Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 302 - 401 of 900 • previousnext

s-302 - ئاتا - ئاناڭلار تۇغۇلغان كۈنۈڭلارنى بىلەمدۇ؟
s-303 بالىلار بىردەك جاۋاب بېرىشتى.
s-304 - تۇغۇلغان كۈنۈڭلار بولغاندا، ئاتا - ئاناڭلار سىلەرنى تەبرىكلەمدۇ؟
s-305 - ئەلۋەتتە تەبرىكلەيدۇ - دە!
s-306 - تۇغۇلغان كۈنىنى ئاتا - ئانىسى بىلىدىغانلار، ئاتا - ئانىسى تەبرىكلەيدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
s-307 ئۇلار مەغرۇر ھالدا قول كۆتۈرۈشتى،
s-308 بەزىلىرى تېخى گىدەيگەن ھالدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ قويۇشتى.
s-309 - قولۇڭلارنى ئېگىز كۆتۈرۈڭلار،
s-310 ساناپ باقاي، - دېدىم مەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن،
s-311 - پاھ نېمانچە كۆپ -
s-312 مېنىڭ كەيپىياتىم ساۋاقداشلارغا شۇ ھامان تەسىر قىلدى بولغاي، ئۇلار ئەگىشىپ ساناشقا باشلىدى:
s-313 سان كۆپەيگەنسىرى، ئۇلار شۇنچە ھاياجانلىنىشتى،
s-314 ئالدىنقى رەتتىكى بالىلار ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ ئارقىغا قاراشتى،
s-315 مەنمۇ ئۇلارنى توسىمىدىم.
s-316 ھەممەيلەن خوشال - خورام پاراڭلاشماقتا ئىدى،
s-317 تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى، تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى، ئاتا - ئانىلارنىڭ تەبرىكلەشلىرى... پاراڭنىڭ مەزمۇنى ئىدى.
s-318 بالىلار مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلغان، ئەمما بۇ تېخى يىتەرلىك ئەمەس ئىدى.
s-319 مەن ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان، ئۆزلىرى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسىنى تاپماقچى بولدۇم.
s-320 - ئاراڭلاردا كىم ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدۇ؟
s-321 بىلىدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
s-322 شۇ ھامان سىنىپ تىمتاس بولۇپ كەتتى.
s-323 مەن سۇئالنى تەكرارلىدىم،
s-324 سىنىپ يەنىلا جىمجىت ئىدى.
s-325 بىردەمدىن كېيىن، بىر نەچچە قىز ئوقۇغۇچى قولىنى ئاستا كۆتۈرۈشتى.
s-326 - ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەر قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
s-327 سىنىپ تىمتاس،
s-328 ھېچكىم قول كۆتۈرمىدى،
s-329 ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى.
s-330 بالىلار سۈكۈتكە چۆمدى،
s-331 مەنمۇ بالىلار بىلەن بىللە سۈكۈتكە چۆمدۈم...
s-332 سۈكۈت توپتوغرا بىر مىنۇت داۋاملاشتى،
s-333 مەن بۇ ئوماق بالىلارغا يۇشۇرۇنچە سەپسالدىم،
s-334 ئۇلارنىڭ ئوماقلىقى دەل خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان چاغدىكىدەك چىراي ئىپادىسىدە بىلىنىپ تۇراتتى.
s-335 مەن مۇلايىملىق بىلەن سورىدىم:
s-336 - قانداق قىلغاندا ئاتا - ئانىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەلەيمىز؟
s-337 ئۆزىنى قاچۇرغان جۈپ - جۈپ كۆزلەر خۇددى كەچۈرۈمگە ئېرىشكەندەك يەنە تەرەپ - تەرەپتىن قايتىپ كېلىشتى.
s-338 ئالدى بىلەن بىر - ئىككى ئاۋاز ئاڭلاندى،
s-339 ئاندىن كېيىن ھەممەيلەن دېگۈدەك چۇۋۇرلىشىپ كەتتى:
s-340 سىنىپ ئىچى يەنە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى،
s-341 بىراق بۇ بايىقى سۈكۈتنىڭ ئالدىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا ئوخشىمايتتى.
s-342 بۇ سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشقان چاغدا، مەن بالىلارغا بىر تەكلىپ بەردىم:
s-343 - ئاتا - ئاناڭلارنى ئالاھىدە خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى سىلەر ئاتا - ئاناڭلار سىزەلمەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىۋېلىڭلار،
s-344 تەبرىكلەش ئۇسۇلۇڭلار خىلمۇ - خىل بولسۇن.
s-345 بىراق، ئېسىڭلاردا بولسۇن،
s-346 سىلەر ئۆز مېھرىڭلارنى ئىپادىيەلىسەڭلارلا، ھەر قانچە ئاددى سوۋغاتمۇ ئۇلارغا بىباھا بىلىنىدۇ.
s-347 ئۇزاق ئۆتمەي، مەكتەپتە ئاتا - ئانىلار يىغىنى ئېچىلدى.
s-348 ئاتا - ئانىلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك پاراڭ قىلىشتى:
s-349 - مېنىڭ بالام ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ!
s-350 - ئۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىدى!
s-351 - ئۇ ماڭا سوۋغات بەردى!
s-352 - ئۇ ماڭا خەت يېزىپ، غەم يېمىگىن، دەپتۇ!
