s-101
| گالىلېينىڭ تەجرىبىسى ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىدى. |
s-102
| شەيئىىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس. |
s-103
| يۇقىرىدىكى بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاپ بېرىسىز؟ |
s-104
| ئەگەر بنى تاللىسىڭىز، توغرا جاۋاب بەرگەن بولىسىز. |
s-105
| چۈنكى ب تۈز سىزىقتىىن ھاسىل بولغان بىردىنبىر شەكىل. |
s-106
| دەرۋەقە، يەنە بەزىلەر س شەكىلنى تاللىشى مۇمكىن. |
s-107
| چۈنكى سىممېتىرىك بولمىغان شەكىلدىن پەقەت س لا بار. |
s-108
| شۇڭا باشقا شەيئىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. |
s-109
| راست شۇنداق، بۇمۇ توغرا جاۋاب. |
s-110
| جاۋاب ئمۇ بولىدۇ. |
s-111
| چۈنكى ئا شەكىلنىڭ بۇلۇڭى يوق. |
s-112
| شۇڭا ئمۇ توغرا جاۋاب بولىدۇ. |
s-113
| ئەمسە د قانداق بولىدۇ؟ |
s-114
| بۇ تۈز سىزىق ۋە ئەگرى سىزىقتىن ھاسىل بولغان شەكىل. |
s-115
| شۇڭا دمۇ توغرا جاۋاب ھېسابلىنىدۇ. |
s-116
| مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەكىلگە قاراش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۆت جاۋابنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ. |
s-117
| «توغرا جاۋاب بىر بولىدۇ» دەيدىغان بۇنداق تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۆزىمىز بىلىپ - بىلمەي كاللىمىزدا تىرەن يىلتىز تارتىپ كەتتى. |
s-118
| ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ماتېماتىكا مەسىلىسى بولغاندا ئىدى، توغرا جاۋابنىڭ بىر بولۇشى توغرا بولاتتى. |
s-119
| چاتاق يېرى شۇكى، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن شەيئىلەر مەلۇم ماتېماتىكا مەسىلىسىدەك بولمايدۇ. |
s-120
| تۇرمۇشتا مەسىلىلەرنى ھەلقىلىش بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چەكلەنمەيدۇ. |
s-121
| بەلكى كۆپ خىل بولىدۇ. |
s-122
| ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بۇرۇن ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقان ئۇسۇل ئەمدى ئەسقاتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. |
s-123
| دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر توغرا جاۋاب بىر بولىدۇ، دەپ قارىسىڭىز، مەلۇم جاۋابنى تاپقاندىن كېيىن ئالغا باسماي توختاپ قالىسىز. |
s-124
| شۇڭا بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق، ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم. |
s-125
| بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. |
s-126
| يەنىلا ئىككىنچى خىل جاۋاب ياكى مەسىلنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا يوللىرى ۋە يىڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئىجادىي تەپەككۇرغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. |
s-127
| ئەمىسە ئىجادىي تەپەككۇردا قانداق زۆرۈر ئامىللار بولىدۇ؟ |
s-128
| بەزىلەر بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: |
s-129
| «ئىجادچانلىققا باي ئادەم ھامان ھارماي - تالماي بىلىم ئېلىپ، بىلىمنى ئاشۇرىدۇ. |
s-130
| چۈنكى، بۇ بىلىملەرنى ھەرۋاقىت گۇرەپپىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىڭى ئىجادىي پىكىرلەرنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. |
