Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest

Select a sentence

Showing 1 - 100 of 900 • previousnext

s-1 ئاسماننى كۆپكۈك، دەريا، كۆل سۇلىرىنى سۈپسۈزۈك تۇرۇشقا، دەل - دەرەخلەرنى بۈك - باراقسان بولۇشقا، ھايۋانلارنى ئەركىن ئازادە ياشاشقا ئىگە قىلىش... بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز.
s-2 بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى،
s-3 يەنە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ياخشى كۆزىتىپ، مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقايلى.
s-4 بىر يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شىۋېتسارىيىنىڭ بىر ۋوگزالىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان چىرايلىق، ئازادە بىر پويىز قوزغىلىش ئالدىدا تۇراتتى.
s-5 ۋوگزال سۇپىسى ئۇزاتقۇچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.
s-6 ئۇلارنىڭ ئۇزاتماقچى بولغىنى ئۆزگىچە مىھمان - قارلىغاچلار ئىدى.
s-7 قىزىق ئىش،
s-8 قارلىغاچ دېگەن پەسىل قۇشى، ئۇ يىراقلارغا ئۇچۇپ بارالايدىغان تۇرسا، نىمىشقا بۇ قارلىغاچلارنى پويىز بىلەن ئاپىرىپ قويماقچى بولۇشقاندۇ؟
s-9 ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى:
s-10 شۇ يىلى باھاردا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قارلىغاچلار جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا، شىۋېتسارىيە چىگرىسى ئىچىدە ئاۋارىچىلىككە يولۇقتى.
s-11 ئۇ يەرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ، قار - شىۋىرغان توختىمىدى.
s-12 شۇنىڭ بىلەن ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى.
s-13 ئۇزاق يول بېسىش جەريانىدا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قارلىغاچلار بۇ يەردە ئوزۇقلۇق تاپالمىدى.
s-14 ئاچلىق بىلەن سوغۇق بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەر ئىچىدە قالدۇردى.
s-15 بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى قارلىغاچلارنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىسسىق رايونلارغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى.
s-16 شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت تېلېۋىزور ۋە رادىيو ئارقىلىق كىشىلەرنى دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تېپىپ ۋوگزالغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلدى.
s-17 بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ۋە ئاچچىق سوغۇققا قارىماي، مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قارلىغاچلارنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى.
s-18 بېتتى ئىسىملىك قىزچاقمۇ ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە قارلىغاچ ئىزدىگىلى چىقتى.
s-19 ئۇلار ئاپئاق قار قاپلىغان تاغ ۋە قىيا تاش ئارلىقلىرىدىن قارلىغاچلارنى ئىزدىدى.
s-20 بىتتى بىر كۈن ئىچىدە ئون نەچچە قارلىغاچنى قۇتقۇزۇۋالدى.
s-21 ئۇنىڭ يۈزى توڭلاپ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن، قوللىرى سوغۇقتا قېتىپ قالايلا دېگەنىدى.
s-22 لېكىن، ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلمىدى.
s-23 پويىز قوزغالدى.
s-24 قارلىغاچلار قاچىلانغان پويىز ئىنسانلارنىڭ دوستلۇقىنى ئېلىپ يىراقلارغا يۈرۈپ كەتتى.
s-25 ۋاگونلاردىكى قارلىغاچلار ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتىۋاتقاندەك تىنماي ۋىچىرلىشاتتى.
s-26 ئىلگىرى بىر تاغ جىلغىسىدا تولىمۇ چىرايلىق بىر كەنت بولغانىكەن.
s-27 ئەتراپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغانىكەن،
s-28 كەنت يېنىدا سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىكەن.
s-29 كەنت ئاسمىنى كۆپكۈك، ھاۋاسى ساپ، يېقىملىق ئىكەن.
s-30 بۇ كەنتتە نەچچە ئون ئائىلىلىك ياشايدىكەن.
