s-803
| ئۇ چىپ - چىپ تەرلەپ كەتكەنىدى. |
s-804
| ئۇ يېنىدىن ئاپپاق بىر لۆڭگىنى چىقىرىپ يۈزىنى سۈرتتى، |
s-805
| بىر قولىدا چۆرگىلىتىپ ئۆزىنى يەلپۈدى. |
s-806
| ئۇ مۇزنى كارتىلدىتىپ گۈرۈچ دانىسىدەك قىرىپ، بىر چىنە قېتىق دوغى ئېتىپ بەردى. |
s-807
| دوغىنى ئىچكەچ يىگىتكە قارىدىم. |
s-808
| قاش - كىرپىكى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، قاڭشارلىق، لەۋلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس قېلىنراق كەلگەن بۇ بالىنىڭ رەڭگىرويى بىر قاراشتىلا قىزلارغا ئوخشاپراق كېتەتتى. |
s-809
| ئاۋازىمۇ قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە ئىدى. |
s-810
| بويى چىققىنى بىلەن ئۆزىمۇ كىچىك بالا ئوخشايدۇ تېخى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. |
s-811
| دېمىسىمۇ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى، قىلىۋاتقان كەسپىنى دېمىگەندە، بىر يەرلىرىدىن قىز بالىنىڭ سېماسى چىقىپلا تۇراتتى. |
s-812
| بۇ 20 كۈنچە ئالدىدا بولغان ئىش. |
s-813
| شۇ كۈنى چۈشتە ئىسسىقتا تەرلەپ زادى بولالمىدىم. |
s-814
| يۇيۇنغاچ بىر سەگىدەپ كېلەي دەپ دەريا بويىغا باردىم. |
s-815
| بىر توقايدا سۇ توختاپ قالغان ئوبدانغىنە بىر كۆلچەك بار ئىكەن. |
s-816
| مېنىڭدىن 20 - 30 قەدەمچە نېرىدا ئۈچ - تۆت كىچىك بالا بېلىجانلارنى قوغلاۋاتامدىكىن، سۇغا قول تىقىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. |
s-817
| مەن كۆلچەككە چۈشۈپ يۇيۇنغىلى تۇرغانىدىم. |
s-818
| بىر چاغدا قۇلىقىمغا بىر قىيا - چىيانىڭ ئاۋازى كىردى. |
s-819
| دەسلەپ سىنەكىمىدىم. |
s-820
| باشلىرىمنى يۇيۇپ تۇرسام، بالىلار تېخىمۇ چىرقىرىشىپ، سەكرەشكىلى تۇردى. |
s-821
| يىلان ئۇچراپ قالغان بولسا، قورققان ئوخشايدۇ دېدىم - دە، سۇدىن چىقىپلا يۈگۈرۈپ كەلدىم. |
s-822
| − − ئەنە... ئەنە... ئاشۇ يەرگە چۆكۈپ كەتتى! − − دېدى بالىلارنىڭ بىرى مېنى كۆرۈپ. |
s-823
| ئۇلار كۆرسەتكەن يەر لايلىنىپ تۇراتتى، تەكتىدىن ئۇششاق - ئۇششاق كۆپۈكچىلەر بۇلۇقلاپ چىقاتتى. |
s-824
| بىرەرى سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ - دە؟ |
s-825
| كۆڭلۈمگە شۇ قىياس كېلىش بىلەنلا كىچىككىنە بىر قول بىلەن باشنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپ يەنە چۆكۈپ كەتتى. |
s-826
| مەن شۇ چاغدىلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ، سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. |
s-827
| ئۇ يەتتە - سەككىز ياشلاردىكى بىر قىز بالا ئىكەن. |
s-828
| بالىلارنىڭ ۋارقىرىشىمۇ، مېنىڭ يېتىپ كېلىشىممۇ ناھايىتى تېز بولغان چېغى، بالا تۇنجۇقۇپ قالاي دېگىچە قۇتقۇزۇۋالدىم. |
s-829
| بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئىچىۋالغان سۇلىرىنى ياندۇرغۇزۇۋاتاتتىم، |
s-830
| نەدىندۇر ئۆڭسۆلى ئۆچكەن بىر ئايال پەيدا بولدى - دە، ھېلىقى قىزچاققا ئۆزىنى تاشلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. |
s-831
| كېيىن ئۇقسام، بالىنىڭ ئاپىسى ئىكەن. |
s-832
| بالىلار بىلەن دەريا ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئىزدەپ كېلىشى ئىكەن. |
s-833
| مېنى خاتا سېزىمگە كەلتۈرۈپ، ئوسال قىلغان ئىشنىڭ تەكتى يېشىلدى. |
s-834
| ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەملىكىنى، يوقسۇزلۇقتىن بىر داچەننىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ يۈرسىمۇ كۆز قارنىنىڭ يەنىلا توقلۇقىنى ھېس قىلىپ بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم. |