s-131
| بۇنداق ئەھۋال ئالتە مىنۇتتىن كېيىن، ئالتە ئايدىن كېيىن، ئالتە يىلدىن كېيىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. |
s-132
| لېكىن شۇ ئىشقا قاتناشقۇچىلار ئۇنىڭ چوقۇم پەيدا بولۇشىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك.» |
s-133
| بۇنى تامامەن قوللايمەن. |
s-134
| بىلىم _ _ يىڭى ئىجادىي پىكىرنى شەكىللەندۈرىدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. |
s-135
| لېكىن بۇ، يالغۇز بىلىمگە تايانغاندىلا ئىجادىيلىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. دېگەنلىك ئەمەس. |
s-136
| ئىجادىي كۈچنى جارىقىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچى بىلىمنى قانداق تەدبىق قىلىشتا. |
s-137
| ئىجادىي تەپەككۇر يىڭى شەيئىلەرنى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمنى جانلىق ئىشلىتىدىغان پوزىتسىيە ۋە ئاڭغا ئىگە بولۇش، مۇشۇ ئاساستا، ھەر خىل سىناقلارنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. |
s-138
| بۇ جەھەتتە جونسۇنگودىنبېرك ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىل ھېسابلىنىدۇ. |
s-139
| ئەسلى بىر - بىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ماشىنىنى _ _ ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسى بىلەن مېتال پۇل چىقىرىش ماشىنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يىڭى شەكىلنى ياراتتى. |
s-140
| چۈنكى ئۈزۈمسىقىشماشىنىسى بىلەن ئۈزۈمشىرنىسى سىقىپ چېقىرىلغاچقا، بۇ ماشنا كەڭ دائىردە كۈچىيەلەيتتى. |
s-141
| مېتال پۇلچېقىرىشماشىنىسى بولسا، مېتال پۇلنىڭكىدەك كىچىك دائىرىگە گۈل بېسىپ چىقىرالايتتى. |
s-142
| بىر كۈنى گودىنبېرك چاقچاق ئارىلاش ئۆز - ئۆزىگە: «مېتال پۇل چىقىرىش ماشىنىسىدىن بىر نەچچىسىگە ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسىنىڭ بىسىم كۈچىنى قوشقاندا، قەغەز گۈل بىسىپ چىقارغىلى بولماسمۇ؟» دەپ شىۋىرلىدى. |
s-143
| مۇشۇ گۇرۇپپىلاشتىن باسما ماشىنىسى ۋە نابور تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى. |
s-144
| روۋلاندبۇشىنېل يەنە بىر مىسال بولالايدۇ. |
s-145
| شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئىنقىلابى بارلىققا كەلدى. |
s-146
| بۇنداق ئىجادىي تەپەككۇرنى ھەرقانداق ئادەم ھازىرلىيالامدۇ؟ |
s-147
| ئادەملەردە ئىجادىي قابىلىيەتنىڭ كۈچلۈك ياكى كەملىك پەرقى بولامدۇ؟ |
s-148
| مەلۇم پسىخولوگىيمۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەتتە ئىجادىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەر بىلەن مۇنداق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى ئوبيېكت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئارقىلىق مۇنداق يەكۈنگە ئىگە بولغان: |
s-149
| «ئىجادىي قابىليەتكە باي ئادەم ئۆزىنى ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە، دەپ ھېسابلايدۇ؛ |
s-150
| ئىجادىي قابىليىتى كەم ئادەم ئۆزىنى ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە، دەپ قارىمايدۇ». |
s-151
