Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 103 - 202 of 900 • previousnext

s-103 ئۇ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئات ھارۋىسىنى كۆرىدۇ.
s-104 ھارۋىنىڭ يېنىدا 70 ياشتىن ھالقىغان، ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيگەن، چاچ - ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، كۆرۈنۈشىدىن بىلىملىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر مويسىپىت تۇراتتى.
s-105 كۇڭزى: «مېنىڭ ئۇستاز تۇتماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ كىشىدەك قىلىدۇ!» دەپ ئويلايدۇ - دە،
s-106 دەررۇ تەزىم قىلىپ: ئاقساقال، سىلى لاۋزى ھەزرەتقۇ دەيمەن، - دەپ سورايدۇ.
s-107 سىز...؟ - مويسىپىت يول ئازابىنى يەتكۈچە تارتقانلىقى بىلىنىپ تۇرغان بۇ يىگىتنىڭ بىر قاراپلا ئۆزىنى تونۇۋالغانلىقىغا سەل ئەجەبلىنىدۇ.
s-108 - شاگىرتلىرى كۇڭچيۇ ئۇستازنى يوقلىغىلى كەلدى، - دەيدۇ كۇڭزى دەرھال،
s-109 - شاگىرىتلىرىنى قوبۇل قىلغايلا.
s-110 - جۇڭنى ئىكەنسىز - دە، - دەيدۇ لاۋزى،
s-111 - سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغانىدىم.
s-112 ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، سىز مەندىن قېلىشمايدىكەنسىز.
s-113 شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە مېنى ئۇستاز تۇتماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟
s-114 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كۇڭزى يەنە بىر قېتىم تەزىم قىلىدۇ.
s-115 - ئۇستازنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىغا كۆپ تەشەككۇر، - دەيدۇ كۇڭزى،
s-116 - ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولماس،
s-117 سىلى بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى،
s-118 سىلىدىن ئۆگەنسەم، چوقۇم بىلىمىم مۇكەممەللىشىدۇ.
s-119 شۇنىڭدىن تارتىپ، كۇڭزى كۈن بويى ئۇستازىنىڭ قېشىدىن نېرى كەتمەي ھەر ۋاقىت تەلىم ئالىدۇ.
s-120 لاۋزىمۇ قىلچە ئايىماي ئۇنىڭغا بىلىم بېرىدۇ.
s-121 كىشىلەر كۇڭزى بىلەن لاۋزىنىڭ بىلىمىگىمۇ قايىل بولىدۇ،
s-122 شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنىمۇ قەدىرلەيدۇ.
s-123 ئاماننىسا بەش ياشقا قەدەم قويدى.
s-124 ئۇ تۆت يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقىرىپ بولغانىدى.
s-125 قىزىنىڭ چىرايلىق ئىنشالىرىنى كۆرگەن دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ كېتەتتى.
s-126 ئاماننىسا دادىسىغا شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇپ ئاڭلاشقا ۋە ساز چالدۇرۇپ ئاڭلاشقا تولىمۇ خۇشتار ئىدى.
s-127 گاھى چاغلاردا، ئېسىدە قالغان مىسرالارنى يېرىم - يارتا ھالەتتە چۈچۈك تىلى بىلەن دادىسىغا دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەتتى.
s-128 گاھى چاغلاردا، بويىدىن ئېگىز سازلارنى قولىغا ئېلىۋېلىپ، تۇرۇپ زىل تارىلارنى تىرىڭشىتسا، تۇرۇپ بوم تارىلارنى تىرىڭشىتاتتى.
s-129 بۇنداق ۋاقىتلاردا قىزىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان مىرزا مەھمۇد ئامراقلىقى كەلگەنلىكدىن كۈلۈپ كېتەتتى.
s-130 بىر كۈنى، ئۇ ئاماننىسانى قۇچىغىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ دىدى.
s-131 شېئىر ئۆگىتىپ قويايمۇ، قىزىم؟
s-132 راستما؟ ۋاي بەك ياخشى بولدى.
s-133 مەن شېئىر ئۆگىنىدىغان بولدۇم!
s-134 ئاماننىسا خوشاللىقىدا دادىسىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ كىتەتتى.
