s-401
| بۇ كىشى بىر يىمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ماركا لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. |
s-402
| كېيىن، ئۇ دېسلونى ئۆز تەربىيىسىگە ئېلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتتى، |
s-403
| يەنە گۈزەل - سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەردى. |
s-404
| دېسلو تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاخىرى داڭلىق رەسسام بولۇپ قالدى. |
s-405
| ئەپەندىمنىڭ بىر يېزىلىق ئاغىنىسى ئۇنىڭدىن شەھەردىكى دوستىغا خەت يېزىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. |
s-406
| نەسردىنئەپەندى ئۆزرە ئېيتىپتۇ. |
s-407
| - جېنىم بىلەن يېزىپ بېرەتتىم، |
s-408
| بىراق شەھەرگە بېرىشقا ۋاقتىم يوق، |
s-409
| - ئەپەندىم، سىزنى شەھەرگە بېرىڭ دېگىنىم يوق، |
s-410
| خەت يېزىپ بېرىڭ دەۋاتىمەن، - دەپتۇ ئاغىنىسى. |
s-411
| - رەنجىمەڭ، ئاغىنە، مەن يازغان خەتنى ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم ئوقۇيالمايدۇ |
s-412
| . سىزگە خەت يېزىپ بەرسەم، ئۆزۈم بېرىپ دوستىڭىزغا ئوقۇپ بەرسەم بولىدۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم. |
s-413
| ئەپەندىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بىر كىشى كېلىپ دەپتۇ. |
s-414
| - ئەپەندىم، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەلدىم، |
s-415
| قايسىسىنى ئۇنتۇپ، قايسىسىنى يادىمدا ساقلاشنى بىلەلمەي قالدىم، |
s-416
| بىر مەسلىھەت بېرىڭا، |
s-417
| - بۇ دۇنيادا باشقا كىشىدىن كۆرگەن ياخشىلىقىڭىز بولسا، ئۆلگۈچە ئېسىڭىزدە ساقلاڭ؛ |
s-418
| باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز بولسا، ئۇنى دەررۇ يادىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ! |
s-419
| - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم. |
s-420
| ئەپەندىم بىر يېقىن دوستىغا خەت يېزىۋاتقاندا، بىرى ئشىك كەينىگە كېلىپ، ئوغرىلىقچە خەتنى ئوقۇپتۇ. |
s-421
| بۇنى سېزىپ قالغان ئەپەندىم خەتنىڭ ئاخىرىغا يېزىپتۇ: |
s-422
| «قەدىرلىك ئاغىنە، ساڭا يازىدىغان گەپلىرىم كۆپ ئىدى، |
s-423
| بىراق نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىر ئادەم كەينىمدە تۇرۇپ خېتىمنى ئوغرىلىقچە ئوقۇۋاتىدۇ». |
s-424
| - ئەپەندىم، ئادەمنى نېمىشقا ھاقارەت قىلىسىز، |
s-425
| خېتىڭىزنى كىم ئوقۇپتۇ؟ - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم تېرىكىپ. |
s-426
| - ئوغرىلىقچە ئوقۇمىغان بولسىڭىز، ھاقارەت قىلغانلىقىمنى نەدىن بىلدىڭىز؟ - دەپتۇ ئەپەندىم. |
s-427
| بۇرۇنىسىدا، ئىنتايىن ئاچ كۆز، ھىيلىگەر بىر باي ئۆتكەنىكەن. ئۇ يېرىنى دېھقانلارغا ئىجارىگە بېرىپ، تۈرلۈك ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن ھوسولنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىكەن. |
s-428
| بىر يىلى، بىر نامرات دېھقان بۇ باي بىلەن ئىجارە توختىمى تۈزگىلى بارماقچى بوپتۇ. |
s-429
| بىراق، ئون ياشلىق ئوغلى: «دادا، بۇ ئىشقا مەن بارايچۇ!» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. |
s-430
| دېھقان ماقۇل بوپتۇ. |
s-431
| بالا باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كېلىش مەقسىتىنى ئېيتقاندىن كېيىن سوراپتۇ. |
s-432
| - سىلى بۇ يىل تېرىلىدىغان زىرائەتنىڭ قايسى قىسمىنى ئالىدىلا؟ |
s-433
| «دادىسى ھاماقەتنىڭ مۇشتەك شۇمنى ئەۋەتكىنىنى قاراڭلار، - دەپ كۈلۈپتۇ باي ئىچىدە، |
s-434
| - تازا شىلىۋالىدىغان بولدۇم - دە! |
s-435
| - ئاستى قىسمىنى، - دەپتۇ باي توختامغا قول قويۇپ. |
s-436
| بالا قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇغداي تېرىشقا مەسلىھەت بېرىپتۇ. |
