s-201
| لونزىۋېننىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشاش چىقمىدىغۇ؟ |
s-202
| ئويلىغانسېرى ئىلىنانىڭ ئاچچىقى كەپتۇ. |
s-203
| ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ لونزۋېننىڭكىگە كېلىپ دەپتۇ: |
s-204
| - بىزدىن ئۇنداق سوئالنى سورىغىنىڭىز نېمىسى؟ |
s-205
| بىزنى كىچىك بالا دەپ، بىر كولدۇرلىتاي دېگەنمىدىڭىز يا؟ |
s-206
| لونزىۋېن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: |
s-207
| - سىلەرنى كولدۇرلىتىش ئويۇم يوق. |
s-208
| مەن سىلەرگە ئالىملارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىلا توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، قول سېلىپ ئىشلەپ، سىناپ كۆرۈش كېرەك، دېگەننى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن. |
s-209
| لونزۋېننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىلىنانىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ. |
s-210
| بىز ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا قول سېلىپ ئىشلىمىسەك ۋە مېڭە ئىشلاتمىسەك بولمايدۇ. |
s-211
| ھەربىر بايقاش ۋە ھەربىر كەشپىيات كىشىلەرنىڭ كۆڭۇل قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشىدىن بارلىققا كەلگەن. |
s-212
| بىزمۇ ئىجتىھاتلىق ئادەم بولۇپ، ئۆز ئەجرىمىز ۋە ئەقىل پاراسىتىمىز بىلەن يېڭىيېڭى نەرسىلەرنى بايقايلى، ئىجاد قىلايلى! |
s-213
| 20ەسىرنىڭ 20يىللىرىنڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەمتىلى ئىسىملىك بىر يىگىت بۈيۈك مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قەشقەردىن ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. |
s-214
| ئۇ چاغلاردا بۇ زېمىندا ماشىنا، پويىزلار بولمىغاچقا، ئات، ئېشەك، تۆگىلەرگە مىنىپ سەپەر قىلىشقا توغرا كېلەتتى. |
s-215
| لېكىن بۇ جاپالىق ئۇزۇن سەپەر بۇ يىگىتنى بىلىم ئىزدەش نىيىتىدىن ياندۇرالماپتۇ. |
s-216
| ئۇ تالاي مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نەچچە ئاي يول يۈرۈپ، ئاخىرى تۈركىيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. |
s-217
| مەمتىلىنڭ يانچۇقى قۇرۇق ئىكەن، |
s-218
| يەنە كېلىپ تۈركىيىدە تونۇشبىلىشلىرىمۇ يوق ئىكەن. |
s-219
| ئۇ بوينىغا تەنزە ئېسىپ، ئۇششاقچۈششەك نەرسىلەرنى سېتىپ جان بېقىپتۇ، |
s-220
| ھەر ۋاقىت بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى ئىزدەپتۇ. |
s-221
| ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە قارا خىزمەتچى بوپتۇ. |
s-222
| مەمتىلى ھەر كۈنى مەكتەپنىڭ تازىلىق ئىشلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، سىنىپ دېرىزىسىنڭ سىرتىدا تۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلايدىغان بوپتۇ. |
s-223
| بىر كۈنى، مەكتەپ مۇدىرى مەمتىلىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىتىپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. |
s-224
| _ كەچۈرۈڭ، ئەپەندى مەن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولۇپ ئازراق دەرس ئاڭلاي دېۋىدىم... _ دەپتۇ مەمتىلى. |
s-225
| _ دەرس ئاڭلاي دېۋىدىم؟ _ مۇدىر ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن مەمتىلىگە قاراپتۇ. |
s-226
| _ شۇنداق، مەن بىلىم ئېلىش كويىدا بۇ ئەلگە كەلگەن... |
s-227
| مەمتىلى مۇدىرغا كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. |
s-228
| قاتتىق تەسىرلەنگەن مۇدىر ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ دەپتۇ: |
s-229
| _ سېنىڭدەك كىشىلەر دەرسنى دېرىزە سىرتىدا ئەمەس، دېرىزە ئىچىدە ئاڭلىشى كېرەك |
s-230
| ئۇنى بىر سىنىپقا باشلاپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ... |
s-231
| مەمتىلى ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇپتۇ. |
s-232
| ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، 1934يىلى ئەتىيازدا ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. |
s-233
