s-301
| - مۈشۈكتىن قانداق قۇتۇلارمىز؟ - دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ چاشقانلار. |
s-302
| - مۈشۈك دېگەن بەك مەككار، |
s-303
| ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولماسمىكىن، - دەپتۇ بىر چاشقان. |
s-304
| - ئۇ ماڭغان چاغدا شەپە چىقارمايدۇ ئەمەسمۇ، - دەپتۇ يەنە بىر چاشقان ئۇنىڭ گېپىنى ماقۇللاپ، |
s-305
| - يەنە كېلىپ، ئۇ مۈكۈنۈپ تۇرسا بىلەلمەي قالىدىكەنمىز. |
s-306
| - مەن بىر ئامال تاپتىم! - دەپتۇ بىر ۋىجىك چاشقان، |
s-307
| - مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويساق، ئۇ بىزگە يېقىنلاشماي تۇرۇپلا قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمىز - دە، بەدەر تىكىۋېتىمىز. |
s-308
| بۇ چارە چاشقانلارغا يېقىپ قاپتۇ، |
s-309
| ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشنى قارار قىپتۇ. |
s-310
| لېكىن، ئەڭ قېرى بىر چاشقان ئۇلاردىن سوراپتۇ: |
s-311
| - بۇغۇ ئوبدان ئامال ئىكەن، |
s-312
| ئەمما مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراقنى كىم ئاسىدۇ؟ |
s-313
| چاشقانلار بۇ سۇئالغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي بىربىرىگە قارىشىپتۇ، |
s-314
| ئارقىدىن «سەن ئاس» دېسە، «سەن ئاس» دېيىشىپ، بىربىرىگە بەس سېلىشقا باشلاپتۇ. |
s-315
| ئاخىر مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇشقا جۈئەت قىلىدىغان بىرەرسىمۇ چىقماپتۇ. |
s-316
| ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، چاشقانلار تا ھازىرغىچە بۇ ئىشنى دەتالاش قىلىدىكەن، |
s-317
| مۈشۈكلەرمۇ بۇرۇنقىدەك چاشقانلارنى تۇتۇپ يەۋېرىدىكەن. |
s-318
| «ياخشى چارە ئىشنىڭ يېرىمى» دېگەن ماقالمۇ شۇنىڭدىن قالغانىكەن. |
s-319
| بېرنادشاۋ ئەنگىلىيىلىك داڭلىق يازغۇچى. |
s-320
| بىر قېتىم، ئۇ موسكىۋاغا زىيارەتكە بارغاندا، بىر قىزچاقنى ئۇچرىتىپ قالدى. |
s-321
| چېچىغا قىزىل لېنتا چىگىۋالغان قىزچاق ئاپئاق ھەم بۇدرۇق بولۇپ، يوغان كۆزلىرى نۇرلۇق، تولىمۇ ئوماق ئىدى. |
s-322
| بۇ قىزچاققا ئامراق بولۇپ قالغان بېرنادشاۋ ئۇنىڭ بىلەن بىللە خېلى ئۇزاق ئوينىدى. |
s-323
| خوشلىشىدىغان چاغدا، بېرنادشاۋ قىزچاققا دېدى: |
s-324
| - ئۆيگە بارغاندا ئاپىڭىزغا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، |
s-325
| بۈگۈن سىز بىلەن بىللە ئوينىغان كىشى دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى بېرنادشاۋ، |
s-326
| بېرناد شاۋ قىزچاق ئۆزى بىلەن بىللە ئوينىغان كىشىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىدە، چوقۇم خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قالىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. |
s-327
| لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن، قىزچاق بېرنادشاۋنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ دېدى: |
s-328
| - سىزمۇ ئۆيىڭىزگە قايتقاندا ئاپىڭىزغا ئېيتىڭ، |
s-329
| بۈگۈن سىز بىلەن بىللە ئوينىغان كىشى سوۋېتت ئىتتىپاقىلىق قىزچاق ناتاشا. |
s-330
| بۇ گەپنى ئاڭلىغان بېرنادشاۋ ئىختىيارسىز ئەندىكىپ كەتتى. |
s-331
| ئۇ شۇ ھامان ئۆزىنى بەك يۇقىرى چاغلىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. |
s-332
| شۇ ئىشتىن كېيىن، بېرنادشۋا چوڭقۇر ھاياجان بىلەن دەيدىغان بولدى: |
s-333
| ئادەم قانچە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنى چوڭ چاغلىماسلىقى كېرەك ئىكەن. |
s-334
| ھەر قانداق ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، مەڭگە كەمتەر بولۇشى لازىم ئىكەن. |
s-335
| مانا بۇ ھېلىقى قىزچاقنىڭ ماڭا بەرگەن تەربىيىسى. |