| «مەندە ئىجادىي قابىليەت يوق» دەپ قارىغان ئادەملەر ئىچىدىكى بەزىلىرى ئىجادىيەت قابىلىيىتى بېتخوۋىن، ئېينېشتېيىن، شېكىسپىرلەرگىلا مەنسۇپ دەپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنى بولسا كەمسىتكەن، |
s-152
| ئەلۋەتتە، ئىجادىيەت ئالىمىدە بېتخوۋىن، ئېينېشتېيىن، شېكىسپىرلار چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردۇر. |
s-153
| ۋاھالەنكى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلارمۇ بۇنداق ئاجايىپ ئىلھامغا ئاسان ئىگە بولغان ئەمەس. |
s-154
| ئەكسىچە، بۇنداق ئاجايىپ ئىلھام كۆپ ھاللاردا مۇنداق جەرياندا بارلىققا كېلىدۇ: |
s-155
| ئىنتايىن ئادەتتىكى، ھەتتا غىلپال ئۆتۈپ كەتكەن خىيالغا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئۇنى تەكرار مۇلاھىزە قىلىپ، تەدرىجىي تولۇقلاش. |
s-156
| دېمەك، بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى شۇكى، ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە ئادەم ئۆزىنىڭ كىچىككىنە خىياللىرىغىمۇ ئىتىبارسىز قارىمايدۇ. |
s-157
| ئۇلار ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە قانداق نەتىجە پەيدا بولدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا ناھايىتى ئېنىقكى، كىچىك ئىجادىي ئىستەك چوڭ بۆسۈش ئېغىزىنى ئېچىۋېتەلەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. |
s-158
| ھەر قانداق ئادەم ئىجادىي قابىليەتكە ئىگە بولىدۇ. |
s-159
| ئالدى بىلەن بۇ نۇقتىغا ئىشىنىش كېرەك. |
s-160
| ئاچقۇچ شۇەردىكى، ھەمىشە قىزىقىشنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز بىلىم توپلاش؛ |
s-161
| بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، يېڭى ئويپىكىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىگە بولغان بىلىملەرنى تەدبىقلاش؛ |
s-162
| كىچىككىنە ئىلھام پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش، ھەمدە ئۇنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش لازىم. |
s-163
| ئەگەر مۇشۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىز، چوقۇم ئىجادچانلىققا ئىگە ئادەم بولالايسىز. |
s-164
| ياز كېچىسى سالقىن شامال يۈزۈڭنى سۆيۈپ تۇرغان ئۆگزىدە، يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ئاسمان ئاستىدا يېتىپ ئەركىن خىيال سۈرۈش كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. |
s-165
| ھەقىقەتەن، ياز كېچىسى تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ سىرلىق، |
s-166
| . ساڭا گويا تەبىئەتنىڭ تىنىقىدەك، ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك تۇيۇلىدۇ. |
s-167
| ئاشۇ ناخشىنىڭ ئەۋجىدە ۋۇجۇدۇڭ چايقىلىپ، روھىڭ يايراپ ئۆزۈڭنى ئانا تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلىسەن. |
s-168
| ئاشۇ ئۈزۈلمەس ناخشىلار بىلەن ئايىغى چىقماس پاراڭلار سېنىڭ بالىلىق قەلبىڭنى ئۆتمۈش يىللارنىڭ گىرىمسەن قوينىغا باشلاپ كېتىدۇ. |
s-169
| ئۆزۈڭمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۇزاقتىن ئۇزاق خىياللارغا غەرق بولىسەن. |
s-170
| تۇيۇقسىز ئۈستۈڭدىكى پايانسىز ئاسماندا غۇژمەكغۇژمەك بولۇشۇپ، تىنىمسىز جىمىرلاۋاتقان يورۇق يۇلتۇزلاردىن بىرىنىڭ ساقىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرىسەندە، ئاندىن ئېسىڭگە كېلىسەن. |