| ئۇ يۇرتداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئېچىپ، مىڭلىغان بالىلارنى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپتۇ، |
s-234
| كۆپلىگەن شئېرمۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇلارغا ئۆگىتىپتۇ... |
s-235
| بۇ كىشى بىزنىڭ مەشھۇر مائارىپچىمىز، ئوتيۈرەك كومپوزىتورىمىز ۋە شائىرىمىز مەمتىلىئەپەندى (تەۋپىق) ئىدى. |
s-236
| 160نەچچە يىل ئىلگىرى، فرانسىيىدە ئامپېر ئىسىملىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئۆتكەن. |
s-237
| ئۇ بېرىلىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىناتتى. |
s-238
| بىر كۈنى، ئامپېر كوچىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى. |
s-239
| يولۇچىلار، پەيتۇنلار ئۇياقۇياققا ئۆتۈپ تۇراتتى. |
s-240
| بىراق، ئامپېر بۇلارنى كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغاندەك، بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە كېتىۋاتاتتى. |
s-241
| ئەسلىدە ئۇ بىر ماتېماتىكىلىق مەسلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتاتتى. |
s-242
| باشتا ئۇ كۆڭلىدە ھېسابلاپ، بارمىقى بىلەن چاپىنىنىڭ يېڭىگە نېمىلەرنىدۇر سىزىپ ماڭدى، |
s-243
| كېيىن بىر يەرنى تېپىپ ھېسابلىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. |
s-244
| سۆزلەپ كەلسەك بەك قىزىق، |
s-245
| ئامپېر بىردىنلا كوچىنىڭ ياقىسىدا تۇرغان بىر دوسكىنى كۆرۈپ قالدى. |
s-246
| گويا بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن راسلاپ قويۇلغاندەك قىلاتتى، |
s-247
| بەك ياخشى بولدى! |
s-248
| ئامپېر خۇش بولۇپ ئۇياققا باردى – دە، يانچۇقىدىن بورنى چىقىرىپ، دوسكىغا يېزىپ ھېسابلاشقا باشلىدى. |
s-249
| ئامپېر تازا ھېسابلاۋاتقاندا، 'دوسكا' مىدىرلىدى – دە، ئاستا ئالغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىدى. |
s-250
| - مىدىرلىما، مىدىرلىما دەيمەن! – دىدى ئامپېر ئالدىراپ، - يەنە بىر ئاز چىدىساڭلا ھېسابلاپ بولىمەن! |
s-251
| لېكىن، 'دوسكا' ئالغا قاراپ كېتىۋەردى، |
s-252
| ئامپېرمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھېسابلاۋەردى. |
s-253
| كېيىن، ھېلىقى دوسكىنڭ مېڭىشى تېزلاپ كېتىپ، ئامپېر ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي قالدى. |
s-254
| ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسا، بايا ھېساب يازغىنى دوسكا ئەمەس، بەلكى پەيتۇننىڭ كەينى تەرىپى ئىكەن.... |
s-255
| ئالىملارنىڭ تەسىرلىك ئىشئىزلىرى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تىنماي ئۆگىنىش ئادەمنى چوڭچوڭ ئىشلارنى ۋۈجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. |
s-256
| ئادەم ئۆگنىش بىلەن ئالغا باسىدۇ. ئەتىكى ئىشلار ئۈچۈن بۈگۈن ئۆگىنىش كېرەك، كەلگۈسى ئۈچۈن، ھارمايتالماي ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش كېرەك. |
s-257
| ئەنقانىڭ ئۇۋا ياسىشىنى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر مۇنچە قۇشلار ئۇنىڭدىن ماھارەت ئۆگەنگىلى بېرپتۇ. |
s-258
| ئەنقا: - بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ھېچنېمىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ...، - دەپ سۆز باشلىشىغا، توخۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. |
s-259
| ھۇۋقۇش: 'ئەنقانىمۇ كۆرۈپ قويدۇم، قۇرۇق گەپنى تولا قىلىدىكەن' دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۇچۇپ كېتىپتۇ. |
s-260
| - ياخشى ئۇۋا ياساش ئۈچۈن ئورۇننى ياخشى تاللىشىمىز، يەنى چوڭ دەرەخ ئاچىمىقىنى... |
s-261
| بۇ گەپنى ئاڭلىغان سار: 'ھەي، ئەسلىدەشۇنچىلىكلا بىر ئىش ئىكەنغۇ، بىلىۋالدىم!' دەپتۇ - دە، قاناتلىرىنى قېقىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. |
s-262
| - ئېغىزدا چىشلەپ كەلگەن چاۋارلارنى بىربىرلەپ تىزىپ... |
s-263
| سۆز شۇ يەرگە كەلگەندە، قاغا: 'ۋايۋۇي، چاۋارلارنى تىزسىلا بولىدىكەنغۇ، مەنمۇ ئۆگىنىۋالدىم' دەپتۇ - دە، قاقىلداپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. |
s-264
