s-401
| بىر ئاخشىمى، دادىسى ئۇنىڭغا سادىر پالۋاننىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى. |
s-402
| لۇتپۇللا ئۇنىڭ تىزىغا جەينىكى بىلەن تايىنىپ، ئىككى قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرىگىنىچە بېرىلىپ ئاڭلىدى. |
s-403
| ھېكايە بەك تەسىرلىك ئىدى. |
s-404
| لۇتپۇللا ھېكايىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالدى. |
s-405
| بىر ھازادىن كىيىن لۇتپۇللا بېشىنى كۆتۈرۈپ سورىدى: _ تۈگىدىمۇ، دادا؟ |
s-406
| _ تۈگىدى، قانداق، قىزىقمىكەن؟ |
s-407
| _ بەك قىزىقكەن! ھېلىقى جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ھېكايىسىدىنمۇ قىزىقكەن. |
s-408
| _ ھىم، بۇ بولغان ۋەقە، بالام. ئوغۇل بالا دېگەن ئەنە شۇنداق بولۇشى كېرەك! - دېدى دادىسى ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ. |
s-409
| لۇتپۇللانىڭ بالىلىق كۆزلىرىدە ئوت چاقناپ كەتتى. |
s-410
| باتۇر ئەزىمەت، مەشھۇر قوشاقچى سادىر پالۋان ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. |
s-411
| بۇ گەپنى ئاڭلاپ، لۇتپۇللانىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى ئويناپ كەتتى. |
s-412
| - ئەمىسە، ھازىرلا ساۋاق بەر، مەن خەت ئوقۇش بىلەن يېزىشنى ئۆگىنەي! - دېدى لۇتپۇللا دادىسىنى ئالدىرىتىپ. |
s-413
| دادىسى شۇ كۈنىلا بىر دەپتەر ياساپ، ھەرپلەرنى باشلاپ بەردى. |
s-414
| بۇ لۇتپۇللانىڭ ئالتە ياش ۋاقتى ئىدى. |
s-415
| شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ ھەر كۈنى كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ شىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى - دە، قېرىنداشنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشقا كىرىشەتتى. |
s-416
| بۇنداق ئوقۇش لامپا ئۆچۈرۈلگۈچە، لۇتپۇللا مەجبۇرى ئۇخلاشقا ياتقۇزۇلغانغا قەدەر داۋاملىشاتتى. |
s-417
| بەزىدە ئۇ دەپتەرگە بېشىنى قويۇپ، قېرىندىشىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئۇخلاپمۇ قالاتتى. |
s-418
| لۇتپۇللا مەيلى دادىسى بىلەن ئېتىزلىققا بارسۇن ياكى بالىلار بىلەن ئوينىغىلى بارسۇن، ئەپلىك بىر يەرنى تېپىپ، ئىنچىكە ياغاچ بىلەن يەرگە سىزىپ تەكرارلايتتى. |
s-419
| لۇتپۇللانىڭ تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەردى. |
s-420
| ئۇزاققا بارمايلا ئۇ خەت ساۋاتىنى چىقىرىپ، كىتاب ئوقۇشقا كىرىشتى. |
s-421
| ئۈرۈمچى _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى، مەدەنىيەت، مائارىپ بۆشۈكى، سانائەت قاتناش تۈگۈنى ۋە سودا - ساياھەت شەھىرى. |
s-422
| ئۈرۈمچىدە خەلق مەيدانى، خەلق سارىيى، خەق تىياتىرخانىسى، پەن – تېخنىكا سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېي، دۆڭكۆۋرۈك خەلقئارالىق چوڭ بازىرى، شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىق داڭلىق ئورۇنلار بار. |
s-423
| ئۈرۈمچىدە يەنە بالىلار ئىستىراھەت باغچىسى، خەلق باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، ھايۋانات باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بايرام كۈنلىرى باغچىلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. |
s-424
| ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرسىدا قىزىلتاغ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. |
s-425
| ئىلگىرى ئۈ قىپقىزىل تاشلىق تاغ بولغاچقا، < قىزىلتاغ > دەپ ئاتالغان. |
