Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 203 - 302 of 900 • previousnext

s-203 بەلكىم ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن!
s-204 بۇنچە ئېغىر تاش ئاسماندىن چۈشىدىغان بولسا، چوقۇم ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن چۈشىدۇ.
s-205 ئۇ ئوتلاقتا ناھايىتى چوڭقۇر ئورەك پەيدا قىلالايدۇ،
s-206 لېكىن نېمىشقا يەرگە پېتىپ كەتمىگەندۇ؟
s-207 - مەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمىگۈدەكمەن.
s-208 لى سىگۇاڭ دادىسىدىن سورىۋىدى، ئۇمۇ ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمىدى.
s-209 چوقچىيىپ تۇرغان بۇ چوڭ تاش بۇ يەرگە زادى قانداق كېلىپ قالغاندۇ؟
s-210 نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەر تۈپتۈز، ئۇ يەرلەردە بىرەر پارچە تاشمۇ يوق؟
s-211 لى سىگۇاڭ بۇ مەسىلىنى نۇرغۇن يىللار ئويلىدى.
s-212 ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەنگىليىگە بېرىپ گېئولوگىيە ئىلمىنى ئۆگەندى.
s-213 شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ مۇزلۇقلارنىڭ غايەت زور تاشلارنى ئىتتىرىپ، نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراق يەرلەرگە ئاپىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتى.
s-214 كېيىن لى سىگۇاڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ تاشنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى.
s-215 ئۇ ئاخىر چۈشەندىكى: بۇ تاشنى يىراقتىكى چىنلىڭ چوققىسىدىن مۇزلار بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىكەن.
s-216 يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ چاڭجياڭ ۋادىسىدا تۆتىنچى مۇز دەۋرىدىكى مۇز كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىدى.
s-217 ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.
s-218 بىر يىلى قىشتا، لېنىن شەھەر سىرتىدا دەم ئېلىپ داۋالاندى.
s-219 ئۇ ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ سەيلە قىلاتتى.
s-220 باغچىدا بىر تۈپ ئېگىز ئاق قېيىن دەرىخى بار ئىدى.
s-221 ئۈچ بوز تورغاي ھەر كۈنى ئۇنىڭغا قونۇۋالاتتى.
s-222 تورغايلارنىڭ ئىككىسىنىڭ تۆشى ھال رەڭ، بىرىنىڭكى توق قىزىل ئىدى.
s-223 ئۇلار دەرەخ شاخلىرىدا سەكرەپ ئوينىشاتتى،
s-224 تولىمۇ يېقىملىق سايرىشاتتى.
s-225 لېنىن ھەر قىتىم قېيىن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە مېڭىشتىن توختايتتى - دە بۇ شادىمان تورغايلارنى تاماشا قىلاتتى،
s-226 يەنە تېخى دائىم ئۇلارغا بولكا ئۇۋىقى ۋە تېرىق ئالغاچ كېلەتتى.
s-227 بىر كۈنى لېنىن باغچىدىكى ھېلىقى قېيىننىڭ يېنىغا كەلگەندە، توق قىزىل تۆشلۈك بوز تورغاينىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ قالدى.
s-228 ئۇ دەرەخلىكنى ئارلاپ خېلى ئۇزاق ئىزدىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى تاپالمىدى.
s-229 بىر چاغدا، لېنىن بىر ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ قالدى - دە ئۇنىڭدىن سورىدى:
s-230 - بالام سەن قىزىل تۆشلۈك بوز تورغاينى كۆردۈڭمۇ؟
s-231 كۆر... كۆرمىدىم، - دېدى ئوغۇل بالا دۇدۇقلاپ.
s-232 - قارىغاندا، ئۇ ياكى بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، يا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.
s-233 ھاۋا بەك سوغۇق،
s-234 ئۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ،
s-235 ئوغۇل بالا ئەسلىدە لېنىنغا بوز تورغاينىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئېيتماقچى ئىدى،
s-236 بىراق جۈرئەت قىلالمىدى.
s-237 لېنىن ئۆز - ئۆزىگە دېدى:
s-238 «بەك چىرايلىق تورغاي ئىدى - ھە،
s-239 ئەپسۇس، ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدىغان بولدى».
s-240 ئوغۇل بالا لېنىنغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى،
s-241 ئاندىن دېدى:
s-242 advcl كېلىدۇ،
s-243 چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ،
s-244 ئۇ تىرىك.
s-245 قايتىپ كېلەمدۇ؟ - دەپ سورىدى لېنىن.
s-246 چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ! - دېدى ئوغۇل جەزىملەشتۈرۈپ.
s-247 ئەتىسى، لېنىن ئاق قېيىننىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ھېلىقى بوز تورغاينىڭ شاخ ئۈستىدە سەكرەپ - تاقلاپ ئويناپ سايراۋاتقانلىقىنى كۆردى.
s-248 ھېلىقى ئوغۇل بالا بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئاق قېيىننىڭ يېنىدا تۇراتتى.
s-249 لېنىن بالىغا قاراپ قويدى،
s-250 ئاندىن بوز تورغاريغا قاراپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دېدى:
s-251 - ياخشىمۇسەن، بوز تورغاي!
s-252 تۈنۈگۈن نەگە كەتكەنىدىڭ؟ -.