s-135 قېنى ئەمسە، قەغەز قەلىمىڭىزنى تەييارلاڭ، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد.
s-136 ئاماننىسا قەغەز قەلەم، سىياھداننى شىرە ئۈستىگە قويۇپ تەق بولدى.
s-137 مىرزا مەھمۇد بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، تۆت مىسرالىق بىر كۇپلېت شېئىرنى دانىمۇ - دانە قىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.
s-138 ئاماننىسا قومۇش قەلەمنى سىياھدانغا مىلەپ خۇش خەتچىلەپ چىرايلىق قىلىپ يېزىشقا كىرىشتى.
s-139 - قېنى، ئەمدى يازغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېرىڭا، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد.
s-140 ئاماننىسا تېخى سىياھ قۇرۇمىغان قەغەزنى ئاۋايلاپ قولىغا ئېلىپ، بالىلارغا خاس ئاۋازى بىلەن دۇدۇقلىماي ئوقۇپ بەردى.
s-141 - ھەببەللى، توغرا يېزىپسىز، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد سۆيۈنۈپ،
s-142 ئەمدى مەن سىزگە ئوقۇپ بېرەي، ھە،
s-143 دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ.
s-144 دادا بىر مىسرانى ئوقۇسا، قىزى بىر مىسرانى ئوقۇشقا باشلىدى.
s-145 دادا رازى بولمىغان مىسرالارنى قىزىغا قايتا - قايتا ئوقۇتتى.
s-146 ئاخىر ئۇ بىر ئاز قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، شېئىر يېزىلغان قەغەزنى قىزىغا قايتۇرۇپ بەردى.
s-147 - ئېلىڭ، قىزىم، باغقا چىقىپ يادلاپ كىرىڭ.
s-148 ئاماننىسا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مىرزا مەھمۇد ئۆز ئىشىغا تۇتۇندى.
s-149 لېكىن، ئارىدىن بىر چۆگۈن چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتە - ئۆتمەيلا، ئاماننىسا چۇڭۇلداپ سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى:
s-150 - دادا، دادا، يادلاپ بولدۇم!
s-151 - راستىنلا يادلاپ بولدىڭىزمۇ، قىزىم؟ - دېدى مىرزا مەھمۇد قىزىغا قاراپ،
s-152 - قېنى بىر ئوقۇڭا بىر ئاڭلاپ باقاي.
s-153 ئاماننىسا شېئىرنى تولۇق ياد ئوقۇپ بەردى.
s-154 ھۇششەررە، تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇڭ، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قىزىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ،
s-155 - ئەمدى چىقىپ ئانىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ.
s-156 ئۇنى بىر خۇش قىلىۋېتىڭ.
s-157 دادىسىنىڭ ماختىشىدىن قاتتىق خوشال بولغان ئاماننىسا: - ماقۇل، دادا، - دېگىنىچە ئويناقلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
s-158 باھار شامىلىنىڭ تەپتى بىلەن بالاساغۇن شەھىرى يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى.
s-159 پۈتۈن تەبىئەت قىشلىق چاپانلىرىنى سېلىپ، ياپيېشىل تون كىيدى.
s-160 تۇنجى ئېچىلغان گۈل - چېچەكلەر تەبىئەتكە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى.
s-161 بۇ مىلادىيە 1025 - يىلنىڭ ئەتىياز كۈنلىرى ئىدى.
s-162 ئۆز دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دەريا ساھىلىدە، ئالتە - يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر توپ بالا ئوردىكام ئويۇنى ئويناۋاتاتتى.
s-163 بالىلار ئوردىكام ئويۇنىدىن زېرىكتى بولغاي، ھەممەيلەن پۇتلىرىنى قۇمغا كۆمۈپ، غۇجمەك بولۇپ ئولتۇرۇشتى.
s-164 بۇ چاغدا، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئېيتقىلى تۇردى.
s-165 قالغان بالىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەكرارلايتتى.
