ئىزىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈپۈرۈۋېتىپ، قارشى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ھېسابىغا بالىلىرىنى ساقلاپ قالماقچى بوپتۇ. |
s-535
| كارىز ئوزاق تارىخقا ئىگە، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىدۇر. |
s-536
| ئۇ سەدددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ - خڭجۇ قانىلى بىلەن قوشۇلۇپ جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. |
s-537
| «كارىز» ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، «كولانغان جاي، قۇدۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. |
s-538
| قۇلۇلىنىڭ قاناتلىرى بارا - بارا كىچىكلەپ، ئاخىرى يوقاپ كېتىپتۇ. |
s-539
| ئېغىر مۇكاپات لوڭقىسى قاتتىق قاپقا ئايلىنىپتۇ. |
s-540
| شۇنىڭ بىلەن قۇلۇلە بېشىنى قېپىدىن تەستە چىقىرىپ، ئاستا ئۆمىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قاپتۇ. |
s-541
| ئۆردەك بىلەن توخۇ يېقىن دوست ئىكەن، |
s-542
| ئۇلار ئىجىل – ئىناق ياشايدىكەن. |
s-543
| كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، |
s-544
| ئايلار ئۆتۈپتۇ، |
s-545
| بىر كۈنلەرگە بارغاندا ئۆردەكنىڭ مىس - مىسلىقى توخۇنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، |
s-546
| شۇنڭ بىلەن ئۇ ئۆردەككە بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ. |
s-547
| توخۇ قاناتلىرىنى قېقىپ قويۇپ دەپتۇ: |
s-548
| _ دوستۇم ئۆردەكجان بىللە ئۆتىۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولدى، |
s-549
| ئەمما قايسىمىزنىڭ قانداق كارامىتى بارلىقىنى بىلمەيمىز. |
s-550
| ئىككىيلەن بىر يۈگۈرۈشۈپ باقمايلىمۇ؟ |
s-551
| ئۆردەك توخۇنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. |
s-552
| بىراق نېرى – بېرى دېمەي ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بوپتۇ. |
s-553
| يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ. |
s-554
| ئالدىدا چېپىپ كېتىۋاتقان توخۇ ئۆردەكنىڭ ئىغاڭلىغىنىچە مىسىلداپ مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىردەم - بىردەم ئارقىغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپتۇ. |
s-555
| لېكىن، ئۆردەك بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بىر خىلدا يۈگۈرۈۋېرىپتۇ. |
s-556
| ئۇزاق ئۆتمەي، توخۇ دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان بىر دەريانى كۆرۈپتۇ. |
s-557
| 'ئاپلا، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟' |
s-558
| توخۇ دەريادىن ئۆتۈشنىڭ ئامالىنى قىلالماي، تىپىرلىغىنىچە ئۇياق - بۇياققا پالاقشىپ يۈگۈرۈپتۇ. |
s-559
| ئاڭغىچە ئۆردەك يېتىپ كەپتۇ. |
s-560
| دەريانى كۆرگەن ئۆردەك يايراپ كېتىپتۇ. |
s-561
| ئۇ ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپتۇ – دە، قارشى قىرغاققا قاراپ ئېقىپ كېتىپتۇ. |
s-562
| بۇنى كۆرگەن توخۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۇغا سەكرەپتۇ، ئەمما سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. |
s-563
| پالاقشىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئۆردەك ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ. |
s-564
| قارىسا، توخۇ جان تالىشىۋاتقۇدەك. |
s-565
| ئۆردەك ئارقىغا يېنىپ، توخۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپتۇ. |
s-566
| توخۇ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ھوشىغا كەپتۇ. |
s-567
| ئۇ خىجىل بولغان ھالدا ئۆردەكتىن ئەپۇ سوراپتۇ ۋە: 'چۈشەندىم، دوستۇم، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كارامىتى بولىدىكەن' دەپتۇ. |
s-568
| كەمتەر بولۇش، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىنى ئېتىراپ قىلىش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھۆرمەت قىلىش گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتتۇر. |
s-569
| ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولۇش، چالا - بۇلا ئۆگىنىپلا قانائەتلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۆگىنىشتە نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۈنۈملىك يولىدۇر. |