s-336
| ئۇ مېنىڭ ئۇستازىم. |
s-337
| بالىلىق دەۋر ئەگرى توقاي كەتكەن ئېرىققا ئوخشايدۇ. |
s-338
| بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەر ئاشۇ ئېرىقتا ئوقچۇپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ بۇژغۇنلىرىغا ئوخشايدۇ. |
s-339
| بۇژغۇنلار بەزىدە خوشال ناخشا ئېيتسا، بەزىدە كۆڭۈل غەشلىكىنى ئىزھار قىلىدۇ؛ |
s-340
| ھەر بىر بۇژغۇندا تەسىرلىك ھېكايىلەر بار. |
s-341
| بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، بالىلىق دەۋرنىڭ نەقەدەر گۈزەل ۋە رەڭدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلايلى. |
s-342
| باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مومام تۈگەپ كەتتى. |
s-343
| مومام ھايات ۋاقتىدا ماڭا بەك ئامراق ئىدى. |
s-344
| مەن قايغۇدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تاپالماي، ھەر كۈنى مەكتەپ مەيدانىنى ئايلىنىپ يۈگۈرىدىغان، ھېرىپ كەتكەندە چىملىققا ئۆزۈمنى ئېتىپ پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالىدىغان بولدۇم. |
s-345
| قايغۇلۇق كۈنلەر خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى. |
s-346
| ئاتا - ئانام ماڭا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەيلا قالدى. |
s-347
| ئۇلار: «موماڭ ئۇخلاپ قالدى» دەپ مېنى گوللىغاندىن كۆرە، راست گەپ قىلىشنى لايىق تېپىپ: «موماڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كەتتى» دېدى. |
s-348
| - قايتىپ كەلمەسكە كەتتى، دېگەن نېمە گەپ؟ - دەپ سورىدىم مەن دادامدىن. |
s-349
| - ۋاقىت ئىچىدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان چېغى بولىدۇ، - دېدى دادام چۈشەندۈرۈپ، |
s-350
| - سېنىڭ تۈنۈگۈنۈڭ ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ مەڭگە تۈنۈگۈن بولۇپ قالىدۇ، |
s-351
| سەن ھەرگىزمۇ تۈنۈگۈنگە قايتالمايسەن. |
s-352
| مەن بۇرۇن ساڭا ئوخشاش كىچىك ئىدىم، |
s-353
| ھازىر ئاشۇ بالىلىقىمغا قايتالمايمەن. |
s-354
| بىر كۈنلەرگە بارغاندا، سەنمۇ چوڭ بولىسەن، |
s-355
| موماڭغا ئوخشاش قېرىيسەن. |
s-356
| يەنە بىر كۈنلەرگە بارغاندا، سەنمۇ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، موماڭغا ئوخشاش مەڭگە كەلمەسكە كېتىسەن. |
s-357
| دادامنىڭ دېگەنلىرى بىر تېپىشماققا ئوخشايتتى. |
s-358
| بۇ تېپىشماق ماڭا «ۋاقىت - ئالتۇندىنمۇ قىممەت، ۋاقىتنى ئالتۇنغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە قارىغاندىمۇ ۋەھىمىلىك بىلىندى، |
s-359
| «ۋاقىت - ئاتقان ئوق، ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتەر» دېگەن سۆزلەردىنمۇ بەكرەك جىددىيلەشتۈردى. |
s-360
| شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، ھويلىدا ئولتۇرۇپ قۇياشنىڭ تاغ كەينىگە ئاستا - ئاستا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارايدىغان، «مانا، يەنە بىر كۈن كەلمەسكە كەتتى» دەيدىغان بولدۇم. |
s-361
| ئەتە قۇياش قايتا چىقسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى قۇياشنىڭ مەڭگۈ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. |
s-362
| مەن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنى كۆردۈم، |
s-363
| ئۇلار بەك تىز ئۇچىدىكەن. |
s-364
| ئەتە ئۇلار مۇشۇ يول بىلەن قايتا ئۇچۇپ ئۆتەر، لېكىن ئۇ كۈن مەڭگۈ بۈگۈن بولالمايدۇ. |
s-365
| ئېھتىمال ئەتە بۇ يول بىلەن ئۇچۇپ ئۆتىدىغىنى قېرى قۇش ئەمەس، بەلكى بالا قۇش بولىشىمۇ مۇمكىن. |
s-366
| تېز ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت مېنى تىتتىت قىلىپلا قالماي، يەنە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلاتتى. |