s-835
| ئۆزىمۇ دۇرۇس بالىدەك قىلىدۇ، |
s-836
| ئىشەنچ قىلىپ ئىشقا سالسا، ئۈمىدنى ئاقلىيالىغۇدەك... |
s-837
| شۇ كۈنلەردە ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنچلىك ئىشلەمچىلەردىن بىر نەچچىسى تازا لازىم بولۇپ تۇراتتى. |
s-838
| ئۇنى ياللىۋېلىشنى ئويلاپ، چېكىپ بېقىشقا باشلىدىم. |
s-839
| ئۆزۈمنىڭ سودىسىغا سېلىشتۇرۇپ، دوغچىغا ئىچىم سەل ئاغرىپ قالدى. |
s-840
| دېمىسىمۇ بىر كۈن كەچكىچە كوچىمۇ كوچا ھارۋا ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئوقەت قىلماق ئاسانمۇ؟ |
s-841
| شۇنداق قىلىپ، دوغچى غالتىكىنى تاشلاپ كومپيۇتېر ئۈستىلىگە ئولتۇردى. |
s-842
| ئۇنىڭ ئىسمى زەينىدىن ئىدى. |
s-843
| شىركەتكە ئېلىپ كېلىپلا بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋېلىپ، باشتىن - ئاياغ جابدۇپ قويدۇم. |
s-844
| زەينىدىن راستتىنلا ئىچىدە ھۈنىرى بار، زېرەك يىگىت ئىكەن. |
s-845
| گەرچە ئالىي مەكتەپكە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، نەلەردە يۈرۈپ ئۆگەنگەن ئىدىكىن، كومپيۇتېرغا خېلىلا ماھىر ئىدى. |
s-846
| خەت ئۇرۇش، جەدۋەل تۈزۈش، توختام ئىشلەش ئىشلىرىدا قولتۇقۇمدىن قانات ئۈنۈپ چىققاندەكلا بىر ياخشى تايانچىغا ئىگە بولۇپ قالغانىدىم. |
s-847
| بىر كۈنى بىر نەچچە تورغا ئېلان يوللىدۇق. |
s-848
| ئۇزاققا قالماي ئېلانلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. |
s-849
| تەرەپ - تەرەپتىن بىر نەچچە خېرىدار كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تاش يۆتكىدۇق. |
s-850
| ئەلۋەتتە، تاشنى رەستىدىكى سېتىقچىلار ۋە كان قېزىۋاتقانلاردىن پارچە ئېلىپ، توپ يۆتكەيتتۇق. |
s-851
| ئۆزىمىز كان قېزىپ جاپا تارتمايتتۇق. |
s-852
| شۇ قېتىم ساپمۇ ساق 5 مىليون پايدىغا ئېرىشتىم. |
s-853
| بۇنى خۇدا بەرگەن ئامەت دەپ قارىساممۇ، زەينىدىننىڭ ئايىغىنىڭ ياراشقانلىقىنى چەتكە قاقالمايتتىم. |
s-854
| زەينىدىن ئەتىسى 20 - 21 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كەلدى. |
s-855
| ئاق پىشماق كەلگەن بۇ قىز خۇددى زەينىدىندەكلا خۇش پېئىل، خۇش مۇئامىلە ئىدى، دائىم كۈلۈپلا تۇراتتى. |
s-856
| گەپ سۆزى سىلىق - سىپايە، ھايالىق ئىدى. |
s-857
| ئىككىسى ئىككى ئورۇندۇقتا يانمۇيان ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر ھەپتىدەك ھەپىلىشىپ بىر تور بېتى لايىھەلەپ چىقىشتى. |
s-858
| تور بېتى شۇنداق كۆركەم، چىرايلىق ئىدى. |
s-859
| نەلەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىكىن تور مەستانىلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى تورغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بىر نەچچە سەھىپە، خىلمۇ خىل ئوقۇشلۇقلار، بىلىم جەۋھەرلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى. |
s-860
| مەخسۇس ئېلان - ئۇچۇر ئۈچۈن لايىھەلىگەن بىر نەچچە يۈرۈش ھەرىكەتچان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزۈممۇ تور ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن. |
s-861
| زەينىدىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمدىن يەنە بىر قېتىم مەمنۇن بولدۇم. |
s-862
| شۇ خۇشلۇقۇمدا ئىش ھەققىنى بىراقلا 2000 يۈەنگە چىقىرىپ بەردىم. |
s-863
| ئۇ شۇنچىلىك ھەق ئېلىشقا لايىق ئىدى. |
s-864
| تور بېتىمىز ئىشلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا سودىمىز بىر نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. |
