s-201
| ئۇنى كىم ئۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ؟ |
s-202
| - ئاڭلىشىمچە، ئاسماندىن پات - پات مېتېئورىتلار چۈشۈپ تۇرىدىكەن، |
s-203
| بەلكىم ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن! |
s-204
| بۇنچە ئېغىر تاش ئاسماندىن چۈشىدىغان بولسا، چوقۇم ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن چۈشىدۇ. |
s-205
| ئۇ ئوتلاقتا ناھايىتى چوڭقۇر ئورەك پەيدا قىلالايدۇ، |
s-206
| لېكىن نېمىشقا يەرگە پېتىپ كەتمىگەندۇ؟ |
s-207
| - مەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمىگۈدەكمەن. |
s-208
| لى سىگۇاڭ دادىسىدىن سورىۋىدى، ئۇمۇ ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمىدى. |
s-209
| چوقچىيىپ تۇرغان بۇ چوڭ تاش بۇ يەرگە زادى قانداق كېلىپ قالغاندۇ؟ |
s-210
| نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەر تۈپتۈز، ئۇ يەرلەردە بىرەر پارچە تاشمۇ يوق؟ |
s-211
| لى سىگۇاڭ بۇ مەسىلىنى نۇرغۇن يىللار ئويلىدى. |
s-212
| ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەنگىليىگە بېرىپ گېئولوگىيە ئىلمىنى ئۆگەندى. |
s-213
| شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ مۇزلۇقلارنىڭ غايەت زور تاشلارنى ئىتتىرىپ، نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراق يەرلەرگە ئاپىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتى. |
s-214
| كېيىن لى سىگۇاڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ تاشنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. |
s-215
| ئۇ ئاخىر چۈشەندىكى: بۇ تاشنى يىراقتىكى چىنلىڭ چوققىسىدىن مۇزلار بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىكەن. |
s-216
| يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ چاڭجياڭ ۋادىسىدا تۆتىنچى مۇز دەۋرىدىكى مۇز كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىدى. |
s-217
| ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. |
s-218
| بىر يىلى قىشتا، لېنىن شەھەر سىرتىدا دەم ئېلىپ داۋالاندى. |
s-219
| ئۇ ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ سەيلە قىلاتتى. |
s-220
| باغچىدا بىر تۈپ ئېگىز ئاق قېيىن دەرىخى بار ئىدى. |
s-221
| ئۈچ بوز تورغاي ھەر كۈنى ئۇنىڭغا قونۇۋالاتتى. |
s-222
| تورغايلارنىڭ ئىككىسىنىڭ تۆشى ھال رەڭ، بىرىنىڭكى توق قىزىل ئىدى. |
s-223
| ئۇلار دەرەخ شاخلىرىدا سەكرەپ ئوينىشاتتى، |
s-224
| تولىمۇ يېقىملىق سايرىشاتتى. |
s-225
| لېنىن ھەر قىتىم قېيىن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە مېڭىشتىن توختايتتى - دە بۇ شادىمان تورغايلارنى تاماشا قىلاتتى، |
s-226
| يەنە تېخى دائىم ئۇلارغا بولكا ئۇۋىقى ۋە تېرىق ئالغاچ كېلەتتى. |
s-227
| بىر كۈنى لېنىن باغچىدىكى ھېلىقى قېيىننىڭ يېنىغا كەلگەندە، توق قىزىل تۆشلۈك بوز تورغاينىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ قالدى. |
s-228
| ئۇ دەرەخلىكنى ئارلاپ خېلى ئۇزاق ئىزدىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى تاپالمىدى. |
s-229
| بىر چاغدا، لېنىن بىر ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ قالدى - دە ئۇنىڭدىن سورىدى: |
s-230
| - بالام سەن قىزىل تۆشلۈك بوز تورغاينى كۆردۈڭمۇ؟ |
s-231
| كۆر... كۆرمىدىم، - دېدى ئوغۇل بالا دۇدۇقلاپ. |
s-232
| - قارىغاندا، ئۇ ياكى بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، يا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ. |
s-233
| ھاۋا بەك سوغۇق، |
s-234
| ئۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ، |
s-235
| ئوغۇل بالا ئەسلىدە لېنىنغا بوز تورغاينىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئېيتماقچى ئىدى، |
s-236
| بىراق جۈرئەت قىلالمىدى. |
s-237
| لېنىن ئۆز - ئۆزىگە دېدى: |
s-238
| «بەك چىرايلىق تورغاي ئىدى - ھە، |
s-239
| ئەپسۇس، ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدىغان بولدى». |
s-240
| ئوغۇل بالا لېنىنغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى، |
s-241
| ئاندىن دېدى: |
s-242
| advcl كېلىدۇ، |
s-243
| چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، |
s-244
| ئۇ تىرىك. |
s-245
| قايتىپ كېلەمدۇ؟ - دەپ سورىدى لېنىن. |
s-246
| چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ! - دېدى ئوغۇل جەزىملەشتۈرۈپ. |
s-247
| ئەتىسى، لېنىن ئاق قېيىننىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ھېلىقى بوز تورغاينىڭ شاخ ئۈستىدە سەكرەپ - تاقلاپ ئويناپ سايراۋاتقانلىقىنى كۆردى. |
s-248
| ھېلىقى ئوغۇل بالا بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئاق قېيىننىڭ يېنىدا تۇراتتى. |