s-570
| تاغ ئاتلاپ تىرىكچىلىك قىلغىلى ئىلىغا چىققىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان ئاتا - بالا ئۈچەيلەن يۇرتىغا قايتماقچى بوپتۇ. |
s-571
| بۇ قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان كۈنلەر ئىكەن. |
s-572
| ئۇلار قار - مۇز قاپلىغان مۇز داۋاندىن ھالقىپ پەسكە چۈشۈۋاتقاندا، ياشانغان ئاتىنىڭ پۇت - قولى ئۈششۈپ، ماڭغۇدەك ھالى قالماپتۇ. |
s-573
| ئۇ خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى بالىلىرىغا تىكىپ دەپتۇ: |
s-574
| _ بالىلىرىم، مەن بولالمىدىم. سىلەر مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ، دەرھال تاغدىنچۈشۈپ كېتىڭلار!. |
s-575
| _ ياق، دادا، سېنى تاشلاپ كەتمەيمىز! – دەپتۇ. |
s-576
| ئىككى ئوغلى تەڭلا، ئاندىن ئوغۇل كىيىملىرىنى سېلىپ دادىسىغا كىيدۈرۈپتۇ. |
s-577
| كىچىك ئوغۇل دادىسىنى ھاپاش قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپتۇ. |
s-578
| بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا نەپەستىن قاپتۇ. |
s-579
| چوڭ ئوغۇلمۇ ھالىدىن كېتپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. |
s-580
| ئۇ قىينالغان ھالدا - ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سۆزلەپتۇ: |
s-581
| _ جېنىم ئۇكام، ئۆيگە بىللە قايتالمايدىغان ئوخشايمىز، |
s-582
| دەرھال مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ تاغدىن چۈشۈپ كەت. |
s-583
| سەن بولساڭمۇ تىنچ - ئامان يۇرتىمىزغا بېرىۋال. |
s-584
| - ياق، ئاكا، ياق! دادامدىن ئايرىلىپ قالغىنىممۇ يېتەر، |
s-585
| ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ، |
s-586
| كىچىك ئوغۇل يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ - دە، ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ ئاكىسىغا كىيدۈرۈپتۇ. |
s-587
| ئۇ توڭلاپ كەتكەن ئاكىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ بەدىنى بىلەن ئىسسىتماقچى بوپتۇ. |
s-588
| ئەتىسى داۋاندىن ئۆتكەنلەر ئاتىنىڭ ئۇچىسىدا چوڭ ئوغۇلنىڭ كىيمىنى، چوڭ ئوغۇلنىڭ ئۇچىسىدا كىچىك ئوغۇلنىڭ كىيمىنى، كىچىك ئوغۇلنىڭ بولسا، يۇقا بىر يالاڭ كىيىم بىلەن قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. |
s-589
| ئۇلار بىر قاراپلا قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. |
s-590
| _ قېرىنداشلىق مېھرى دېگەن مانا شۇ! _ دەپتۇ كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشىپ. |
s-591
| ئەمما، بەزىلەر دەپتۇ: |
s-592
| - ئۇلاردىن ئىككىيلەن ھايات قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، |
s-593
| بىراق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇ، |
s-594
| شۇنداق قىلىپ، ھەركىم ھەر نېمە دەپتۇ، |
s-595
| ئەمما ھەممەيلەن ئاتا - بالا ئۈچەيلەننى ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىپتۇ ۋە قېرىنداشلىق مېھرى توغرۇلۇق گەپ بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھېكايىسنى سۆزلەيدىغان بوپتۇ. |
s-596
| بىر كۈنى، بەش ياشلىق ساشا ئاتا - ئانىسى ۋە ئاكىسى تولىيە بىلەن بىللە ئورمانلىققا باردى. |
s-597
| ئورمانلىق شۇنچە گۈزەل، ھاۋاسىمۇ شۇنچە ساپ ئىدى. |
s-598
| ئۇلار ئورمانلىقتىكى بىر بوش يەرگە كەلدى. |
s-599
| ئۇ يەردە ياۋا گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەنىدى. |
s-600
| _ قاراڭلار، ئاۋۇ يەردە ئازغان چېچېكى بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىۋەتتى ساشا. |
s-601
| ھەممەيلەن ئۇياققا قاراشتى. |
s-602
| راست دېگەندەك، ياۋا گۈللەر ئارىسىدا بىر تۈپ ياۋا ئازغان بار ئىدى، |
s-603
| ئۇنىڭ شەمنەم چۈشكەن تۇنجى چېچىكى شامالدا ئىغاڭلىماقتا ئىدى، |
s-604
| خۇشپۇرىقى دىماغقا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. |
s-605
| بىر ئائىلە كىشىلىرى ياۋا ئازغاننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ كۆڭۈللۈك پاراڭغا چۈشتى. |
s-606
| بىردىنلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، |
s-607
| ئانچە ئۆتمەي يامغۇر شارقىراپ يېغىپ كەتتى. |