s-171
| ئەنە شۇ چاغدا گويا سەھەر ئاسمىنىغا چېكىلگەن نەقىشلەردەك كۆرۈنىدىغان ساناقسىز يۇلتۇزلار بىلەن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتگە سوزۇلغان ھالدا ئاقىرىپ تۇرغان سامان يولى دىققىتىڭنى تارتىدۇ. |
s-172
| پاھ، ئاسمان بوشلۇقىدا يۇلتۇزلار نېمە دېگەن جىق – ھە! |
s-173
| ئۇنى ساناپمۇ، قاراپمۇ تۈگىتەلمەيسەن. |
s-174
| بۇ يۇلتۇزلار ساڭا شۇنداق يېقىن يەردىلا چاقناۋاتقاندەك، قولۇڭنى سوزىساڭلا يېتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. |
s-175
| بۇ ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ بەزىسى شوخ قىزلارنىڭ كۆزلىرىدەك نۇرسىز يالتىرايدۇ. |
s-176
| تىنىمسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار قەلبىڭدە يېڭىدىن يېڭى بالىلىق سوئاللارنى ئويغىتىدۇ؛ |
s-177
| - بۈگۈن ئاخشام قايسى ھۆر قىزلارنىڭ بوينىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلىرى چېچىلىپ كەتكەندۇ؟ |
s-178
| قايسى چۆچەكچى موماينىڭ ھېكايە – چۆچەك ساندۇقىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتكەندۇ؟ |
s-179
| - ئۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ چاقناپ تۇرغان ئەقىل چىرىغىمىدۇ؟ ياكى بىتەلەي بالىلارنىڭ قۇت نىشانىمىدۇ؟ |
s-180
| تۆتكۆز بىلەن كۈتەكۈتە، شەرقشامىلى سوقۇپ، باھارنىڭ قەدىمىمۇ يېقىنلاشتى. |
s-181
| بارلىق مەۋجۇدات، گويا ئەمدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك، لاپلا قىلىپ كۆزلىرىنى ئاچتى. |
s-182
| قارلار يالتىرىغىلى، سۇلار ئۇلغايغىلى، قۇياش قىزارغىلى باشلىدى. |
s-183
| يۇمران، ياپيېشىل گىياھلار توپا ئاستىدىن بىلىندۈرمەي باش كۆتۈردى، |
s-184
| ھويلا - ئارام، ئېتىز - دالىلارغا نەزەر سالسىڭىز، ھەممە يەر يېشىلچىلىققا تولدى. |
s-185
| ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم ئولتۇرۋالغىڭىز، بىر پەس مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئوينىۋالغىڭىز كېلەتتى. |
s-186
| شامال لەرزان سوقاتتى، ئوتتچۆپلەر كىمخابتەك يۇمشاق ئىدى. |
s-187
| شاپتۇل، ئۆرۈك، نەشپۈت دەرەخلىرى بەسبەستە ھۈپپىدە چېچەك ئاچتى. |
s-188
| چېچەكلەرنىڭ قىزىلى چوغدەك، ھالى شەپەقتەك، ئاقلىرى بەئەينى قاردەك ئىدى. |
s-189
| چېچەكلەردىن خۇشبۇي پۇراقلار گۈپۈلدەپ تۇراتتى. |
s-190
| قۇلۇلىنڭ ئۇچقۇدەك ھالى قالماپتۇ. |
s-191
| قېنى، ئېيتىڭلارچۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ |
s-192
| - چۈنكى ئالتۇن بېلىقنڭ قاسىرىقى بار، _ دەپتۇ بىر بالا. |
s-193
| چوقۇم ئالتۇن بېلىق سۇنى ئىچىۋالغان، _ دەپتۇ يەنە بىرەيلەن. |
s-194
| ئىلىنا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا تاپماپتۇ، ئەمما ئۆزىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ تاپالماپتۇ. |
s-195
| ئۇ ئۆيگە بارغاندا، ئالىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بەرگەنىكەن، ئانىسى دەپتۇ: |
s-196
| - ئويلاۋەرگىنىڭ بىلەن بىكار، ئۆزۈڭ سىناپ كۆرۈپ باقمامسەن! |
s-197
| ئىلىنا بىر شېشىگە سۇ توشقۇزۇپ، بىر ئالتۇن بېلىقنى ساپتۇ. |
s-198
| بېلىق شېشىگە سېلىنغان ھامان سۇ تېشىپ كىتىپتۇ. |
s-199
| بۇنى كۆرگەن ئىلىنا چۆچۈپ كېتىپتۇ: |
s-200
| ۋاي، بۇ نېمە بولغىنى؟ |