s-31 قاچانلاردىن بېرى، ھەر بىر ئائىلىدە ئۆتكۈر پالتىلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
s-32 قايسى ئائىلە ئۆي سالماقچى، قايسى ئائىلە ساپان ياسىماقچى بولسا، شۇ ئائىلىدىكىلەر پالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ دەرەخلەرنى كېسىدىكەن.
s-33 مانا شۇنداق قىلىپ، تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.
s-34 يىللار ئۆتۈپتۇ،
s-35 نەچچە ئەۋلاد ئالمىشىپتۇ،
s-36 تاغ باغرىدىكى دەل - دەرەخلەر داۋاملىق ئازىيىپ، تاقىر يەرلەر ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپتۇ.
s-37 دەل - دەرخلەر قاتار قاتار ئۆيلەرگە، خىلمۇ - خىل سايمانلارغا، ئۆي جاھازىلىرىغا ئايلىنىپتۇ.
s-38 نۇرغۇن دەل - دەرەخلەر مورىلاردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس تۈتەكلەر بىلەن نەلەرگىدۇر غايىپ بوپتۇ.
s-39 شۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئائىلىلەر ئۆتكۈر پالتىلىرىغا تايىنىپ كۈنلىرىنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈپتۇ.
s-40 لېكىن قانچە يىل، قانچە ئەۋلات ئۆتكەنلىكى نامەلۇم.
s-41 يامغۇرلۇق بىر ئاۋغۇست ئېيىدا قاتتىق يامغۇر بەش - كېچە كۈندۈز يېغىپ توختىماي، ئالتىنچى كۈنى سەھەردە توختاپتۇ.
s-42 لېكىن، غايەت زور كەلكۈن كەنت ۋە كەنتتىكى ئادەملەرنى نە - نەلەرگىدۇر ئېقىتىپ ئېلىپ كېتىپتۇ.
s-43 مانا ئەمدى ھېچنىمە قالماپتۇ،
s-44 پالتا بىلەن بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر، ھەتتا ئاشۇ ئۆتكۈر پالتىلارمۇ غايىپ بوپتۇ.
s-45 سوپىسوپىياڭنىڭ ئۇۋىسى دەرەخ ئاچىمىقىدا ئىكەن.
s-46 ئۇۋىدا بالىلىرى ئۇخلايدىكەن،
s-47 ئۆزى ئۇۋا يېنىدىكى شاختا ئولتۇرىدىكەن.
s-48 تاشئالما تەكشى يوپۇرماق چىقىرىپتۇ.
s-49 سوپىسوپىياڭ ئۇچۇپ بارغانچە، تاشئالما يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن سۇس يېشىل بىر كىچىك قۇرۇتنى تۇتۇپ قايتىپ كەپتۇ.
s-50 سوپىسوپىياڭنىڭ بالىلىرىى كىچىككىنە ساپسېرىق ئاغزىلىرىنى ئاچقان ھالدا چۇرقىرىشىپتۇ.
s-51 - ئاپا، مەن يەي، مەن يەيچۇ!
s-52 سوپىسوپىياڭ قۇرۇتنى بىر بالىسىنىڭ سېلىپ قويۇپتۇ.
s-53 بۇ بالىسى قۇرۇتنى مەززە قىلىپ يەپتۇ ۋە سوراپتۇ:
s-54 بۇ بەك ياخشىكەن، ئاپا، ئېيتىڭا، بۇ قانداق نەرسە؟
s-55 - بۇ يوپۇرماق قۇرتى،
s-56 ئۇ زىيانلىق قۇرت،
s-57 بەك ھىيلىگەر.
s-58 ئۇ يىپ قۇسۇپ يۇمران يوپۇرماقلارنى ئورايدۇ - دە، ئۆزى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، يوپۇرماق ئەتلىرىنى يەيدۇ، - دەپتۇ.
s-59 بىر تاغ قۇشقىچى ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى نەشپۈت دەرىخىگە قونۇپتۇ،
s-60 ئاندىن دەرەخ پوستىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسىنى تۇتۇپ يەپتۇ.