s-253 ئەلۋەتتە، بوز تورغاي لېنىنغا تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى.
s-254 لېنىنمۇ بۇنى ئوغۇل بالىدىن سورىمىدى.
s-255 چۈنكى، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدى.
s-256 تۇرسۇن بىلەن قول قايرىشىشتا يېڭىلىپ قالغان ئەلى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا بەك خىجىل بولۇپ كەتتى.
s-257 يەنە كېلىپ، تۇرسۇننىڭ كۆرەڭلىك بىلەن دېگەن گېپى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھار كەلدى.
s-258 «ئەلى ئۇكا، غوجاكاڭ بىلەن قول قايرىشىشىڭغا تېخى خېلى ۋاقىت بار،
s-259 ئاۋۋال ئۈچ ياشلىق ئۇكاڭ بىلەن قول قايرىشىپ كېلە».
s-260 سەن تولا كۆرەڭلەپ كەتمە!
s-261 قاراپ تۇر،
s-262 بىر كۈنى سېنى يېڭىۋالمىسام «ئەلى» دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن!
s-263 ئەلى شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى.
s-264 شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشقا باشلىدى.
s-265 تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىش تەس، چېنىقىش ئادەمنى ھاردۇرۇۋېتىدىغان بولسىمۇ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ مەشىق قىلىۋەردى.
s-266 شۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى.
s-267 ئەمدى ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە خېلى كۈچ كىرىپ قالغاندەك قىلاتتى.
s-268 بىر كۈنى ئەلى سىنىپتا دەرس تەكرارلاپ ئولتۇرغان تۇرسۇننىڭ ئالدىغا كەلدى - دە دېدى:
s-269 - ئاغىنە، بىر ئاينىڭ ئالدىدا ساڭا دېگەن ھېلىقى گېپىم ئېسىڭدە باردۇ،
s-270 قېنى، بىر قول قايرىشىپ باقمايمىزمۇ؟
s-271 تۇرسۇن تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ گەپتىن سەل مەڭدەپ قالدى،
s-272 ئەمما ئۆزىنى تېزلا ئوڭشىۋېلىپ ئورنىدىن لىككىدە تۇردى ۋە ساۋاقداشلارغا ۋارقىرىدى:
s-273 ماۋۇ «شاكىچىك» يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، غوجاكىسىدىن يەنە ئەدىپىنى يېگىلى كەپتۇ.
s-274 ئۆزۈمنى يەنە بىر كۆرسىتىپ قوياي،
s-275 قېنى، كېلىپ كۆرۈڭلار!
s-276 ئەلى بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلمىدى.
s-277 ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت يېڭىش ئىشەنچى لاۋۇلداپ تۇراتتى.
s-278 بالىلار ئىككىسىنى ئورىۋېلىشتى.
s-279 ئەلى تۇرسۇننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتتى - دە، ئانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ قولىنى قايرىۋەتتى.
s-280 سىنىپتا چاۋاك ساداسى كۆتۈرۈلدى.
s-281 لېكىن، تۇرسۇن يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەي بىر قانچە قېتىم تۇتۇشتى،
s-282 ئەمما يەنىلا يېڭىلىپ قالدى.
s-283 ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا بىردەم ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى،
s-284 كېيىن قايىللىق بىلەن ئەلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ دېدى:
s-285 بولدىكەنسەن جۇمۇ،
s-286 دېگىنىڭنى قىلدىڭ!
s-287 بىز سەھرادا تۇرىمىز،
s-288 دېرىمىزنىڭ ئالدىدا پايانسىز يايلاق بار.
s-289 يايلاق مامكاپلارغا تولۇپ كەتكەن.
s-290 مامكاپ ئېچىلغان چاغدا، بۇ يايلاق ئالتۇن رەڭ تۈسكە كىرىدۇ.
s-291 ئۇكام ئىككىمىز دائىم يايلاقتا ئوينايمىز.
s-292 بىر قېتىم ئۇكام ئالدىمدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا، مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە: «سېريوشا!» دەپ توۋلىدىم.
s-293 ئۇ بۇرۇلۇۋىدى، مەن كۈچەپ پۈۋلەپ، مامكاپ توزغاقلىرىنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېپىشتۇرۇۋەتتىم.
s-294 ئۇكاممۇ يالغاندىن چۈشكۈرگەن بولۇپ، مامكاپنى مېنىڭ يۈزۈمگە قارىتىپ پۈۋلىدى.
s-295 بىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بېلىق تۇتقىلى ماڭدىم.
s-296 كېتىۋېتىپ، يايلاقنىڭ ئالتۇن رەڭ ئەمەس، يېشىل رەڭدە ئىكەنلكىنى بايقىدىم.
s-297 چۈشتە ئۆيگە قايتقان چېغىمدا، يايلاقنىڭ يەنە ئالتۇن رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.
s-298 كەچقۇرۇن يايلاق يەنە يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى.
s-299 بۇ نېمە ئۈچۈن؟
s-300 دەرس باشلاندى.
s-301 مەن ساۋاقداشلاردىن سورىدىم:
s-302 - ئاتا - ئاناڭلار تۇغۇلغان كۈنۈڭلارنى بىلەمدۇ؟

Text viewDownload CoNNL-U