s-426
| ھازىر يېشىللىققا پۈركەنگەن قىزىلتاغ باغچىسىغا ئايلاندى. |
s-427
| ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش تەرەققىياتى ناھايىتى تېز. |
s-428
| ئاپتوموبىللار كۆپەيمەكتە، يوللار كېڭەيتىلمەكتە، ستېرېئولۇق كۆۋرۈك، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللار ياسالماقتا. |
s-429
| ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم زامانىۋى بىنالار كەينى - كەينىدىن قەد كۆتۈرمەكتە. |
s-430
| يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاتار كەتكەن دەل - دەرەخلەر ۋە رەڭگارەڭ گۈللەر ئۈرۈمچىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشماقتا. |
s-431
| ئۈرۈمچى خەلقى ئەقىل - پاراسەتلىك، ئىشچان، مېھماندوست. |
s-432
| بۇ شەھەردە ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ۋە خۇشال - خۇرام ياشايدۇ. |
s-433
| مەن دائىم مەكتەپتىن قايتقىنىمدا كىچىك بازاردىن ئۆتۈپ، ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭىمەن. |
s-434
| بۇ يول دەل - دەرەخلەر ئارقىلىق مەھەللەمگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. |
s-435
| يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر ئاپئاق ئاقارتىلغان. |
s-436
| يولنىڭ سول تەرىپىدە سالقىن ئۆستەڭ، ئۆستەڭ قىرىدا قاتار ئاق تېرەكلەر بار. |
s-437
| مەھەللىمىزنىڭ ئايىغى دەرياغا تۇتىشىدۇ. |
s-438
| ھەر كۈنى سەھەردە مەكتەپكە ماڭغاندا، مەھەللىمىزدىكى ئانىلارنىڭ كوچىغا سۇ سېپىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. |
s-439
| چۈشتە مەھەللىمىز بۆلەكچىلا جانلىنىپ كېتىدۇ. |
s-440
| مەكتەپتىن قايتقان توپ - توپ بالىلار ئۆيلىرىگە تارايدۇ. |
s-441
| ئۈلار قۇشقاچ بالىلىرىدەك چۇۋۇرلىشىپ، كېيىكتەك سەكرىشىپ ئۆتكەندە، مەھەللىمىز كۆڭۈللۈك بالىلار دۇنياسىغا ئايلىنىدۇ. |
s-442
| بىز ئوينىغان < ياغلىق تاشلاش >، < ئاق تاش، كۆك تاش >، < قارا - قارا قۇشلارىم >، < ۋاللەي >، < مۆكۈشمەك > قاتارلىق ئويۇنلار مەھەللىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. |
s-443
| مەن مەھەللەمگە بەك ئامراق. |
s-444
| مەھەللەمنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق شاد - خۇرام بولۇشىنى خالايمەن. |
s-445
| سائەت جىرىڭلىدى، ئەلى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاندى. |
s-446
| ئۇ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ: < بىر مىنۇت يېتىۋالاي، بىر مىنۇتقا مەكتەپكە كېچىكىپ قالماسمەن > دېدى - دە، سوزۇلۇپ ياتتى. |
s-447
| بىر دەمدىن كېيىن ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزىنى يۇدى. |
s-448
| ناشتا قىلىپ بولۇپ، سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭدى. |
s-449
| ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، پىيادىلەر يولىنىڭ يېشىل چىرىغى ئۆچۈپ قىزىل چىرىغى يېنىپ قالدى. |
s-450
| < ھەي، بىر مىنۇت بالدۇر كەلسەم بوپتىكەن > دېدى ئۇ ئۆزىگە ئاچچىقلاپ. |
s-451
| ئۇ يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتى. |
s-452
| يېشىل چىراغ ياندى، ئۇ يولدىن ئۆتۈپ، بېكەتتە توختىغان ئاپتوبۇسقا قاراپ يۈگۈردى. |
s-453
| بېكەتكە يېتىپ باراي دېگەندە، ئاپتوبۇس مېڭىپ كەتتى. |
s-454
| < ھەي، بىر مىنۇت بالدۇر ماڭغان بولسامچۇ! > دېدى ئۇ قاتتىق تېرىكىپ. |
s-455
