Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 503 - 602 of 900 • previousnext

s-503 بۇ غەلىتە بۆرىكەن، بېشى تۆرەپ قالغان ئوخشايدۇ.
s-504 مەن مۇشۇنداق خىيال قىلغاچ قەدەمدە بىر سېيرىلىپ ئېگىز قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە چىقتىم.
s-505 ئېنىق كۆردۈمكى، بۆرە ئۇچقاندەك قېچىپ كېتىپ باراتتى.
s-506 پەسكە چۈشۈپ قوغلاشتىم.
s-507 بۆرە كۈچۈكلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم.
s-508 شۇ چاغدا كۆپ ئويلىنىشقا چولام يوق ئىدى.
s-509 جېنىمنىڭ بارىچە قوغلاشتىم.
s-510 ئۇنداق تېز يۈگۈرۈدىغان بۆرىنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى.
s-511 ئۇنىڭغا بۇنداق كۈچ نەدىن كېلىۋىدىكى يەر بېغىرلاپ ئېتىلغان يا ئوقىدەك يۈگۈرەيتتى.
s-512 كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئېتىۋالدىم.
s-513 شۇنداق ھېرىپ كېتىپتىمەنكى، قان قۇسىۋەتكىلى تاس قالدىم.
s-514 بۆرىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ مىلتىقىمنىڭ ئۇچىغا ئىلىۋېلىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
s-515 كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم.
s-516 ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۆرىكەنغۇ، نېمىشقا باشقا بۆرىلەر قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىغاندۇ؟
s-517 ھېلىقى ئىككى كۈچۈك نەگە كەتكەندۇ؟
s-518 ئۆيۈمگە ئاز قالغاندا، ھېلىقى قۇملۇققا قايتىپ بېرىپ قاراپ باققۇم كەلدى.
s-519 ئۇ يەرگە يېرىم كېچىدە يېتىپ كەلدىم.
s-520 ھاۋا بەك سوغۇق ئىدى.
s-521 قۇم بارخانلىرى ئاينىڭ يورۇقىدا زومچەك - زومچەك قەبرىستانلىقتەك كۆرۈنەتتى.
s-522 ئەتراپ جىمجىت.
s-523 بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن.
s-524 ئۇ ساراڭ بۆرىكەندە، دەپ ئويلاندىم.
s-525 كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا بىلىنەر - بىلىنمەس ئازگالغا كۆزۈم چۈشتى.
s-526 ئۇ يەردە شامنىڭ يورۇقىدەك ئىككى تۈتۈن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
s-527 يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسام، بىر دۆۋە تۆگە مايىقى ئىكەن.
s-528 تۈتۈندەك كۆرۈنگەن ھور ماياقلار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋېتىپتۇ.
s-529 ماياقلارنى ئىككى چەتكە ئاستا قايرىپ قارىسام، كۈندۈزى يوقاپ كەتكەن ئىككى كۈچۈك ماياقلارنىڭ ئارسىدا بىر خىل نەپەس ئېلىپ يېتىپتۇ.
s-530 ئەتراپنى ئانا بۆرە قۇيرۇقى بىلەن يېنىك سۈپۈرۈپ قويغانىكەن.
s-531 ئۇ ئىشنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن پۈتكۈزۈپتۇ.
s-532 كۈندۈزى مەندەك قېرى ئوۋچىنىڭ كۆزىنى بوياپ كېتىپتۇ.
s-533 ھېلىقى ئانا بۆرە كۈچۈكلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قۇم دۆۋىسىگە يامىشىپ مېنىڭ سۈرئىىتىمنى ئاستىلىتىپ بالىلىرىنى يوشۇرۇدىغان ۋاقىتقا ئېرىشىپتۇ.
s-534 ئىزىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈپۈرۈۋېتىپ، قارشى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ھېسابىغا بالىلىرىنى ساقلاپ قالماقچى بوپتۇ.
s-535 كارىز ئوزاق تارىخقا ئىگە، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىدۇر.
