s-5
| نەشپۈت كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپتۇ. |
s-6
| كۆچەت ئوبدان كۆكلەۋاتقاندا، بىر كاككۈك ئۇچۇپ كېلىپ دەپتۇ: |
s-7
| - كاككۇك – كاككۇك! مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، ئەمدى ئۆرۈك كۆچىتى تىكىۋاپسەنغۇ! |
s-8
| ئۆرۈك تۆت يىلدا، شاپتۇل ئۈچ يىللدا مېۋىگە كىرىدۇ دېگەن گەپ بار. |
s-9
| سەن شۇ چاققىچە تاقەت قىلىپ تۇرالامسەن!. |
s-10
| مايمۇن بىردەم ئويلىنىپ بېقىپ دەپتۇ: |
s-11
| - شۇنداقمۇ؟ ھەي، تۆت يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن. |
s-12
| ئۆرۈك كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ شاپتۇل كۆچىتى تىكىپتۇ. |
s-13
| شاپتۇل كۆچىتى تازا ئاينىۋاتقاندا، بىر ھۆپۈپ ئۇچۇپ كېلىپ دەپتۇ. |
s-14
| _ ھۆپۈ - پۈپ! مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، تازا قىزىق ئىش قىپسەنغۇ! |
s-15
| شاپتۇل تۆت يىلدا، گىلاس ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ دېگەن گەپ بار. |
s-16
| سەن شۇ چاققىچە چىداپ تۇرالامسەن. |
s-17
| مايمۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپلا دەپتۇ: |
s-18
| _ - ۋاي – ۋۇي، ئۈچ يىل دېگەن بەك ئۇزاق دېگنە! |
s-19
| مەن ھەرگىز ساقلاپ تۇرالمىغىدەكمەن! |
s-20
| شاپتۇل كۆچىتىنى يۇلىۋېتىپ، گىلاس كۆچىتى تىكىپتۇ. |
s-21
| مايمۇن ئۇنى يۇلۇپ، بۇنى تىكىپ، بۇنى تىكىپ، ئۇنى يۇلۇپ يىللارنى ئۆتكۈزۈپتۇ. |
s-22
| ئەمما بىر تۈپ كۆچەتنىمۇ ئەي قىلالماپتۇ. |
s-23
| بىر كۈنى، قەيسەر دادىسى بىلەن تاغقا چىقتى. |
s-24
| ئۇلار تاغ قاپتىلىغا كىرگەندە، گىئولوگنىڭ يوغان تاشقا تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى. |
s-25
| - تاغا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى قەيسەر قىزىقسىنغان ھالدا. |
s-26
| - «كىتاب» كۆرۈۋاتىمەن. |
s-27
| - كىتاب كۆرۈۋاتىمەن؟ |
s-28
| قېنى ئۇ كىتاب؟! |
s-29
| - شا كىچىك، مۇشۇ تاشنىڭ ئۆزى بىر كىتاب! |
s-30
| ئۇنىڭ قەۋەت - قەۋەتلىرى كىتاب ۋاراقلىرى، ئۆزى قېلىن كىتابقا ئوخشاپ تۇرمامدۇ. |
s-31
| گېئولوگنىڭ سۆزلىرى قەيسەرگە بەك قىزىق تۇيۇلدى. |
s-32
| - بوپتۇ، شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە خەت يوققۇ؟ |
s-33
| - نېمىشقا يوق ئىكەن؟ |
s-34
| ماۋۇ ئىزلارنى يامغۇر تامچىلىرى قالدۇرغان، |
s-35
| ئۇلارنى يامغۇر ئىزى دەيمىز. |
s-36
| ماۋۇ ئىزلار دولقۇنلارنڭ ئۇزاق يىللار ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، |
s-37
| ئۇلار دولقۇن ئىزى، دېيىلىدۇ. |
s-38
| مانا بۇلارغا قارا، |
s-39
| يالتىراپ تۇرغان بۇ نەرسىلەر تاغ جىنىسلىرى. |
s-40
| بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ تاش كىتابنىڭ خەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. |
s-41
| - ئەمسە، بۇنىڭدا رەسىملەرمۇ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى قەيسەر تېخىمۇ قىزىقىپ. |
s-42
| - بولمامدىكىن! قارا، بۇ يەردە يوپۇرماق بار ئىكەن، |
s-43
| مانا بۇ يەردە قۇلۇلىنىڭ، ئاۋۇ يەردە تېخى بىر كىچىك بېلىقنىڭ رەسىمىمۇ بار ئىكەن! |
s-44
| قەيسەر گېئولوگنىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى: |
s-45
| - راست - راستىنلا رەسىملەر بار ئىكەن. |
s-46
| - نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بۇ يەر بۈك - باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان قۇرۇقلۇق ئىكەن. |
s-47
| كېيىن قۇرۇقلۇق چۆكۈپ كېتىپ، بۇ يەر دېڭىزغا ئايلانغان. |
s-48
| يەنە تۈمەن مىڭ يىللاردىن كېيىن دېڭىز ئاستىنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن، بۇ يەر بىز تۇرۇۋاتقان ئېگىز تاغقا ئايلانغان. |
s-49
| - بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى قەيسەر ھەيران بولۇپ. |
s-50
| - مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپچۇ! |
s-51
