s-303
| بالىلار بىردەك جاۋاب بېرىشتى. |
s-304
| - تۇغۇلغان كۈنۈڭلار بولغاندا، ئاتا - ئاناڭلار سىلەرنى تەبرىكلەمدۇ؟ |
s-305
| - ئەلۋەتتە تەبرىكلەيدۇ - دە! |
s-306
| - تۇغۇلغان كۈنىنى ئاتا - ئانىسى بىلىدىغانلار، ئاتا - ئانىسى تەبرىكلەيدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! |
s-307
| ئۇلار مەغرۇر ھالدا قول كۆتۈرۈشتى، |
s-308
| بەزىلىرى تېخى گىدەيگەن ھالدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ قويۇشتى. |
s-309
| - قولۇڭلارنى ئېگىز كۆتۈرۈڭلار، |
s-310
| ساناپ باقاي، - دېدىم مەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، |
s-311
| - پاھ نېمانچە كۆپ - ! |
s-312
| مېنىڭ كەيپىياتىم ساۋاقداشلارغا شۇ ھامان تەسىر قىلدى بولغاي، ئۇلار ئەگىشىپ ساناشقا باشلىدى: |
s-313
| سان كۆپەيگەنسىرى، ئۇلار شۇنچە ھاياجانلىنىشتى، |
s-314
| ئالدىنقى رەتتىكى بالىلار ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ ئارقىغا قاراشتى، |
s-315
| مەنمۇ ئۇلارنى توسىمىدىم. |
s-316
| ھەممەيلەن خوشال - خورام پاراڭلاشماقتا ئىدى، |
s-317
| تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى، تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى، ئاتا - ئانىلارنىڭ تەبرىكلەشلىرى... پاراڭنىڭ مەزمۇنى ئىدى. |
s-318
| بالىلار مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلغان، ئەمما بۇ تېخى يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. |
s-319
| مەن ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان، ئۆزلىرى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسىنى تاپماقچى بولدۇم. |
s-320
| - ئاراڭلاردا كىم ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدۇ؟ |
s-321
| بىلىدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! |
s-322
| شۇ ھامان سىنىپ تىمتاس بولۇپ كەتتى. |
s-323
| مەن سۇئالنى تەكرارلىدىم، |
s-324
| سىنىپ يەنىلا جىمجىت ئىدى. |
s-325
| بىردەمدىن كېيىن، بىر نەچچە قىز ئوقۇغۇچى قولىنى ئاستا كۆتۈرۈشتى. |
s-326
| - ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەر قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! |
s-327
| سىنىپ تىمتاس، |
s-328
| ھېچكىم قول كۆتۈرمىدى، |
s-329
| ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى. |
s-330
| بالىلار سۈكۈتكە چۆمدى، |
s-331
| مەنمۇ بالىلار بىلەن بىللە سۈكۈتكە چۆمدۈم... |
s-332
| سۈكۈت توپتوغرا بىر مىنۇت داۋاملاشتى، |
s-333
| مەن بۇ ئوماق بالىلارغا يۇشۇرۇنچە سەپسالدىم، |
s-334
| ئۇلارنىڭ ئوماقلىقى دەل خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان چاغدىكىدەك چىراي ئىپادىسىدە بىلىنىپ تۇراتتى. |
s-335
| مەن مۇلايىملىق بىلەن سورىدىم: |
s-336
| - قانداق قىلغاندا ئاتا - ئانىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەلەيمىز؟ |
s-337
| ئۆزىنى قاچۇرغان جۈپ - جۈپ كۆزلەر خۇددى كەچۈرۈمگە ئېرىشكەندەك يەنە تەرەپ - تەرەپتىن قايتىپ كېلىشتى. |
s-338
| ئالدى بىلەن بىر - ئىككى ئاۋاز ئاڭلاندى، |
s-339
| ئاندىن كېيىن ھەممەيلەن دېگۈدەك چۇۋۇرلىشىپ كەتتى: |
s-340
| سىنىپ ئىچى يەنە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، |
s-341
| بىراق بۇ بايىقى سۈكۈتنىڭ ئالدىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا ئوخشىمايتتى. |
s-342
| بۇ سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشقان چاغدا، مەن بالىلارغا بىر تەكلىپ بەردىم: |
s-343
| - ئاتا - ئاناڭلارنى ئالاھىدە خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى سىلەر ئاتا - ئاناڭلار سىزەلمەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىۋېلىڭلار، |
s-344
| تەبرىكلەش ئۇسۇلۇڭلار خىلمۇ - خىل بولسۇن. |
s-345
| بىراق، ئېسىڭلاردا بولسۇن، |
s-346
| سىلەر ئۆز مېھرىڭلارنى ئىپادىيەلىسەڭلارلا، ھەر قانچە ئاددى سوۋغاتمۇ ئۇلارغا بىباھا بىلىنىدۇ. |
s-347
| ئۇزاق ئۆتمەي، مەكتەپتە ئاتا - ئانىلار يىغىنى ئېچىلدى. |
s-348
| ئاتا - ئانىلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك پاراڭ قىلىشتى: |
s-349
| - مېنىڭ بالام ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ! |
s-350
| - ئۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىدى! |
s-351
| - ئۇ ماڭا سوۋغات بەردى! |
s-352
| - ئۇ ماڭا خەت يېزىپ، غەم يېمىگىن، دەپتۇ! |
s-353
| - ئۇ ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بوپتۇ! |
s-354
| مەن راستىنلا خۇش بولۇپ كەتتىم! |
s-355
| دەرسخانىدىكى ھېلىقى سۈكۈت ماڭا ئاجايىپ زور لەززەت بېغىشلىدى! |
