Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Partdev
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 102 - 201 of 900 • previousnext

s-102 شەيئىىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس.
s-103 يۇقىرىدىكى بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاپ بېرىسىز؟
s-104 ئەگەر بنى تاللىسىڭىز، توغرا جاۋاب بەرگەن بولىسىز.
s-105 چۈنكى ب تۈز سىزىقتىىن ھاسىل بولغان بىردىنبىر شەكىل.
s-106 دەرۋەقە، يەنە بەزىلەر س شەكىلنى تاللىشى مۇمكىن.
s-107 چۈنكى سىممېتىرىك بولمىغان شەكىلدىن پەقەت س لا بار.
s-108 شۇڭا باشقا شەيئىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
s-109 راست شۇنداق، بۇمۇ توغرا جاۋاب.
s-110 جاۋاب ئمۇ بولىدۇ.
s-111 چۈنكى ئا شەكىلنىڭ بۇلۇڭى يوق.
s-112 شۇڭا ئمۇ توغرا جاۋاب بولىدۇ.
s-113 ئەمسە د قانداق بولىدۇ؟
s-114 بۇ تۈز سىزىق ۋە ئەگرى سىزىقتىن ھاسىل بولغان شەكىل.
s-115 شۇڭا دمۇ توغرا جاۋاب ھېسابلىنىدۇ.
s-116 مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەكىلگە قاراش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۆت جاۋابنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ.
s-117 «توغرا جاۋاب بىر بولىدۇ» دەيدىغان بۇنداق تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۆزىمىز بىلىپ - بىلمەي كاللىمىزدا تىرەن يىلتىز تارتىپ كەتتى.
s-118 ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ماتېماتىكا مەسىلىسى بولغاندا ئىدى، توغرا جاۋابنىڭ بىر بولۇشى توغرا بولاتتى.
s-119 چاتاق يېرى شۇكى، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن شەيئىلەر مەلۇم ماتېماتىكا مەسىلىسىدەك بولمايدۇ.
s-120 تۇرمۇشتا مەسىلىلەرنى ھەلقىلىش بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
s-121 بەلكى كۆپ خىل بولىدۇ.
s-122 ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بۇرۇن ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقان ئۇسۇل ئەمدى ئەسقاتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
s-123 دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر توغرا جاۋاب بىر بولىدۇ، دەپ قارىسىڭىز، مەلۇم جاۋابنى تاپقاندىن كېيىن ئالغا باسماي توختاپ قالىسىز.
s-124 شۇڭا بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق، ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم.
s-125 بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
s-126 يەنىلا ئىككىنچى خىل جاۋاب ياكى مەسىلنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا يوللىرى ۋە يىڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئىجادىي تەپەككۇرغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
s-127 ئەمىسە ئىجادىي تەپەككۇردا قانداق زۆرۈر ئامىللار بولىدۇ؟
s-128 بەزىلەر بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
s-129 «ئىجادچانلىققا باي ئادەم ھامان ھارماي - تالماي بىلىم ئېلىپ، بىلىمنى ئاشۇرىدۇ.
s-130 چۈنكى، بۇ بىلىملەرنى ھەرۋاقىت گۇرەپپىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىڭى ئىجادىي پىكىرلەرنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
s-131 بۇنداق ئەھۋال ئالتە مىنۇتتىن كېيىن، ئالتە ئايدىن كېيىن، ئالتە يىلدىن كېيىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.
s-132 لېكىن شۇ ئىشقا قاتناشقۇچىلار ئۇنىڭ چوقۇم پەيدا بولۇشىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك.»
s-133 بۇنى تامامەن قوللايمەن.
s-134 بىلىم _ _ يىڭى ئىجادىي پىكىرنى شەكىللەندۈرىدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
s-135 لېكىن بۇ، يالغۇز بىلىمگە تايانغاندىلا ئىجادىيلىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. دېگەنلىك ئەمەس.
s-136 ئىجادىي كۈچنى جارىقىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچى بىلىمنى قانداق تەدبىق قىلىشتا.
s-137 ئىجادىي تەپەككۇر يىڭى شەيئىلەرنى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمنى جانلىق ئىشلىتىدىغان پوزىتسىيە ۋە ئاڭغا ئىگە بولۇش، مۇشۇ ئاساستا، ھەر خىل سىناقلارنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
s-138 بۇ جەھەتتە جونسۇنگودىنبېرك ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىل ھېسابلىنىدۇ.
s-139 ئەسلى بىر - بىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ماشىنىنى _ _ ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسى بىلەن مېتال پۇل چىقىرىش ماشىنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يىڭى شەكىلنى ياراتتى.
s-140 چۈنكى ئۈزۈمسىقىشماشىنىسى بىلەن ئۈزۈمشىرنىسى سىقىپ چېقىرىلغاچقا، بۇ ماشنا كەڭ دائىردە كۈچىيەلەيتتى.