| ئۇنى ئوقۇشنى بىلسەڭ، مەن ئېيتقانلارنىلا ئەمەس، يەنە قەيەردە كۆمۈر، قەيەردە تۆمۈر كېنى بار... دېگەنلەرنى بىلەلەيسەن. ئۇ دېگەن زور بايلىقنىڭ ئاچقۇچى! |
s-52
| قەيسەر تاش كىتابنى ئوقۇيالايدىغان بۇ كىشىگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىدى ۋە ئۆز - ئۆزىگە دېدى: |
s-53
| - بۇ بەك قىزىقارلىق ئىش ئىكەن، |
s-54
| چوڭ بولغاندا چوقۇم بۇنىڭدىنمۇ چوڭ كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان ئادەم بولىمەن. |
s-55
| قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار، شامال، چاقماق ۋە بۇلۇتلار، تاغ، دەريا ۋە دېڭىزلار، دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلار، ئۇچار قۇش ھاشارەت ۋە بېلىقلار... نى قوينىغا ئالغان تەبىئەت بىر رەڭدار رەسىملەر توپلىمى. |
s-56
| شۇنداقلا، ئۇ ئوقۇسا - ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان بىر قامۇستۇر. |
s-57
| تەبىئەت قوينىغا قەدەم قويسىڭىز، نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز، سىرلارنى بايقىيالايسىز. |
s-58
| بۇرۇنىسىدا، تارىم دەرياسى بويىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن ئۆتكەنىكەن. |
s-59
| ئەرنىڭ ئىسمى توغرۇل، ئايالنىڭ ئسمى ئايتۇغدى ئىكەن. |
s-60
| كۈنتۇغدى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. |
s-61
| كۈنتۇغدى گۈلگە ئامراق ئىكەن، |
s-62
| شۇڭا دادىسى ھويلىغا خىلمۇخىل گۈللەرنى تېرىپتۇ. |
s-63
| ئۇزاق ئۆتمەي، گۈللەر ئۈنۈپ چىقىپتۇ ۋە كۈنسېرى بوي تارتىپتۇ. |
s-64
| كۈنتۇغدى ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ گۈللەرنى پەرۋىش قىپتۇ. |
s-65
| يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ھويلا گۈلزارلىققا ئايلىنىپتۇ، |
s-66
| ۋۇ باڭگو پاخورنىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكى ھەم شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسى سلوۋېنىيە دۆلەت سارىيى كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. |
s-67
| 2010 - يىللىق باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2015 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 55 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. |
s-68
| بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ھەربىي مۇسابىقىدىكى 5 تۈردە ئەڭ كۆپ چىمپيون بولغان دۆلەتكە ئايلاندى. |
s-69
| ئىگىلىنىشچە، ھايتىدىكى جۇڭگو مەبلىغىدە قۇرۇلغان ئاپپاراتلاردىكى 18 جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ھەممىسى تېن ئامان ئىكەن. |
s-70
| ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دەرھال كۈچ تەشكىللەپ تۇرۇپ قالغان خادىملارنى قۇتقۇزدى. |
s-71
| ھەمدە دۇنيا يەرمەنكسىىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەسس قىلىپ، دۇنيا يەرمەنكىسىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارغا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بىر تۇتاش بېجىرىپ بەردى. |
s-72
| يۇقىرى تېمپىراتۇرا توك ئىشلىتىش بېسىمىنى ئاشۇردى، دۆلەت ئېلېكتر تورىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك 14 ئېلېكتر تورىدا توك ئىشلىتىش يۇقىرى قىممىتى يارىتىلدى. |
s-73
| ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 'يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا قىسىم - پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسى ۋەزىپە'. |
s-74
| بۇلتۇر 6-، 7- ئايلاردا فۇجيەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە لاي–لايقا ئېقىنى كېلىپ قىسمەن رايونلاردا ئېغىر ئاپەت يۈز بەردى. |
s-75
| يۇرتداشلار مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، ئىشى بولسىلا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. |
s-76
| پارتىيە ۋە دۆلەت شىزاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرمەكتە. |
s-77