s-356
| بىز ئەپلىشىپ قالدۇق. |
s-357
| تۈنۈگۈنكى ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتىمىزدىن ئالغان تەسىراتىمىزنى يېزىپ ئولتۇراتتىم. |
s-358
| تۇيۇقسىز پارتىدىشىم كراينىڭ جەينىكى جەينىكىمگە تېگىپ كېتىپ، قەلىمىم قەغەزنى بىرلا جىجاپ، بەتنى سەتلەشتۈرۈۋەتتى. |
s-359
| غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى - دە، كراينى تىللىۋەتتىم. |
s-360
| كراي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: - ئاداش، مەن قەستەن قىلمىدىم، - دېدى. |
s-361
| مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنسەم بولاتتى. |
s-362
| لېكىن، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئوغامنى قايناتتى. |
s-363
| مەن: «قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈۋاتقىنىنى!» دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. |
s-364
| بىردەمدىن كېيىن، ئۇ خەت يېزىۋاتقاندا، جەينىكىگە بىرلا سوقۇلۇپ، ئۇنىڭ دەپتىرىنىمۇ سەتلەشتۈرۈۋەتتىم. |
s-365
| قاتتىق تېرىككىنىدىن كراينىڭ چىرايى پوكاندەك قىزىرىپ، كۆپجۈپ كەتتى. |
s-366
| - سەن بۇنى قەستەن قىلدىڭ! |
s-367
| بۇ ئىشىڭ قاملاشمىدى، |
s-368
| مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى، |
s-369
| ئەمما دەل شۇ چاغدا مۇئەللىم بىزگە بۇرۇلدى. |
s-370
| كراي قولىنى شاپپىدە يېغىۋالدى - دە: - سېنى سىرتتا ساقلايمەن! - دېدى. |
s-371
| مەن بەك بىئارام بولدۇم، |
s-372
| ئاچچىقىممۇ قەيەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. |
s-373
| ئۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن، دەپ پۇشايمان قىلىپ قالدىم. |
s-374
| چۈنكى، كراي ياخشى بالا، ئۇ بايقى ئىشنى ھەرگىزمۇ قەستەن قىلمىغانىدى. |
s-375
| ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارغىنىمنى ئەسلىدىم. |
s-376
| شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاغرىقچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. |
s-377
| ئۇ بىزنىڭكىگە كەلگەندە، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغانىدى. |
s-378
| ھەي، ئەگەر ئۇنى تىللىمىغان بولسام، ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!؟ |
s-379
| مەن دادامنىڭ «ئادەم خاتالاشقىنىنى بىلگەنىكەن، ئېتىراپ قىلىشنى بىلىشى كىرەك» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. |
s-380
| لېكىن، كراينىڭ ئالدىدا خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلسام، يۈزۈم چۈشۈپ كەتمەمدۇ! |
s-381
| مەن كۆز قىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا، چاپىنىنىڭ مۈرىسىنىڭ تىكىچى سۆكۈلۈپ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. |
s-382
| بۇ ھەقىچان ئۇنىڭ دائىم ئوتۇن تەرگىلى بارىدىغانلىقىدىنغۇ دەيمەن. |
s-383
| شۇلارنى ئويلىغىنىمدا: «بولدى، ئۇنىڭ ئالدىدا خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلاي» دەپ ئويلىدىم، |
s-384
| بىراق «مېنى كەچۈر» دېگەن سۆزنى زادىلا ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. |
s-385
| كراي بىردەم - بىردەم ماڭا قاراپ قوياتتى. |
s-386
| ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئەمەس، قايغۇ ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. |
s-387
| سېنى سىرىتتا ساقلايمەن! - دېدى ئۇ يەنە. |
s-388
| - مەنمۇ ساقلايمەن! - دەپ جاۋاپ بەردىم مەن. |
s-389
| لېكىن، دادامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلىدىم: «ئەگەر سەن خاتالاشقان بولساڭ، بىركىم سېنى ئۇرسا، ھەرگىز قول ياندۇرما، مۇداپىئىلەنسەڭ بولدى.» |
s-390
| «مەن پەقەت مۇداپىئىلىنىمەن، |
s-391
| ھەرگىز قول ياندۇرمايمەن» دەپ ئويلىدىم. |
s-392
| كۆڭلۈم جايىدا بولمىغاچقا، مۇئەللىمنىڭ بىرەر جۈملە سۆزىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى. |
s-393
| مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىت بولدى. |
s-394
| مەن كوچىدا يالغۇز كېتىۋاتىمەن، |
s-395
| كراي ئارقامدىن ئەگىشىپ كەلمەكتە. |
s-396
| مەن قولۇمغا سىزغۇچنى ئالدىم - دە، قەدىمىمنى توختىتىپ ئۇنى كۈتتۈم. |
s-397
| ئۇ ماڭا يېقىنلاشتى، |
s-398
| مەن سىزغۇچنى تەڭلىدىم. |
s-399
| - ياق، ئانرك! - كراي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سىزغۇچنى ئىتتىرىۋېتىپ، مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىدى، |
s-400
| - بىز بۇرۇنقىدەك ياخشى دوست بولۇپ قالايلى، بولامدۇ؟ |
s-401
| مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. |
s-402
| ئۇ ئىككى قولىنى مۈرەمگە قويدى. |