s-353 - ئۇ ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بوپتۇ!
s-354 مەن راستىنلا خۇش بولۇپ كەتتىم!
s-355 دەرسخانىدىكى ھېلىقى سۈكۈت ماڭا ئاجايىپ زور لەززەت بېغىشلىدى!
s-356 بىز ئەپلىشىپ قالدۇق.
s-357 تۈنۈگۈنكى ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتىمىزدىن ئالغان تەسىراتىمىزنى يېزىپ ئولتۇراتتىم.
s-358 تۇيۇقسىز پارتىدىشىم كراينىڭ جەينىكى جەينىكىمگە تېگىپ كېتىپ، قەلىمىم قەغەزنى بىرلا جىجاپ، بەتنى سەتلەشتۈرۈۋەتتى.
s-359 غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى - دە، كراينى تىللىۋەتتىم.
s-360 كراي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: - ئاداش، مەن قەستەن قىلمىدىم، - دېدى.
s-361 مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنسەم بولاتتى.
s-362 لېكىن، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئوغامنى قايناتتى.
s-363 مەن: «قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈۋاتقىنىنى!» دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم.
s-364 بىردەمدىن كېيىن، ئۇ خەت يېزىۋاتقاندا، جەينىكىگە بىرلا سوقۇلۇپ، ئۇنىڭ دەپتىرىنىمۇ سەتلەشتۈرۈۋەتتىم.
s-365 قاتتىق تېرىككىنىدىن كراينىڭ چىرايى پوكاندەك قىزىرىپ، كۆپجۈپ كەتتى.
s-366 - سەن بۇنى قەستەن قىلدىڭ!
s-367 بۇ ئىشىڭ قاملاشمىدى،
s-368 مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى،
s-369 ئەمما دەل شۇ چاغدا مۇئەللىم بىزگە بۇرۇلدى.
s-370 كراي قولىنى شاپپىدە يېغىۋالدى - دە: - سېنى سىرتتا ساقلايمەن! - دېدى.
s-371 مەن بەك بىئارام بولدۇم،
s-372 ئاچچىقىممۇ قەيەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.
s-373 ئۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن، دەپ پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
s-374 چۈنكى، كراي ياخشى بالا، ئۇ بايقى ئىشنى ھەرگىزمۇ قەستەن قىلمىغانىدى.
s-375 ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارغىنىمنى ئەسلىدىم.
s-376 شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاغرىقچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
s-377 ئۇ بىزنىڭكىگە كەلگەندە، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغانىدى.
s-378 ھەي، ئەگەر ئۇنى تىللىمىغان بولسام، ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!؟
s-379 مەن دادامنىڭ «ئادەم خاتالاشقىنىنى بىلگەنىكەن، ئېتىراپ قىلىشنى بىلىشى كىرەك» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم.
s-380 لېكىن، كراينىڭ ئالدىدا خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلسام، يۈزۈم چۈشۈپ كەتمەمدۇ!
s-381 مەن كۆز قىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا، چاپىنىنىڭ مۈرىسىنىڭ تىكىچى سۆكۈلۈپ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.
s-382 بۇ ھەقىچان ئۇنىڭ دائىم ئوتۇن تەرگىلى بارىدىغانلىقىدىنغۇ دەيمەن.
s-383 شۇلارنى ئويلىغىنىمدا: «بولدى، ئۇنىڭ ئالدىدا خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلاي» دەپ ئويلىدىم،
s-384 بىراق «مېنى كەچۈر» دېگەن سۆزنى زادىلا ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم.
s-385 كراي بىردەم - بىردەم ماڭا قاراپ قوياتتى.
s-386 ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئەمەس، قايغۇ ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.
s-387 سېنى سىرىتتا ساقلايمەن! - دېدى ئۇ يەنە.
s-388 - مەنمۇ ساقلايمەن! - دەپ جاۋاپ بەردىم مەن.
s-389 لېكىن، دادامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلىدىم: «ئەگەر سەن خاتالاشقان بولساڭ، بىركىم سېنى ئۇرسا، ھەرگىز قول ياندۇرما، مۇداپىئىلەنسەڭ بولدى.»
s-390 «مەن پەقەت مۇداپىئىلىنىمەن،
s-391 ھەرگىز قول ياندۇرمايمەن» دەپ ئويلىدىم.
s-392 كۆڭلۈم جايىدا بولمىغاچقا، مۇئەللىمنىڭ بىرەر جۈملە سۆزىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى.
s-393 مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىت بولدى.
s-394 مەن كوچىدا يالغۇز كېتىۋاتىمەن،
s-395 كراي ئارقامدىن ئەگىشىپ كەلمەكتە.
s-396 مەن قولۇمغا سىزغۇچنى ئالدىم - دە، قەدىمىمنى توختىتىپ ئۇنى كۈتتۈم.
s-397 ئۇ ماڭا يېقىنلاشتى،
s-398 مەن سىزغۇچنى تەڭلىدىم.
s-399 - ياق، ئانرك! - كراي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سىزغۇچنى ئىتتىرىۋېتىپ، مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىدى،
s-400 - بىز بۇرۇنقىدەك ياخشى دوست بولۇپ قالايلى، بولامدۇ؟
s-401 مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.

Text viewDownload CoNNL-U