s-249
| لېنىن بالىغا قاراپ قويدى، |
s-250
| ئاندىن بوز تورغاريغا قاراپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دېدى: |
s-251
| - ياخشىمۇسەن، بوز تورغاي! |
s-252
| تۈنۈگۈن نەگە كەتكەنىدىڭ؟ -. |
s-253
| ئەلۋەتتە، بوز تورغاي لېنىنغا تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. |
s-254
| لېنىنمۇ بۇنى ئوغۇل بالىدىن سورىمىدى. |
s-255
| چۈنكى، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدى. |
s-256
| تۇرسۇن بىلەن قول قايرىشىشتا يېڭىلىپ قالغان ئەلى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا بەك خىجىل بولۇپ كەتتى. |
s-257
| يەنە كېلىپ، تۇرسۇننىڭ كۆرەڭلىك بىلەن دېگەن گېپى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھار كەلدى. |
s-258
| «ئەلى ئۇكا، غوجاكاڭ بىلەن قول قايرىشىشىڭغا تېخى خېلى ۋاقىت بار، |
s-259
| ئاۋۋال ئۈچ ياشلىق ئۇكاڭ بىلەن قول قايرىشىپ كېلە». |
s-260
| سەن تولا كۆرەڭلەپ كەتمە! |
s-261
| قاراپ تۇر، |
s-262
| بىر كۈنى سېنى يېڭىۋالمىسام «ئەلى» دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن! |
s-263
| ئەلى شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى. |
s-264
| شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشقا باشلىدى. |
s-265
| تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىش تەس، چېنىقىش ئادەمنى ھاردۇرۇۋېتىدىغان بولسىمۇ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ مەشىق قىلىۋەردى. |
s-266
| شۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى. |
s-267
| ئەمدى ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە خېلى كۈچ كىرىپ قالغاندەك قىلاتتى. |
s-268
| بىر كۈنى ئەلى سىنىپتا دەرس تەكرارلاپ ئولتۇرغان تۇرسۇننىڭ ئالدىغا كەلدى - دە دېدى: |
s-269
| - ئاغىنە، بىر ئاينىڭ ئالدىدا ساڭا دېگەن ھېلىقى گېپىم ئېسىڭدە باردۇ، |
s-270
| قېنى، بىر قول قايرىشىپ باقمايمىزمۇ؟ |
s-271
| تۇرسۇن تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ گەپتىن سەل مەڭدەپ قالدى، |
s-272
| ئەمما ئۆزىنى تېزلا ئوڭشىۋېلىپ ئورنىدىن لىككىدە تۇردى ۋە ساۋاقداشلارغا ۋارقىرىدى: |
s-273
| ماۋۇ «شاكىچىك» يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، غوجاكىسىدىن يەنە ئەدىپىنى يېگىلى كەپتۇ. |
s-274
| ئۆزۈمنى يەنە بىر كۆرسىتىپ قوياي، |
s-275
| قېنى، كېلىپ كۆرۈڭلار! |
s-276
| ئەلى بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلمىدى. |
s-277
| ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت يېڭىش ئىشەنچى لاۋۇلداپ تۇراتتى. |
s-278
| بالىلار ئىككىسىنى ئورىۋېلىشتى. |
s-279
| ئەلى تۇرسۇننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتتى - دە، ئانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ قولىنى قايرىۋەتتى. |
s-280
| سىنىپتا چاۋاك ساداسى كۆتۈرۈلدى. |
s-281
| لېكىن، تۇرسۇن يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەي بىر قانچە قېتىم تۇتۇشتى، |
s-282
| ئەمما يەنىلا يېڭىلىپ قالدى. |
s-283
| ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا بىردەم ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى، |
s-284
| كېيىن قايىللىق بىلەن ئەلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ دېدى: |
s-285
| بولدىكەنسەن جۇمۇ، |
s-286
| دېگىنىڭنى قىلدىڭ! |
s-287
| بىز سەھرادا تۇرىمىز، |
s-288
| دېرىمىزنىڭ ئالدىدا پايانسىز يايلاق بار. |
s-289
| يايلاق مامكاپلارغا تولۇپ كەتكەن. |
s-290
| مامكاپ ئېچىلغان چاغدا، بۇ يايلاق ئالتۇن رەڭ تۈسكە كىرىدۇ. |
s-291
| ئۇكام ئىككىمىز دائىم يايلاقتا ئوينايمىز. |
s-292
| بىر قېتىم ئۇكام ئالدىمدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا، مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە: «سېريوشا!» دەپ توۋلىدىم. |
s-293
| ئۇ بۇرۇلۇۋىدى، مەن كۈچەپ پۈۋلەپ، مامكاپ توزغاقلىرىنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېپىشتۇرۇۋەتتىم. |
s-294
| ئۇكاممۇ يالغاندىن چۈشكۈرگەن بولۇپ، مامكاپنى مېنىڭ يۈزۈمگە قارىتىپ پۈۋلىدى. |
s-295
| بىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بېلىق تۇتقىلى ماڭدىم. |
s-296
| كېتىۋېتىپ، يايلاقنىڭ ئالتۇن رەڭ ئەمەس، يېشىل رەڭدە ئىكەنلكىنى بايقىدىم. |
s-297
| چۈشتە ئۆيگە قايتقان چېغىمدا، يايلاقنىڭ يەنە ئالتۇن رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. |
s-298
| كەچقۇرۇن يايلاق يەنە يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى. |
s-299
| بۇ نېمە ئۈچۈن؟ |
s-300
| دەرس باشلاندى. |