s-437
| بۇغداي پىشقاندا، باي ئىجارە يىغىشقا كەپتۇ. |
s-438
| دېھقان بۇغدايلىرىنىڭ باشىقىنى ئۈزۈۋېلىپ، غوللىرىنى بايغا قالدۇرۇپتۇ. |
s-439
| باي غەزەپلەنگەن ھالدا ھەيۋە قىلغانىكەن، ئەقىللىق بالا توختامنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. |
s-440
| باي غىڭ قىلالماي قاپتۇ. |
s-441
| ئىككىنچى يىلى بالا يەنە توختام تۈزگىلى بېرىپتۇ. |
s-442
| «بۇ قىتىم ئەدىپىڭنى راسا بەرمەيدىغان بولسام» دەپ ئويلاپتۇ باي ۋە: |
s-443
| - بۇ يىل زىرائەتنىڭ ئۈستى قىسمىنىمۇ، ئاستى قىسمىنىمۇ ئالىمەن، - دەپتۇ. |
s-444
| - دېگەنلىرىدەك بولسۇن، - دەپتۇ بالا مېيىقىدا كۈلۈپ. |
s-445
| ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆيىدىكىلەرگە: «بۇيىل قوناق تېرايلى» دەپتۇ. |
s-446
| دېھقان قوناقنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋېلىپ، شېخىنى قالدۇرۇپتۇ. |
s-447
| بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەرۋايى ئۇچقان باي ۋارقىراپتۇ. |
s-448
| - مەن بۇ يىلقى زىرائەتنىڭ ئۈستى قىسمىنىمۇ، ئاستى قىسمىنىمۇ ئالىمەن دېگەن ئىدىمغۇ! |
s-449
| - دېگەنلىرىدەك بولدى، - دەپتۇ بالا كۈلۈپ تۇرۇپ، |
s-450
| - بۇ قوناق شاخلىرىنىڭ ئۈستىمۇ، ئاستىمۇ شۇ پېتى تۇرمامدۇ! |
s-451
| باي بۇ نۆۋەتمۇ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. |
s-452
| ئۈچىنچى يىلى بالا يەنە توختام تۈزگىلى بارغاندا، باي: «ئەمدىغۇ دەردىمنى ئالارمەن» دەپ ئويلاپتۇ ۋە: |
s-453
| - يەردىن ئۈنۈپ چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئالىمەن! - دەپتۇ. |
s-454
| بالا رازىلىق بىلدۈرۈپ: - دېگەنلىرىدەك بولسۇن، - دەپتۇ. |
s-455
| دېھقان ئوغلىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە پىياز تېرىپتۇ. |
s-456
| كۈز بولغاندا باي كەپتۇ. |
s-457
| ئۇ ئېتىزلىقتىكى ھەممە پىيازنى يىغىۋالماقچى بوپتىكەن، بالا توختامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ. |
s-458
| - قارىسىلا، توختامدا سىلى يەردىن ئۈنۈپ چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئالىمەن دېگەن، |
s-459
| شۇڭا سىلىگە پىيازنىڭ كۆكى تېگىدۇ، |
s-460
| يەر تېگىدىكى پىياز توختام بويىچە بىزگە قالىدۇ، |
s-461
| يەنە ئۇتتۇرۇپ قويغان باي دەردكە چىدىماي ئۆيىگە بېرىپلا ئاغرىپ قاپتۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. |
s-462
| يېزىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، ئەقىللىق بالىغا بارىكاللا ئېيتىشىپتۇ. |
s-463
| بىز تۇرمۇشتا ھەرخىل مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. |
s-464
| مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىز ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىمىز ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، كۆپ ھاللاردا نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. |
s-465
| بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەردە جانلىق، قىزىقارلىق ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. |
s-466
| ئۇلار بىزگە مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، قانداق ئويلاشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. |
s-467
| قېنى، بىز كۆپرەك ئوقۇپ، كۆپرەك ئويلىنىپ باقايلى. |
s-468
| تەتىلدە ئاتا - ئانام بىلەن قەشقەرگە بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلىغان مۇئەللىم دېدى. |
s-469
| «قايتىپ كەلگەندە بىزگە قەشقەر توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىن، بولامدۇ» |
s-470
| مەن خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم |
s-471
| ۋە سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن قەشقەرگە دائىر بىر مۇنچە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە خېلى ساۋاتلىق بولۇپ قالدىم. |
s-472
| قەشقەرۋىلايىتى شىنجاڭئۇيغۇرئاپتونومرايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، |
s-473
| شىمالدا تەڭرىتاغ، جەنۇپتا قاراقۇرۇتېغى، شەرىقتە تەكلىماكانقۇملۇقى، غەربتە پامىرئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. |
s-474
| ئومۇمىي يەر مەيدانى 620مىڭ كۋادراتكىلومېتىر. |
s-475
| ۋىلايەت تەۋەسىدە بىر شەھەر، 11 ناھىيە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 3مىليون 500مىڭدىن ئاشىدۇ. |
s-476
| ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. |
s-477
| قەشقەر شەھىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. |
s-478
| ئۇ ئىككىئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. |
s-479
| ئۇ نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا كۆپلىگەن خانلىقلارغا پايتەخت بولغان. |
s-480
| تارىختا دېڭىز يولى ئېچىلماستا، قەشقەر قەدىمكى «يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان. |
s-481
| قەشقەرنى ئېلىمىزنىڭ «غەربىي دەرۋازىسى» دېيىشكە بولىدۇ. |
s-482
| ئۇ تاجىكىستان، ئاففانىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان، ھىندىستان قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن چېگرلىنىدۇ. |
s-483
| قەشقەر ئېلىمىزنىڭ پاختا ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى. |
s-484
| مېۋىلىرىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن يەنە «مېۋە ماكانى» دېگەن نامىمۇ بار. |
s-485
| قەشقەردە يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق جاھانغا مەشھۇر ئالىملىرىمىزنىڭ مەقبەرىلىرى، ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، تاششەھەر قاتارلىق يادىكارلىقلار بار. |
s-486
| ئەسلىدە، مامكاپ ئېچىلغان چاغدا ئالتۇن رەڭلىك، يايلاقمۇ ئالتۇن رەڭگە كىرىدىكەن، |
s-487
| مامكاپ گۈلى يۇمۇلۇپ قالغاندا بولسا، ئالتۇن رەڭلىك بەرگلىرىنى ئورىۋالىدىكەن - دە، يايلاق يېشىل رەڭگە قايتىدىكەن. |
s-488
| يايلاق نەقەدەر سۈيۈملۈك، |
s-489
| مامكاپ نەقەدەر قىزىقارلىق - ھە! |
s-490
| ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، مامكاپ بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلگە ئايلاندى. |
s-491
| ئۇ بىز بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان، بىللە ئورنىدىن تۇرىدىغان بولدى. |
s-492
| سەھەر كۆپكۆك ئاسمان شۇ قەدەر سۈزۈك. |
s-493
| مەھەللنىڭ تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان تېرەكلىك يوللىرىدىن توپ - توپ بالىلار مەكتەپكە قاراپ كەلمەكتە. |
s-494
| ئۇلارنىڭ ئوماق چىرايلىرىدا كۈلكە جىلۋە قىلاتتى. |
s-495
| قىزىق پاراڭ، شوخ كۈلكىلەر ئەتراپنى جانلاندۇرىۋەتكەنىدى. |
s-496
| بىزنىڭ مەكتەپتە ھەرمىللەت بالىلىرى بىرلىكتە ئوقۇيدۇ. |
s-497
| ئۇلارنىڭ تىلى مىجەز - خاراكتېرى، ئارزۇ - ھەۋەسلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈشىدۇ. |
s-498
| مەكتىپىمىز دەل - دەرەخ ۋە رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولغان گۈزەل باغقىلا ئوخشايدۇ. |
s-499
| مەكتەپ ھويلىسى رەڭمۇرەڭ، خىلمۇخىل مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن بەختىيار بالىلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. |
s-500
| بىز قەدىردان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا خۇددى قۇشلاردەك چۇۋۇرلىشىپ سالام بېرىمىز. |