| ئۇ تېخىمۇ تىت - تىت بولۇپ، كېيىنكى ئاپتوبۇسنى ساقلاپ تۇردى. |
s-456
| بىر مىنۇت، ئىككى مىنۇت... ۋاقىت ئۆتمەكتە. |
s-457
| لېكىن قېرىشقاندەك ئاپتوبۇسنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. |
s-458
| ئەلى مەكتەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. |
s-459
| مەكتەپكە كەلگەندە دەرس باشلىنىپ بولغانىدى. |
s-460
| ئۇ قورۇنغان ھالدا سىنىپ ئىشىكىنى چەكتى. |
s-461
| ئەلى سىنىپقا كىرىپلا قىزىرىپ كەتتى. |
s-462
| مۇئەللىم قولىدىكى سائىتىگە قاراپ قويۇپ: - ئەلى، توپتوغرا يىگىرمە مىنۇت كېچىكتىڭىز، - دېدى - دە، گەپ قىلماستىن ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلدى. |
s-463
| ئەلى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى. |
s-464
| ئۇنىڭ يۈزى ئوت بولۇپ يېنىۋاتاتتى، ئىچىدە: < بىر مىنۇت... ھەي، بىر مىنۇت... > دەپ تەكرارلايتتى. |
s-465
| بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. |
s-466
| ئۇ چىرايلىق كىيىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىكەن، |
s-467
| چىرايلىق كىيىنىش ئۈچۈن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدىكەن. |
s-468
| ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي قوشۇنىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن. |
s-469
| ئويۇن كۆرۈشنىمۇ ياقتۇرمايدىكەن. |
s-470
| يېڭى كىيىملىرىنى كۆرسىتىمەن دېمىسە، شاھانا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ باغ سەيلىسى قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن. |
s-471
| ئۇ ھەر سائەتتە دېگۈدەك كىيىم يۆتكەيدىكەن. |
s-472
| پاھادىشاھلار تىلغا ئېلىنسا، «ئۇ قوبۇلخانىسىدا» دېيىلگەندەك، كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالسا «پادىشاھى ئالەم كىيىمخانىسىدا» دەيدىكەن. |
s-473
| پادىشاھ ياشايدىغان چوڭ شەھەردە تۇرمۇش كۆڭۈللۈك ۋە پاراۋان بولۇپ، ھەر كۈنى نورغۇن چەت ئەللىكلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. |
s-474
| بىر كۈنى ئىككى ئالدامچى كېلىپ ئۆزلىرىنى توقۇمىچى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئىنسانلار ئارزۇ قىلغانلىكى ئەڭ ئېسىل رەختلەرنى توقۇيالايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ. |
s-475
| ئۇلار يەنە: رەختلەرنىڭ رەڭ - نۇسخىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىن تىكىلگەن كىيىملەرمۇ ئاجايىپ ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ داۋراڭ ساپتۇ. |
s-476
| ئۇلار تېخىمۇ ئاشۇرۇپ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ياكى ئوڭشىيالماس دەرىجىدە ئەخمەق ئادەملەرنىڭلا بۇ كىيىملەرنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. |
s-477
| كۆڭلۈمدىكىدەك كىيىم ئىكەن - دە! |
s-478
| بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغان بولسام، پادىشاھلىقىمدا قايسى كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمەن. |
s-479
| قايسى كىشىلەر ئەقىللىق قايسى كىشىلەر دۆت ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيمەن. |
s-480
| خوپ، مەن ئۇلارغا دەرھال بۇ رەختىنى توقۇتايچۇ!» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ. |
s-481
| شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ ئىككى ئالدامچىغا نۇرغۇن پۇل بېرىپ دەرھال ئىشىنى باشلىتىپتۇ. |
s-482
