Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 804 - 903 of 900 • previous

s-804 ئۇ يېنىدىن ئاپپاق بىر لۆڭگىنى چىقىرىپ يۈزىنى سۈرتتى،
s-805 بىر قولىدا چۆرگىلىتىپ ئۆزىنى يەلپۈدى.
s-806 ئۇ مۇزنى كارتىلدىتىپ گۈرۈچ دانىسىدەك قىرىپ، بىر چىنە قېتىق دوغى ئېتىپ بەردى.
s-807 دوغىنى ئىچكەچ يىگىتكە قارىدىم.
s-808 قاش - كىرپىكى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، قاڭشارلىق، لەۋلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس قېلىنراق كەلگەن بۇ بالىنىڭ رەڭگىرويى بىر قاراشتىلا قىزلارغا ئوخشاپراق كېتەتتى.
s-809 ئاۋازىمۇ قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە ئىدى.
s-810 بويى چىققىنى بىلەن ئۆزىمۇ كىچىك بالا ئوخشايدۇ تېخى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
s-811 دېمىسىمۇ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى، قىلىۋاتقان كەسپىنى دېمىگەندە، بىر يەرلىرىدىن قىز بالىنىڭ سېماسى چىقىپلا تۇراتتى.
s-812 بۇ 20 كۈنچە ئالدىدا بولغان ئىش.
s-813 شۇ كۈنى چۈشتە ئىسسىقتا تەرلەپ زادى بولالمىدىم.
s-814 يۇيۇنغاچ بىر سەگىدەپ كېلەي دەپ دەريا بويىغا باردىم.
s-815 بىر توقايدا سۇ توختاپ قالغان ئوبدانغىنە بىر كۆلچەك بار ئىكەن.
s-816 مېنىڭدىن 20 - 30 قەدەمچە نېرىدا ئۈچ - تۆت كىچىك بالا بېلىجانلارنى قوغلاۋاتامدىكىن، سۇغا قول تىقىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى.
s-817 مەن كۆلچەككە چۈشۈپ يۇيۇنغىلى تۇرغانىدىم.
s-818 بىر چاغدا قۇلىقىمغا بىر قىيا - چىيانىڭ ئاۋازى كىردى.
s-819 دەسلەپ سىنەكىمىدىم.
s-820 باشلىرىمنى يۇيۇپ تۇرسام، بالىلار تېخىمۇ چىرقىرىشىپ، سەكرەشكىلى تۇردى.
s-821 يىلان ئۇچراپ قالغان بولسا، قورققان ئوخشايدۇ دېدىم - دە، سۇدىن چىقىپلا يۈگۈرۈپ كەلدىم.
s-822 ئەنە... ئەنە... ئاشۇ يەرگە چۆكۈپ كەتتى! دېدى بالىلارنىڭ بىرى مېنى كۆرۈپ.
s-823 ئۇلار كۆرسەتكەن يەر لايلىنىپ تۇراتتى، تەكتىدىن ئۇششاق - ئۇششاق كۆپۈكچىلەر بۇلۇقلاپ چىقاتتى.
s-824 بىرەرى سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ - دە؟
s-825 كۆڭلۈمگە شۇ قىياس كېلىش بىلەنلا كىچىككىنە بىر قول بىلەن باشنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپ يەنە چۆكۈپ كەتتى.
s-826 مەن شۇ چاغدىلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ، سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
s-827 ئۇ يەتتە - سەككىز ياشلاردىكى بىر قىز بالا ئىكەن.
s-828 بالىلارنىڭ ۋارقىرىشىمۇ، مېنىڭ يېتىپ كېلىشىممۇ ناھايىتى تېز بولغان چېغى، بالا تۇنجۇقۇپ قالاي دېگىچە قۇتقۇزۇۋالدىم.
s-829 بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئىچىۋالغان سۇلىرىنى ياندۇرغۇزۇۋاتاتتىم،
s-830 نەدىندۇر ئۆڭسۆلى ئۆچكەن بىر ئايال پەيدا بولدى - دە، ھېلىقى قىزچاققا ئۆزىنى تاشلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.
s-831 كېيىن ئۇقسام، بالىنىڭ ئاپىسى ئىكەن.