s-367
| بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، قۇياشنىڭ ئولتۇراي دەپ قالغىنىنى كۆرۈپ دېدىم: |
s-368
| مەن ئۆيۈمگە قۇياشتىنمۇ تېز قايتالايمەن. |
s-369
| ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشكە باشلىدىم. |
s-370
| مەن ھاسىرىغىنىمچە ھويلىغا كىرىپ قۇياشقا قارىسام، ئۇنىڭ ئاران يېرىمى ئولتۇرۇپتۇ. |
s-371
| مەن خوشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم. |
s-372
| شۇ كۈنى مەن قۇياشنى يېڭىۋالدىم. |
s-373
| كېيىن، دائىم مۇشۇ ئويۇننى ئوينايدىغان بولدۇم. |
s-374
| مەن بەزىدە قۇياش بىلەن، بەزىدە شامال بىلەن بەسلىشەتتىم؛ |
s-375
| بەزىدە ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىمنى. ئون كۈندىلا ئىشلەپ بولاتتىم. |
s-376
| 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ھەمىشە 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئاكامنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تالىشىپ ئىشلەپ كېتىدىغان بولدۇم. |
s-377
| ھەر قېتىم ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ئۇنى يېڭىۋالغىنىمدا، خوشاللىقىمنى قانداق سۈپەتلەشنى بىلەلمەي قالاتتىم. |
s-378
| كېيىنكى 20 يىلدا، مەن بۇنىڭدىنمۇ زور نەپكە ئېرىشتىم. |
s-379
| مەن مەڭگۈ ۋاقىتنى يېڭەلمەيدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ، بىراق ئەسلىدىكىدىن بىر قەدەم بولسىمۇ تېز يۈگۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. |
s-380
| بۇ بىرنەچچە قەدەم بەك كىچىك بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ رولى كىچىك ئەمەسكەن. |
s-381
| چۈنكى، ۋاقىت بىلەن ئىزچىل بەسلەشكەندە، جەزمەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. |
s-382
| ئىيۇل ئېيى يېتىپ كېلەي دېدى. |
s-383
| پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئىلگىركى يىللاردىكىگە ئوخشاش، دۆلەت بايرىمىنى قارشى ئېلىش تەييارلىقلىرى باشلىنىپ كەتتى. |
s-384
| بىر مەكتەپنىڭ كۇلۇبىدا بالىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت بايرىمىلىق پاراتقا قاتنىشىش ئىشىنى مۇزاكىرلىشىۋاتاتتى. |
s-385
| بەزى ئىشلار بىكىتىپ بولۇندى، |
s-386
| ئەمما ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن مەسلىھەتلىشىشكە تىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم ئىشىنىڭ بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. |
s-387
| ئۇنىڭغا بىردىنلا ئامراقلىقى كەلگەن خوجايىن دېدى. |
s-388
| - بولىدۇ، ئاپىرىپ سىزىپ باققىن، |
s-389
| قاملاشتۇرالمىساڭ ئەدىپىڭنى بېرىمەن جۇمۇ. |
s-390
| ئەتىسى ئەتىگەندە، دېسلو كېچىچە ئىشلەپ پۈتكۈزگەن ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ دۇكانغا باردى. |
s-391
| بۇ چاغدا، دۇكان خوجايىنى سالاپەتلىك بىر بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. |
s-392
| خوجايىن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىدىن تۇرۇپلا قالدى ۋە ئاغزىئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى: |
s-393
| - نېمەدېگەن چىرايلىق! |
s-394
| بۇ مېۋە - چېۋىلەر گويا ھازىرلا ئۈزۈلگەندەك كۆرۈنىدىكەن! |
s-395
| - ۋىۋىسكىنى مۇشۇ بالا سىزغانلا بولسا، ھەقىقەتەن چېچەن، ئەقىللىق بالا ئىكەن، - دېدى ھېلىقى بوۋايمۇ، ئاندىن دېسلوغا قاراپ، |
s-396
| - سەن بىز بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالامسەن؟ |
s-397
| مەن ساڭا ئىش ھەققى بېرىمەن، |
s-398
| سېنى ئوقۇشقىمۇ ئەۋەتىمەن، |
s-399
| سەن ماڭا ئېلان رەسىملىرىنى سىزىپ بېرىسەن. |
s-400
| دېسلو ماقۇل بولدى. |