s-141 مېتال پۇلچېقىرىشماشىنىسى بولسا، مېتال پۇلنىڭكىدەك كىچىك دائىرىگە گۈل بېسىپ چىقىرالايتتى.
s-142 بىر كۈنى گودىنبېرك چاقچاق ئارىلاش ئۆز - ئۆزىگە: «مېتال پۇل چىقىرىش ماشىنىسىدىن بىر نەچچىسىگە ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسىنىڭ بىسىم كۈچىنى قوشقاندا، قەغەز گۈل بىسىپ چىقارغىلى بولماسمۇ؟» دەپ شىۋىرلىدى.
s-143 مۇشۇ گۇرۇپپىلاشتىن باسما ماشىنىسى ۋە نابور تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى.
s-144 روۋلاندبۇشىنېل يەنە بىر مىسال بولالايدۇ.
s-145 شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئىنقىلابى بارلىققا كەلدى.
s-146 بۇنداق ئىجادىي تەپەككۇرنى ھەرقانداق ئادەم ھازىرلىيالامدۇ؟
s-147 ئادەملەردە ئىجادىي قابىلىيەتنىڭ كۈچلۈك ياكى كەملىك پەرقى بولامدۇ؟
s-148 مەلۇم پسىخولوگىيمۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەتتە ئىجادىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەر بىلەن مۇنداق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى ئوبيېكت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئارقىلىق مۇنداق يەكۈنگە ئىگە بولغان:
s-149 «ئىجادىي قابىليەتكە باي ئادەم ئۆزىنى ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە، دەپ ھېسابلايدۇ؛
s-150 ئىجادىي قابىليىتى كەم ئادەم ئۆزىنى ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە، دەپ قارىمايدۇ».
s-151 «مەندە ئىجادىي قابىليەت يوق» دەپ قارىغان ئادەملەر ئىچىدىكى بەزىلىرى ئىجادىيەت قابىلىيىتى بېتخوۋىن، ئېينېشتېيىن، شېكىسپىرلەرگىلا مەنسۇپ دەپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنى بولسا كەمسىتكەن،
s-152 ئەلۋەتتە، ئىجادىيەت ئالىمىدە بېتخوۋىن، ئېينېشتېيىن، شېكىسپىرلار چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردۇر.
s-153 ۋاھالەنكى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلارمۇ بۇنداق ئاجايىپ ئىلھامغا ئاسان ئىگە بولغان ئەمەس.
s-154 ئەكسىچە، بۇنداق ئاجايىپ ئىلھام كۆپ ھاللاردا مۇنداق جەرياندا بارلىققا كېلىدۇ:
s-155 ئىنتايىن ئادەتتىكى، ھەتتا غىلپال ئۆتۈپ كەتكەن خىيالغا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئۇنى تەكرار مۇلاھىزە قىلىپ، تەدرىجىي تولۇقلاش.
s-156 دېمەك، بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى شۇكى، ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە ئادەم ئۆزىنىڭ كىچىككىنە خىياللىرىغىمۇ ئىتىبارسىز قارىمايدۇ.
s-157 ئۇلار ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە قانداق نەتىجە پەيدا بولدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا ناھايىتى ئېنىقكى، كىچىك ئىجادىي ئىستەك چوڭ بۆسۈش ئېغىزىنى ئېچىۋېتەلەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.
s-158 ھەر قانداق ئادەم ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە بولىدۇ.
s-159 ئالدى بىلەن بۇ نۇقتىغا ئىشىنىش كېرەك.
s-160 ئاچقۇچ شۇەردىكى، ھەمىشە قىزىقىشنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز بىلىم توپلاش؛
s-161 بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، يېڭى ئويپىكىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىگە بولغان بىلىملەرنى تەدبىقلاش؛
s-162 كىچىككىنە ئىلھام پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش، ھەمدە ئۇنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
s-163 ئەگەر مۇشۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىز، چوقۇم ئىجادچانلىققا ئىگە ئادەم بولالايسىز.
s-164 ياز كېچىسى سالقىن شامال يۈزۈڭنى سۆيۈپ تۇرغان ئۆگزىدە، يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ئاسمان ئاستىدا يېتىپ ئەركىن خىيال سۈرۈش كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.
s-165 ھەقىقەتەن، ياز كېچىسى تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ سىرلىق،
s-166 . ساڭا گويا تەبىئەتنىڭ تىنىقىدەك، ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك تۇيۇلىدۇ.
s-167 ئاشۇ ناخشىنىڭ ئەۋجىدە ۋۇجۇدۇڭ چايقىلىپ، روھىڭ يايراپ ئۆزۈڭنى ئانا تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلىسەن.
s-168 ئاشۇ ئۈزۈلمەس ناخشىلار بىلەن ئايىغى چىقماس پاراڭلار سېنىڭ بالىلىق قەلبىڭنى ئۆتمۈش يىللارنىڭ گىرىمسەن قوينىغا باشلاپ كېتىدۇ.
s-169 ئۆزۈڭمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۇزاقتىن ئۇزاق خىياللارغا غەرق بولىسەن.