s-166 بۇغا.. ئۆكۈز.. قوچقار....، - رىياسەتچى بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىغا ئۇلاپلا، مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ نامىنىمۇ ماھىرلىق بىلەن قىستۇرىۋېتەتتى،
s-167 - زىراپە... بالىلار ئارسىدا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
s-168 ئۇلار ۋارقىرىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يېڭىلىشىپ قالغان بولۇق ئىسىملىك بالىنى تۇتۇپ، ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە جازالاشقا تۇتۇش قىلدى.
s-169 ئەسلىدە بولۇقنى ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ دەرياغا تاشلاشقا توغرا كېلەتتى.
s-170 لېكىن، رىياسەتچى بالا ئاۋازىنى ئەتەي توم چىقىرىپ، كەسكىنلىك بىلەن ھۆكۈم قىلدى.
s-171 - بۈگۈن سۇ ئۇلۇغ ۋە لاي تۇرىدۇ.
s-172 شۇڭا، بولۇق قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، بۇ چېچەكنى چىشلەپ ئالىدۇ،
s-173 ۋە دەرەختىن بىر تال چېچەكنى غولى بىلەن سۇندۇرىۋېلىپ قۇمغا پاتۇرۇپ قويدى.
s-174 بولۇق بىر قانچە قېتىم قۇم قاساپ، ئاخىر ناھايىتى تەستە چېچەكنى چىشلەپ ئالدى.
s-175 بۇ ئويۇن ئۆز دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بالىلار ئويۇنى - «مۈڭگۈز - مۈڭگۈز» ئويۇنى ئىدى.
s-176 بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، تەسەۋۇرىنى كۈچلەندۈرۈپ، ھايۋانلار ھەققىدىكى تونۇشىنى، تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇراتتى.
s-177 ئويۇننىڭ جازاسى بولسا، بالىلارغا چىداملىق، زېرەك، ھوشيار بولۇشنى ئۆگىتەتتى.
s-178 بالىلار ئويۇننى داۋاملاشتۇردى.
s-179 رىياسەتچى بالا ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ۋە خوشال ھېس قىلاتتى.
s-180 بالىلارمۇ بۇ بالىغا بەك ئامراق ئىدى.
s-181 بۇ چېچەن بالا كىيىنكى چاغلاردىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدى.
s-182 جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كاتتا خەزىنە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمۇ بىباھا بايلىق.
s-183 بۇ بۆلەكتىكى ئەسەرلەر بىزگە بۇ خەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
s-184 بىز قەدىمكى مۇتەپەككۇرلار بىلەن تونۇشۇۋالىمىز،
s-185 ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى بىزگە ئادەم بولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،
s-186 ئەسەرلىرىدىكى ھېكىمەتلەر بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ.
s-187 ئىپتىخارلىنىش ھېسسياتىمىز بىلەن بۇ تېكىستلەرنى ئوقۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ پارلاقلىقىنى ھېس قىلايلى.
s-188 بۇرۇنىسىدا، بىر سودىگەر سەپەر ئۈستىدە بىر تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
s-189 سودىگەر نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، تۆگىسىنى زادىلا تاپالماپتۇ.
s-190 ئۇ تىت - تىت بولۇپ كېتىپتۇ.
s-191 بىر چاغدا، ئۇ ئالدى تەرەپتە كېتىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ سوراپتۇ.
s-192 - بوۋا، تۆگە كۆردىڭىزمۇ؟
s-193 - سىز سورىغان تۆگىنىڭ سول پۇتى سەل ئاقسامتى؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
s-194 سول تەرىپىگە ھەسەل، ئوڭ تەرىپىگە گۈرۈچ ئارتىلغانمۇ؟
s-195 - بىر چىشى يوقمىدى؟
s-196 - ئىنتايىن توغرا.
s-197 ئۇنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟
s-198 - بۇنى بىلمەيمەن.
s-199 - مىنى ئالدىما، - دەپتۇ سودىگەر غەزەپلىنىپ،
s-200 تۆگەمنى جەزمەن سەن يوشۇرۇپ قويۇپسەن،
s-201 ئۇنى كىم ئۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ؟
s-202 - ئاڭلىشىمچە، ئاسماندىن پات - پات مېتېئورىتلار چۈشۈپ تۇرىدىكەن،

Text viewDownload CoNNL-U