s-536 ئۇ سەدددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ - خڭجۇ قانىلى بىلەن قوشۇلۇپ جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
s-537 «كارىز» ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، «كولانغان جاي، قۇدۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
s-538 قۇلۇلىنىڭ قاناتلىرى بارا - بارا كىچىكلەپ، ئاخىرى يوقاپ كېتىپتۇ.
s-539 ئېغىر مۇكاپات لوڭقىسى قاتتىق قاپقا ئايلىنىپتۇ.
s-540 شۇنىڭ بىلەن قۇلۇلە بېشىنى قېپىدىن تەستە چىقىرىپ، ئاستا ئۆمىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
s-541 ئۆردەك بىلەن توخۇ يېقىن دوست ئىكەن،
s-542 ئۇلار ئىجىل ئىناق ياشايدىكەن.
s-543 كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،
s-544 ئايلار ئۆتۈپتۇ،
s-545 بىر كۈنلەرگە بارغاندا ئۆردەكنىڭ مىس - مىسلىقى توخۇنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغمايدىغان بولۇپ قاپتۇ،
s-546 شۇنڭ بىلەن ئۇ ئۆردەككە بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ.
s-547 توخۇ قاناتلىرىنى قېقىپ قويۇپ دەپتۇ:
s-548 _ دوستۇم ئۆردەكجان بىللە ئۆتىۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولدى،
s-549 ئەمما قايسىمىزنىڭ قانداق كارامىتى بارلىقىنى بىلمەيمىز.
s-550 ئىككىيلەن بىر يۈگۈرۈشۈپ باقمايلىمۇ؟
s-551 ئۆردەك توخۇنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
s-552 بىراق نېرى بېرى دېمەي ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بوپتۇ.
s-553 يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ.
s-554 ئالدىدا چېپىپ كېتىۋاتقان توخۇ ئۆردەكنىڭ ئىغاڭلىغىنىچە مىسىلداپ مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىردەم - بىردەم ئارقىغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپتۇ.
s-555 لېكىن، ئۆردەك بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بىر خىلدا يۈگۈرۈۋېرىپتۇ.
s-556 ئۇزاق ئۆتمەي، توخۇ دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان بىر دەريانى كۆرۈپتۇ.
s-557 'ئاپلا، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟'
s-558 توخۇ دەريادىن ئۆتۈشنىڭ ئامالىنى قىلالماي، تىپىرلىغىنىچە ئۇياق - بۇياققا پالاقشىپ يۈگۈرۈپتۇ.
s-559 ئاڭغىچە ئۆردەك يېتىپ كەپتۇ.
s-560 دەريانى كۆرگەن ئۆردەك يايراپ كېتىپتۇ.
s-561 ئۇ ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپتۇ دە، قارشى قىرغاققا قاراپ ئېقىپ كېتىپتۇ.
s-562 بۇنى كۆرگەن توخۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۇغا سەكرەپتۇ، ئەمما سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ.
s-563 پالاقشىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئۆردەك ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ.
s-564 قارىسا، توخۇ جان تالىشىۋاتقۇدەك.
s-565 ئۆردەك ئارقىغا يېنىپ، توخۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپتۇ.
s-566 توخۇ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ھوشىغا كەپتۇ.
s-567 ئۇ خىجىل بولغان ھالدا ئۆردەكتىن ئەپۇ سوراپتۇ ۋە: 'چۈشەندىم، دوستۇم، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كارامىتى بولىدىكەن' دەپتۇ.
s-568 كەمتەر بولۇش، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىنى ئېتىراپ قىلىش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھۆرمەت قىلىش گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتتۇر.
s-569 ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولۇش، چالا - بۇلا ئۆگىنىپلا قانائەتلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۆگىنىشتە نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۈنۈملىك يولىدۇر.
s-570 تاغ ئاتلاپ تىرىكچىلىك قىلغىلى ئىلىغا چىققىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان ئاتا - بالا ئۈچەيلەن يۇرتىغا قايتماقچى بوپتۇ.
s-571 بۇ قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان كۈنلەر ئىكەن.