s-170 تۇيۇقسىز ئۈستۈڭدىكى پايانسىز ئاسماندا غۇژمەكغۇژمەك بولۇشۇپ، تىنىمسىز جىمىرلاۋاتقان يورۇق يۇلتۇزلاردىن بىرىنىڭ ساقىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرىسەندە، ئاندىن ئېسىڭگە كېلىسەن.
s-171 ئەنە شۇ چاغدا گويا سەھەر ئاسمىنىغا چېكىلگەن نەقىشلەردەك كۆرۈنىدىغان ساناقسىز يۇلتۇزلار بىلەن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتگە سوزۇلغان ھالدا ئاقىرىپ تۇرغان سامان يولى دىققىتىڭنى تارتىدۇ.
s-172 پاھ، ئاسمان بوشلۇقىدا يۇلتۇزلار نېمە دېگەن جىق ھە!
s-173 ئۇنى ساناپمۇ، قاراپمۇ تۈگىتەلمەيسەن.
s-174 بۇ يۇلتۇزلار ساڭا شۇنداق يېقىن يەردىلا چاقناۋاتقاندەك، قولۇڭنى سوزىساڭلا يېتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ.
s-175 بۇ ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ بەزىسى شوخ قىزلارنىڭ كۆزلىرىدەك نۇرسىز يالتىرايدۇ.
s-176 تىنىمسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار قەلبىڭدە يېڭىدىن يېڭى بالىلىق سوئاللارنى ئويغىتىدۇ؛
s-177 - بۈگۈن ئاخشام قايسى ھۆر قىزلارنىڭ بوينىدىكى ئۈنچە مەرۋايىتلىرى چېچىلىپ كەتكەندۇ؟
s-178 قايسى چۆچەكچى موماينىڭ ھېكايە چۆچەك ساندۇقىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتكەندۇ؟
s-179 - ئۇ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ چاقناپ تۇرغان ئەقىل چىرىغىمىدۇ؟ ياكى بىتەلەي بالىلارنىڭ قۇت نىشانىمىدۇ؟
s-180 تۆتكۆز بىلەن كۈتەكۈتە، شەرقشامىلى سوقۇپ، باھارنىڭ قەدىمىمۇ يېقىنلاشتى.
s-181 بارلىق مەۋجۇدات، گويا ئەمدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك، لاپلا قىلىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
s-182 قارلار يالتىرىغىلى، سۇلار ئۇلغايغىلى، قۇياش قىزارغىلى باشلىدى.
s-183 يۇمران، ياپيېشىل گىياھلار توپا ئاستىدىن بىلىندۈرمەي باش كۆتۈردى،
s-184 ھويلا - ئارام، ئېتىز - دالىلارغا نەزەر سالسىڭىز، ھەممە يەر يېشىلچىلىققا تولدى.
s-185 ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم ئولتۇرۋالغىڭىز، بىر پەس مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئوينىۋالغىڭىز كېلەتتى.
s-186 شامال لەرزان سوقاتتى، ئوتتچۆپلەر كىمخابتەك يۇمشاق ئىدى.
s-187 شاپتۇل، ئۆرۈك، نەشپۈت دەرەخلىرى بەسبەستە ھۈپپىدە چېچەك ئاچتى.
s-188 چېچەكلەرنىڭ قىزىلى چوغدەك، ھالى شەپەقتەك، ئاقلىرى بەئەينى قاردەك ئىدى.
s-189 چېچەكلەردىن خۇشبۇي پۇراقلار گۈپۈلدەپ تۇراتتى.
s-190 قۇلۇلىنڭ ئۇچقۇدەك ھالى قالماپتۇ.
s-191 قېنى، ئېيتىڭلارچۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
s-192 - چۈنكى ئالتۇن بېلىقنڭ قاسىرىقى بار، _ دەپتۇ بىر بالا.
s-193 چوقۇم ئالتۇن بېلىق سۇنى ئىچىۋالغان، _ دەپتۇ يەنە بىرەيلەن.
s-194 ئىلىنا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا تاپماپتۇ، ئەمما ئۆزىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ تاپالماپتۇ.
s-195 ئۇ ئۆيگە بارغاندا، ئالىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بەرگەنىكەن، ئانىسى دەپتۇ:
s-196 - ئويلاۋەرگىنىڭ بىلەن بىكار، ئۆزۈڭ سىناپ كۆرۈپ باقمامسەن!
s-197 ئىلىنا بىر شېشىگە سۇ توشقۇزۇپ، بىر ئالتۇن بېلىقنى ساپتۇ.
s-198 بېلىق شېشىگە سېلىنغان ھامان سۇ تېشىپ كىتىپتۇ.
s-199 بۇنى كۆرگەن ئىلىنا چۆچۈپ كېتىپتۇ:
s-200 ۋاي، بۇ نېمە بولغىنى؟
s-201 لونزىۋېننىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشاش چىقمىدىغۇ؟

Text viewDownload CoNNL-U