| - ياسىغان ئۇۋىمىز بىخەتەر بولۇشى كېرەك. |
s-265
| خاتىرجەم تۇراي دېسەڭ، ئۇۋاڭنى ئۆيلەرنىڭ پېشايۋانلىرىغا ياسا، ئۇ چاغدا بوران - يامغۇردىنمۇ قورقمايدىغان بولىسەن... |
s-266
| بۇنى ئاڭلىغان قۇشقاچ: 'ئويلىغىنىم بىلەن ئوخشاشكەن' دەپ، ئۇچۇپ كېتىپتۇ. |
s-267
| پەقەت كىچىك قارلىغاچلا ئەنقانىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ. |
s-268
| ئەنقا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئاندىن كېيىن لاي ئەكېلىپ، لاينىڭ ھەر بىر قەۋىتىگە قىل ۋە ئوت - خەسلەرنى ياتقۇز، شۇندىلا پۇختا ئۇۋا ياسىغان بولىسەن، - دەپتۇ. |
s-269
| ئەنقا سۆزلەۋاتقاندا ئۇخلاپ قېلىپ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغان توخۇ ئۇۋا ياساشنى بىلەلمەپتۇ، |
s-270
| شۇڭا تا ھازىرغىچە كىشىلەر ياساپ بەرگەن تەييار ئۇۋىدا ياشايدىكەن. |
s-271
| ھۇۋقۇش ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئۇۋا ياساشنى ئۆگەنمىگەچكە، پەقەت دەرەخ شېخىدا دۈگدىيىپ ئولتۇرۇشنىلا بىلىدىكەن. |
s-272
| سار ئاچىماق شاخنى كۆرسىلا قونۇۋالىدىكەن. |
s-273
| قاغا ئۇۋا ياساشنى چالا ئۆگەنگەچكە، سالغان ئۇۋىسى شامال چىقسىلا چۇۋۇلۇپ كېتىدىكەن. |
s-274
| قۇشقاچ بولسا، پىشايۋان ئاستى ۋە قاراڭغۇ كامارلارغا ئۇۋا سالىدىكەن. |
s-275
| قارلىغاچ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەچكە، ناھايىتى ئەپچىل ۋە پۇختا ئۇۋا ياسايدىكەن. |
s-276
| شۇڭا، ئۇ بوران - يامغۇرلۇق چاغلاردىمۇ ئۇۋىسىدا خاتىرجەم يېتىۋېرىدىكەن. |
s-277
| بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، قۇلۇلىنىڭ قىياپىتى ھازىرقىغا ئوخشىمايدىكەن. |
s-278
| ئۇنىڭ بىر جۈپ كۈچلۈك قانىتى بار ئىكەن، |
s-279
| كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىكەن. |
s-280
| بىر قېتىم ھاشاراتلار ئارا ئۇچۇش مۇسابقسى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. |
s-281
| قۇلۇلە يىڭناغۇچ، ھەسەلھەرىسى، كېپىنەك... قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئاپتۇ. |
s-282
| شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇلۇلە قاتتق مەغرۇرلىنىپ كېتىپتۇ. |
s-283
| ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇچۇش چېمپىيونى ئىكەنلكىنى باشقىلار بىلمەي قالمىسۇن، دەپ ئەنسىرەپ، كۈن بويى مۇكاپات لوڭقىسىنى ئۈستىدىن چۈشۈرمەپتۇ. |
s-284
| كەچ كىرگەندە بولسا، باشقىلار ئوغرىلىۋالمىسۇن، دەپ قورقۇپ، لوڭقىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايدىغان بوپتۇ. |
s-285
| مۇكاپات لوڭقىسى بەك چوڭ، بەك ئېغىر ئىكەن. |
s-286
| قۇلۇلە ئۇنى يۈدۈۋالغاچقا ئۇچقۇدەك ھالى قالماپتۇ. |
s-287
| چوڭ ئوغۇل سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئېرىق بويىغا چىقىپتۇ، |
s-288
| لىكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ سېۋەتتە سۇ توختىتالماي، ئۆيگە قايتىپ كىرىپتۇ. |
s-289
| بوۋاي كىچىك ئوغلىنى بۇيرۇپتۇ. |
s-290
| بۇ بالا ئېرىق بويىغا چىقىپتۇ. |
s-291
| ئۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ساماننى سېغىزغا ئارلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپتۇ ۋە لاي بىلەن سېۋەتنى سۇۋاپتۇ. |
s-292
| ئۇ لىق سۇ توشقۇزۇلغان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرگەنىكەن، دادىسى ئۇنىڭ پەمپاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ، |
s-293
| ئاندىن دەپتۇ: |
s-294
| - بالىلىرىم، مەن ئۆلەر ھالەتتە ياتىمەن، |
s-295
| مېنىڭ ۋەسىيىتىم شۇكى، ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭلار، |
s-296
| سەۋەب قىلساڭلار سېۋەتتە سۇ توختايدۇ، |
s-297
| ئۇزاق ئۆتمەي بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. |
s-298
| ئىككى ئوغۇل دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر قانداق ئىشتا پەم ئىشلىتىدىغان بوپتۇ. |
s-299
| شۇڭا، ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەخىتلىك ياشاپتۇ. |
s-300
| «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن. |