s-832 بالىلار بىلەن دەريا ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئىزدەپ كېلىشى ئىكەن.
s-833 مېنى خاتا سېزىمگە كەلتۈرۈپ، ئوسال قىلغان ئىشنىڭ تەكتى يېشىلدى.
s-834 ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەملىكىنى، يوقسۇزلۇقتىن بىر داچەننىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ يۈرسىمۇ كۆز قارنىنىڭ يەنىلا توقلۇقىنى ھېس قىلىپ بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
s-835 ئۆزىمۇ دۇرۇس بالىدەك قىلىدۇ،
s-836 ئىشەنچ قىلىپ ئىشقا سالسا، ئۈمىدنى ئاقلىيالىغۇدەك...
s-837 شۇ كۈنلەردە ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنچلىك ئىشلەمچىلەردىن بىر نەچچىسى تازا لازىم بولۇپ تۇراتتى.
s-838 ئۇنى ياللىۋېلىشنى ئويلاپ، چېكىپ بېقىشقا باشلىدىم.
s-839 ئۆزۈمنىڭ سودىسىغا سېلىشتۇرۇپ، دوغچىغا ئىچىم سەل ئاغرىپ قالدى.
s-840 دېمىسىمۇ بىر كۈن كەچكىچە كوچىمۇ كوچا ھارۋا ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئوقەت قىلماق ئاسانمۇ؟
s-841 شۇنداق قىلىپ، دوغچى غالتىكىنى تاشلاپ كومپيۇتېر ئۈستىلىگە ئولتۇردى.
s-842 ئۇنىڭ ئىسمى زەينىدىن ئىدى.
s-843 شىركەتكە ئېلىپ كېلىپلا بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋېلىپ، باشتىن - ئاياغ جابدۇپ قويدۇم.
s-844 زەينىدىن راستتىنلا ئىچىدە ھۈنىرى بار، زېرەك يىگىت ئىكەن.
s-845 گەرچە ئالىي مەكتەپكە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، نەلەردە يۈرۈپ ئۆگەنگەن ئىدىكىن، كومپيۇتېرغا خېلىلا ماھىر ئىدى.
s-846 خەت ئۇرۇش، جەدۋەل تۈزۈش، توختام ئىشلەش ئىشلىرىدا قولتۇقۇمدىن قانات ئۈنۈپ چىققاندەكلا بىر ياخشى تايانچىغا ئىگە بولۇپ قالغانىدىم.
s-847 بىر كۈنى بىر نەچچە تورغا ئېلان يوللىدۇق.
s-848 ئۇزاققا قالماي ئېلانلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
s-849 تەرەپ - تەرەپتىن بىر نەچچە خېرىدار كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تاش يۆتكىدۇق.
s-850 ئەلۋەتتە، تاشنى رەستىدىكى سېتىقچىلار ۋە كان قېزىۋاتقانلاردىن پارچە ئېلىپ، توپ يۆتكەيتتۇق.
s-851 ئۆزىمىز كان قېزىپ جاپا تارتمايتتۇق.
s-852 شۇ قېتىم ساپمۇ ساق 5 مىليون پايدىغا ئېرىشتىم.
s-853 بۇنى خۇدا بەرگەن ئامەت دەپ قارىساممۇ، زەينىدىننىڭ ئايىغىنىڭ ياراشقانلىقىنى چەتكە قاقالمايتتىم.
s-854 زەينىدىن ئەتىسى 20 - 21 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كەلدى.
s-855 ئاق پىشماق كەلگەن بۇ قىز خۇددى زەينىدىندەكلا خۇش پېئىل، خۇش مۇئامىلە ئىدى، دائىم كۈلۈپلا تۇراتتى.
s-856 گەپ سۆزى سىلىق - سىپايە، ھايالىق ئىدى.
s-857 ئىككىسى ئىككى ئورۇندۇقتا يانمۇيان ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر ھەپتىدەك ھەپىلىشىپ بىر تور بېتى لايىھەلەپ چىقىشتى.
s-858 تور بېتى شۇنداق كۆركەم، چىرايلىق ئىدى.
s-859 نەلەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىكىن تور مەستانىلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى تورغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بىر نەچچە سەھىپە، خىلمۇ خىل ئوقۇشلۇقلار، بىلىم جەۋھەرلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.