s-572 ئۇلار قار - مۇز قاپلىغان مۇز داۋاندىن ھالقىپ پەسكە چۈشۈۋاتقاندا، ياشانغان ئاتىنىڭ پۇت - قولى ئۈششۈپ، ماڭغۇدەك ھالى قالماپتۇ.
s-573 ئۇ خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى بالىلىرىغا تىكىپ دەپتۇ:
s-574 _ بالىلىرىم، مەن بولالمىدىم. سىلەر مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ، دەرھال تاغدىنچۈشۈپ كېتىڭلار!.
s-575 _ ياق، دادا، سېنى تاشلاپ كەتمەيمىز! دەپتۇ.
s-576 ئىككى ئوغلى تەڭلا، ئاندىن ئوغۇل كىيىملىرىنى سېلىپ دادىسىغا كىيدۈرۈپتۇ.
s-577 كىچىك ئوغۇل دادىسىنى ھاپاش قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
s-578 بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا نەپەستىن قاپتۇ.
s-579 چوڭ ئوغۇلمۇ ھالىدىن كېتپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.
s-580 ئۇ قىينالغان ھالدا - ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سۆزلەپتۇ:
s-581 _ جېنىم ئۇكام، ئۆيگە بىللە قايتالمايدىغان ئوخشايمىز،
s-582 دەرھال مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ تاغدىن چۈشۈپ كەت.
s-583 سەن بولساڭمۇ تىنچ - ئامان يۇرتىمىزغا بېرىۋال.
s-584 - ياق، ئاكا، ياق! دادامدىن ئايرىلىپ قالغىنىممۇ يېتەر،
s-585 ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ،
s-586 كىچىك ئوغۇل يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ - دە، ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ ئاكىسىغا كىيدۈرۈپتۇ.
s-587 ئۇ توڭلاپ كەتكەن ئاكىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ بەدىنى بىلەن ئىسسىتماقچى بوپتۇ.
s-588 ئەتىسى داۋاندىن ئۆتكەنلەر ئاتىنىڭ ئۇچىسىدا چوڭ ئوغۇلنىڭ كىيمىنى، چوڭ ئوغۇلنىڭ ئۇچىسىدا كىچىك ئوغۇلنىڭ كىيمىنى، كىچىك ئوغۇلنىڭ بولسا، يۇقا بىر يالاڭ كىيىم بىلەن قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
s-589 ئۇلار بىر قاراپلا قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
s-590 _ قېرىنداشلىق مېھرى دېگەن مانا شۇ! _ دەپتۇ كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشىپ.
s-591 ئەمما، بەزىلەر دەپتۇ:
s-592 - ئۇلاردىن ئىككىيلەن ھايات قېلىشى مۇمكىن ئىكەن،
s-593 بىراق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇ،
s-594 شۇنداق قىلىپ، ھەركىم ھەر نېمە دەپتۇ،
s-595 ئەمما ھەممەيلەن ئاتا - بالا ئۈچەيلەننى ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىپتۇ ۋە قېرىنداشلىق مېھرى توغرۇلۇق گەپ بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھېكايىسنى سۆزلەيدىغان بوپتۇ.
s-596 بىر كۈنى، بەش ياشلىق ساشا ئاتا - ئانىسى ۋە ئاكىسى تولىيە بىلەن بىللە ئورمانلىققا باردى.
s-597 ئورمانلىق شۇنچە گۈزەل، ھاۋاسىمۇ شۇنچە ساپ ئىدى.
s-598 ئۇلار ئورمانلىقتىكى بىر بوش يەرگە كەلدى.
s-599 ئۇ يەردە ياۋا گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
s-600 _ قاراڭلار، ئاۋۇ يەردە ئازغان چېچېكى بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىۋەتتى ساشا.
s-601 ھەممەيلەن ئۇياققا قاراشتى.
s-602 راست دېگەندەك، ياۋا گۈللەر ئارىسىدا بىر تۈپ ياۋا ئازغان بار ئىدى،

Text viewDownload CoNNL-U