| بىر تۈركۈم ئىلمىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزىملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۆگىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئۈنۈملىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. |
s-78
| پايدا تەڭ بولغانلىقتىن بۇ دىلودا تېلېگراف قوشۇمچە كەسپى بىلەن تەمىنلىگۈچى كۆز-قۇلاق بولغۇچىنىڭ رولىنى ئويناپ، تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ھامان ئالدى بىلەن ئېلان ۋاكالەتچىسىنى خەۋەرلەندۈرگەن. |
s-79
| شۇ تاپتا بالىلارنى دەپ بىز ئالتە جان خوككايدوغا ئىش ئىزدەپ كېتىۋاتىمىز. |
s-80
| _ بايا دېگەنلىرىڭىز راست بولسا، سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي. |
s-81
| خوجايىنىم خاكوداتېدا كاتتا باي، چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى. |
s-82
| ئەمما، يېشى 40تىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخى پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ باقمىدى. |
s-83
| شۇڭا خانىم مېنى: بالىلىرىدىن بىرەرىنى بالا قىلىۋېلىشىمغا بېرەمدىكىن، سوراپ باق، دەپ ئەۋەتتى. |
s-84
| ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان بالا ياخشى كۈن كۆرۈپلا قالماي، يەنە غوجىدارنىڭ مال-دۇنياسىغىمۇ ۋارىس بولالايدۇ تېخى. |
s-85
| ئۇنىڭدىن باشقا، خانىم سىلەرگە يۈز سوم پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيىتماقچى. |
s-86
| _ بۇغۇ بەلەن گەپ ئىكەن. |
s-87
| - دادا شۇنداق دېگىنى بىلەن چىرايىدىن مۇڭ-زار چىقىپ تۇراتتى، |
s-88
| ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى كۈتكۈچى ئايالغا، _ بۇ ئشنى بالىلارنىڭ ئاپىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بىر نېمە دەي، _ دېدى. |
s-89
| كەچتە پاراخۇت ساگامى-ناداغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئەر بىلەن خوتۇنى بالىلارنىڭ چوڭىنى يېتىلەپ ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىردى ۋە: _ ئەمىسە، بۇ ئوغلىمىزنى ئېپقالسىلا! _ دېدى. |
s-90
| ئۇلار نېرى-بېرى دېيىشمەيلا باشتا دېيشكىنى بويىچە پۈتۈشتى. |
s-91
| ئېسىلزادە خانىم ئۇلارغا يۈز سوم بەردى. |
s-92
| ئايرىلىدىغان چاغدا، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قىيالمىغىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىشقىنىچە ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىدىن چىقىشتى. |
s-93
| بىراق، ئەتىسى ئەتىگەندە پاراخوت بوسو-خانتو يېرىم ئارىلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇ ئەر نېمىشقىدۇر بەش ياشلىق ئوتتۇرانچى ئوغلىنى يېتىلىگىنىچە، كۆڭلى يېرىم ھالدا ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى. |
s-94
| ئاخشام ناھايىتى ئۇزاق ئويلاپ كەتتۇق، _ دېدى ئۇ، |
s-95
| نېمىلا قىلغان بىلەن ئوغۇللارنىڭ چوڭى ئەمەسمۇ. |
s-96
| ھەر قانچە نامرات بولساقمۇ، چىرىغىمىزنى ياندۇرىدىغانغا شۇ بولمىسا بولمايدىكەن. |
s-97
| ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ ئوغلىمىزنى خەققە بېرىۋەتسەك بولمىغۇدەك. |
s-98
| ماقۇل كۆرسىلە، ئوتتۇرانچى ئوغلىمىزنى بېرىپ، چوڭىنى قايتۇرۇۋالساق. |
s-99
| _ بوپتۇ، بوپتۇ! _ دېدى غوجىدار خانىم خۇشاللىق بىلەن. |
s-100
| بىراق، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بالىلارنىڭ ئاپىسى ئۈچ ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كىرىپ، تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا دېدى: |
s-101
| _ ئۆزلىرىگە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. |
s-102
| ئەتىگەندە ئۆزلىرىگە ئەكىرىپ بەرگەن ئوغلۇم قاش-كۆزلىرىدىن تارتىپ گەپ-سۆزلىرىگىچە قېينائانامنىڭ قۇيۇپ قويغان ئۆزىلا. |
s-103
| كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئۇنى بېرىۋەتسەم، قېينانامنى تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن، |
s-104
| ئېرىمغىمۇ يۈز كېلەلمەيدىكەنمەن. |