s-860 مەخسۇس ئېلان - ئۇچۇر ئۈچۈن لايىھەلىگەن بىر نەچچە يۈرۈش ھەرىكەتچان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزۈممۇ تور ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن.
s-861 زەينىدىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمدىن يەنە بىر قېتىم مەمنۇن بولدۇم.
s-862 شۇ خۇشلۇقۇمدا ئىش ھەققىنى بىراقلا 2000 يۈەنگە چىقىرىپ بەردىم.
s-863 ئۇ شۇنچىلىك ھەق ئېلىشقا لايىق ئىدى.
s-864 تور بېتىمىز ئىشلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا سودىمىز بىر نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى.
s-865 تور ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.
s-866 مەن دەسلەپ ھېلىقى قىزنى زەينىدىننىڭ سۆيگىنىمىكىن دەپمۇ قالدىم.
s-867 كېيىن ئىككىسىنىڭ ياش پەرقىگە قاراپ، راستتىنلا يېقىنى ئوخشايدۇ دېدىم.
s-868 كۆڭلۈمدە بولسا ئىككىسىنى چېتىپ قويغۇممۇ كەلدى.
s-869 شۇنداق بولغاندا شىركىتىمدە قابىلىيەتلىك ئادەمدىن يەنە بىرى كۆپىيەتتى.
s-870 ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر سۆيۈملۈك ساراڭ ئىدىم.
s-871 لېكىن ھازىرقى مەن بولسام بىر تۈپ گۈل شېخىغا يۆگىشىپ تۇرغان زەھەرلىك يىلاندەك تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال قورقۇنچلۇق ئالۋاستى ئىدىم.
s-872 سەن بولساڭ مېھرىڭ بىلەن مېنى خۇددى پەرىشتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باغرىڭغا باسىسەن.
s-873 مەن بولسام قورقۇنچلۇق ئالۋاستى شەكلىدە باغرىڭغا كىرىمەن.
s-874 مەن مۇشۇنداق ئىسسىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلاردا سەن ھەققىدىكى خىياللارغا غەرق بولىمەن.
s-875 يادىمغا بولسا سەن بىلەن چۆچەكتىكى ئاشۇ قىز كېلىدۇ.
s-876 تۇرۇپلا چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ زامان - ماكان ئېنىقلىقى ئۆچۈپ كەتكەن قەدىمىي زامان رېئاللىقىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭدەك، ياكى چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ نۇرغۇن يىللار كېيىنكى مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ بېشارىتىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن.
s-877 ئەمدى ئويلاپ باقسام، چۆچەكتىكى ئۇ يالماۋۇز قانداقتۇر بىر ۋەھشىي ھايۋان بولماستىن، بەلكى ۋەھشىي ھايۋاندىنمۇ ۋەھشىي بولغان ئىنساننىڭ ئوبرازلاشقان سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
s-878 ئېھتىمال ئۇ ۋەھشىي ھايۋان ئۇ قىز سۆيگەن ئەردۇر.
s-879 ئۇ ئەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر - ۋاپا، ساداقەت ئەجرىگە خورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
s-880 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر ئۇ قىزغا سالغان خورلۇق - كۈلپەتلىرى سەۋەبىدىن يالماۋۇزغا، خورلاش شەكىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋەھشىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا تىمسال قىلىنىپ، بىزگە كەلگەندە ئىنسانىي خاراكتېرىنى تولۇق يوقىتىپ ھەقىقىي بىر ھايۋان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
s-881 بۇ دەل تارىختىن بۇيان بۇ چۆچەكنى سۆزلەپ كەلگۈچى ياكى خاتىرىلەپ كەلگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنىڭ، غەزەپ - نەپرىتىنىڭ، بەدىئىي دىتىنىڭ مەھسۇلى، خالاس.
s-882 ناۋادا مېنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ساختا شەكلىم پارچە - پارچە بولۇپ كېتىپ قورقۇنچلۇق ھازىرقى شەكلىم نامايان بولۇپ قالسا، مېنىڭمۇ سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭدىكى ئادىمىيلىك سۈپىتىم خانۇۋەيران بولۇپ، ھايۋانىي سۈپىتىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن.