s-61 سوپىسوپىياڭنىڭ بالىلىرى ھەيران بولۇشۇپ چۇرقىرىشىپتۇ:
s-62 - تاغ قۇشقىچى ھەدە، سىز دەرەخ پوستىنى يەۋاتىسىزغۇ؟
s-63 - بالىلار، سىلەر بىلمەيسىلەر،
s-64 بۇ دەرەخ پوستى ئەمەس،
s-65 سېرىق قوڭغۇز.
s-66 بۇ مەخسۇس مىۋە شىرنىسىنى يەيدۇ.
s-67 سېرىق قوڭغۇز يامانلىقتا ئۇچىغا چىققان نەرسە، - دەپتۇ - دە، يەنە بىر سېرىق قوڭغۇزنى چىشلىگىنىچە بالىلىرىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
s-68 ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ.
s-69 سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچىنىڭ بالىلىرى چوڭ بوپتۇ.
s-70 ئۇلار بۈك - باراقسان مېۋەزارلىقتا ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇپ، ئانىسىغا ئەگىشىپ زىيانلىق قۇرۇتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان بوپتۇ.
s-71 كۈز كەپتۇ.
s-72 مېۋىلىك دەرەخلەردە غۇچچىدە مېۋىلەر پىشىپتۇ.
s-73 مەيىن شامالدا قىپقىزىل تاشئالمىلار، ساپسېرىق نەشپۈتلەر باشلىرىنى ئاستا لىڭشىتىپ، سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقاچلىرىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپتۇ.
s-74 سىز «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «ياخشى چارە ئىشنىڭ يېرىمى»، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ماقاللارنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
s-75 ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
s-76 بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەر بۇ ماقاللار توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ؛
s-77 مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، مەسىلىلەرنى قانداق ئويلاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
s-78 ئۇلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا، چوقۇم مەلۇم تەسىراتقا ئىگە بولالايسىز.
s-79 بىر ياغاچچى بالا بولغانىكەن.
s-80 ئۇ ئىش قىلغاندا كاللا ئىشلەتمەيدىكەن،
s-81 باشقىلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن.
s-82 بىر كۈنى ئۇ ئورمانغا بېرىپ، بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ كەپتۇ ۋە ئۇنى يېڭىدىن سالماقچى بولغان ئۆيگە تۈۋرۈك قىلماقچى بوپتۇ.
s-83 ياغاچچى بالا ئالدى بىلەن دەرەخنى ھەرىدەپتۇ،
s-84 ھەرىدەپ بولۇپ قارىسا، ياغاچ قىسقا بولۇپ قاپتۇ.
s-85 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك قىلماقچى بوپتۇ - دە، دەرھال چوت بىلەن يۇنۇشقا باشلاپتۇ.
s-86 بىر چاغدا قارىسا، ياغاچ كىچىك بولۇپ قاپتۇ.
s-87 بالا ئەمدى ئۇنى كەتمەنگە دەستە قىلماقچى بوپتۇ.
s-88 بالا ياغاچنى ھەدەپ رەندىلەشكە باشلاپتۇ.
s-89 بىر چاغدا قارىسا، ياغاچ بەك ئىنچىكە بولۇپ قاپتۇ.
s-90 بالا: «بولدىلا بۇنى پىچاققا دەستە قىلايچۇ» دەپتۇ - دە، يەنە رەندىلەشكە كىرىشىپتۇ.
s-91 شۇنىڭ بىلەن ياغاچ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ چىش كولىغۇچتەكلا بولۇپ قاپتۇ.
s-92 بالا ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى كولىغانىكەن، شۇ ھامان سۇنۇپ كېتىپتۇ.
s-93 ئېتىشلارغا قارىغاندا، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
s-94 بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن،
s-95 ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.
s-96 كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.
s-97 ئۇ بالىلىرىنى يېنىغا چاقىرتىپتۇ.
s-98 - بالام، - دەپتۇ بوۋاي چوڭ ئوغلىغا سېۋەتنى كۆرسىتىپ،
s-99 - چېلىكىمىز تېشىلىپ قاپتۇ،
s-100 سېۋەتتە سۇ ئەكىرسەڭ.

Text viewDownload CoNNL-U