| ئۇلار ئىككى دەستىگاھنى ئالدىغا قويۇۋېلىپ، ئىشلەۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. |
s-483
| لېكىن ئۇلارنىڭ دەستىگاھىدا بىرەر تال يىپنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. |
s-484
| ئۇلار ئەڭ ئىنچىكە يىپەك ۋە ئەڭ ياخشى ئالتۇنلارنى بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىپتۇ ۋە بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ تىقىپ قويۇپ، قۇرۇق دەستىگاھتا ھەر كۈنى تۈن يېرىمغىچە ھەپىلىشىپ يۈرۈپتۇ. |
s-485
| «ھەجەپمۇ كۆرگۈم كەلدى، ئۇلار كىيىملىكنى زادى قانچىلىك تۇقۇغاندۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ. |
s-486
| بىراق، ئۇ ئەخمەق، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ بۇ رەختلەرنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا دىلىغۇل بولدىكەن. |
s-487
| ئۇ بۇنىڭدىن قورقمايدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، يەنىلا ئالدى بىلەن باشقا بىر ئادەمنى ئەۋەتىپ ئىشنىڭ نەدىن نەگىچە بولىۋاتقانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ. |
s-488
| پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەر بۇ رەخت بىر خىل ئاجايىپ خىسلەتكە ئىگىمىش، دەپ ئاڭلاشقانىكەن. |
s-489
| شۇڭا ھەممەيلەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئۆز يۇرتداشلىرىدىن زادى كىملەرنىڭ ئەخمەق، يارامسىز ئىكەنلىكىنى سىناپ باقماقچى بولۇشۇپتۇ. |
s-490
| «سادىق ۋەزىرىمىنى توقۇمىچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ باقاي، ئۇ بۇ رەختنىڭ قانداقلىقىنى جەزمەن بىلەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايىتى دانىشمەن، قولىدىن ئىش كېلىشتە، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭلەشمەيدۇ» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ. |
s-491
| بۇ ئاق كۆڭۈل ۋەزىر شۇ ۋەجىدىن ھېلىقى ئىككى ئالدامچىنىڭ تۇرغان ئۆيىگە بارسا، ئۇلار قۇرۇق دەستىگاھتا پايپېتەك بولۇپ ئىشلەۋاتقىدەك. |
s-492
| «پەرۋەردىگاھ ئۆزۈڭ رەھىم قىلغايسەن! _ _ دەپ ئويلاپتۇ ۋەزىر كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە، _ _ ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىمغۇ!»، لېكىن بۇ گەپنى ئاغزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالماپتۇ. |
s-493
| ھېلىقى ئىككى ئالدامچى ئۇنى يېقىنراق كېلىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە نۇسخىسىى ئىنتايىن گۈزەلمىكەن، رەڭگى ناھايىتى چىرايلىقمىكەن، دەپ سوراپ قۇرۇق دەستىگاھلارنى كۆرسىتىۋېرىپتۇ. |
s-494
| بىچارە ۋەزىرنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك چەكچىيىپتۇ، لېكىن يەنىلا ھېچنەرسىنى كۆرەلمەپتۇ، چۈنكى ھەقىقەتەن ھېچنەرسە يوق ئىكەن. |
s-495
| «ۋاي خۇدايىم!» دەپ ئويلاپتۇ ئۇ. |
s-496
| مەن شۇنچە ئەخمەقمۇ؟ مەن ھېچقاچان ئۆزۈمنى بۇنداق ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. |
s-497
| بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن. مەنزە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەمكەنمەندە؟ |
s-498
| ياق، رەختنى كۆرەلمىگىنىمنى ھېچكىم بىلمىسۇن. |
s-499
| _ _ ۋەزىر ئەزەم پىكىرلىرى يوقمۇ؟ _ _ دەپ سوراپتۇ بىرى. |
s-500
| _ _ ئۆزلىرىگە يارىغان بولسىلا، بىزمۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولىمىز، _ _ دەپتۇ ئىككىسى تەڭلا. |