s-883 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەر ۋاقىت سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭ ئىچىدىكى ساختا سۈپەت ۋە ساختا شەكلىمنى بۇزماي ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق.
s-884 مەندىكى بۇ ئېھتىياجلىق خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ، قان بىلەن تومۇرنىڭ، تەن بىلەن روھنىڭ بىرى يەنە بىرىنى زۆرۈر شەرت قىلغىنىدەك شەرتلىك مۇناسىۋەتكە بەكمۇ ئوخشايدۇ.
s-885 مەن بۇ ساختا شەكىلنى يارىتىپ، سېنى ئۆزۈم ياراتقان بۇ ساختا شەكىل ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگەنكەنمەن، چوقۇم ئاداققىچە بۇ ساختا شەكىلگە سادىق بولۇشۇم كېرەك.
s-886 ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەن بەرداشلىق بېرەلىگەن بۇ ساختا شەكىلنىڭ جان قاقشاتقۇچ زەربىسىگە سەن بەرداشلىق بېرەلمەيسەن.
s-887 ئۇ ھالدا سەن ئاشۇ چۆچەكتىكى بىچارە قىزنىڭ بۈگۈنكى زامان رېئاللىقىدىكى ئۆزۈڭ، ھېلىقى قان شورىغۇچ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى شەكسىز ھېس قىلىۋالالايسەن.
s-888 بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېھرىي جادۇ تاماملىنىدۇ - دە، سەن تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ دوزاخ ئازابىنى تارتىسەن.
s-889 كۆز نۇرۇڭ بىر كېچىدىلا ئېقىپ تۈگەپ، قويۇق بوستان چاچلىرىڭ سەھەر كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۈلدەك چارلىشىپ كېتىدۇ.
s-890 ئارقىدىنلا سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن بىلەن ئۇپۇقتىكى نۇر چېچىلىپ تۇرغان رەڭدار بوشلۇقىدا ئەمەس، بەلكى قات - قېتى ئوت تىلىدىن پۈتكەن، ئىچىدە شەلۋەرەپ تۇرغان قان - يىرىڭلىق جاراھەتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق كۈلپەت بوشلۇقىغا پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن.
s-891 قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ بولسا «ئۆلۈم» دېگەن قاپقارا نۇردىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ.
s-892 بۇ چاغدا سەن ئۆلۈم گۈللىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ بولغان بولىسەن.
s-893 «ئۆلۈم» دېگەندىن ئىبارەت بۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئاستىدىن - ئۈستىگىچە، تېشدىن - ئىچىگىچە قورقۇنچ تۇيغۇلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن سۆزنى سېنىڭ ياپيېشىل ھايات ياپراقلىرىڭغا باشقا بىر ئادەم ئەمەس، دەل ئۆزۈڭ بارلىق مېھرىڭ بىلەن سۆيگەن بىر ئادەم چىرايلىق ھۆسنخەتچىلەپ يېزىپ قويغانىدى.
s-894 بۇ خەتنىڭ شەكلى مەيلى قانچىلىك كۆركەم، رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن شۇ قەدەر ۋەھىمىلىك ئىدى.
s-895 لېكىن سېنىڭ بۇ خەتنى ئوقۇش جەريانىڭ ئۈمىد جەريانى ئىدى.
s-896 سەن ئەزەلدىن شەكلى چىرايلىق بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانىدىڭ.
s-897 چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن مۇكەممەل ئىشەنچ ئىدىم.
s-898 مەن سەندىكى بۇ ئىشەنچ مۇنارىنى قانداق قىلىپ بۇ قەدەر مۇكەممەل بىنا قىلغانلىقىمدىنمۇ ھەيران قالاتتىم.
s-899 لېكىن ھەر قېتىم چاقناپ تۇرغان قاپقارا قوي كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە، روھ قۇشۇم تەن قەپىسىمدە يەر بىلەن يەكسان بولاتتى.
s-900 پەيلىرى توزغاقتەك توزۇپ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام قان دەرياسى لۆمۈلدەپ ئاقاتتى.

Text viewDownload CoNNL-U