s-865
| تور ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. |
s-866
| مەن دەسلەپ ھېلىقى قىزنى زەينىدىننىڭ سۆيگىنىمىكىن دەپمۇ قالدىم. |
s-867
| كېيىن ئىككىسىنىڭ ياش پەرقىگە قاراپ، راستتىنلا يېقىنى ئوخشايدۇ دېدىم. |
s-868
| كۆڭلۈمدە بولسا ئىككىسىنى چېتىپ قويغۇممۇ كەلدى. |
s-869
| شۇنداق بولغاندا شىركىتىمدە قابىلىيەتلىك ئادەمدىن يەنە بىرى كۆپىيەتتى. |
s-870
| ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر سۆيۈملۈك ساراڭ ئىدىم. |
s-871
| لېكىن ھازىرقى مەن بولسام بىر تۈپ گۈل شېخىغا يۆگىشىپ تۇرغان زەھەرلىك يىلاندەك تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال قورقۇنچلۇق ئالۋاستى ئىدىم. |
s-872
| سەن بولساڭ مېھرىڭ بىلەن مېنى خۇددى پەرىشتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باغرىڭغا باسىسەن. |
s-873
| مەن بولسام قورقۇنچلۇق ئالۋاستى شەكلىدە باغرىڭغا كىرىمەن. |
s-874
| مەن مۇشۇنداق ئىسسىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلاردا سەن ھەققىدىكى خىياللارغا غەرق بولىمەن. |
s-875
| يادىمغا بولسا سەن بىلەن چۆچەكتىكى ئاشۇ قىز كېلىدۇ. |
s-876
| تۇرۇپلا چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ زامان - ماكان ئېنىقلىقى ئۆچۈپ كەتكەن قەدىمىي زامان رېئاللىقىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭدەك، ياكى چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ نۇرغۇن يىللار كېيىنكى مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ بېشارىتىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. |
s-877
| ئەمدى ئويلاپ باقسام، چۆچەكتىكى ئۇ يالماۋۇز قانداقتۇر بىر ۋەھشىي ھايۋان بولماستىن، بەلكى ۋەھشىي ھايۋاندىنمۇ ۋەھشىي بولغان ئىنساننىڭ ئوبرازلاشقان سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. |
s-878
| ئېھتىمال ئۇ ۋەھشىي ھايۋان ئۇ قىز سۆيگەن ئەردۇر. |
s-879
| ئۇ ئەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر - ۋاپا، ساداقەت ئەجرىگە خورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. |
s-880
| شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر ئۇ قىزغا سالغان خورلۇق - كۈلپەتلىرى سەۋەبىدىن يالماۋۇزغا، خورلاش شەكىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋەھشىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا تىمسال قىلىنىپ، بىزگە كەلگەندە ئىنسانىي خاراكتېرىنى تولۇق يوقىتىپ ھەقىقىي بىر ھايۋان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. |
s-881
| بۇ دەل تارىختىن بۇيان بۇ چۆچەكنى سۆزلەپ كەلگۈچى ياكى خاتىرىلەپ كەلگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنىڭ، غەزەپ - نەپرىتىنىڭ، بەدىئىي دىتىنىڭ مەھسۇلى، خالاس. |
s-882
| ناۋادا مېنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ساختا شەكلىم پارچە - پارچە بولۇپ كېتىپ قورقۇنچلۇق ھازىرقى شەكلىم نامايان بولۇپ قالسا، مېنىڭمۇ سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭدىكى ئادىمىيلىك سۈپىتىم خانۇۋەيران بولۇپ، ھايۋانىي سۈپىتىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن. |
s-883
| شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەر ۋاقىت سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭ ئىچىدىكى ساختا سۈپەت ۋە ساختا شەكلىمنى بۇزماي ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق. |
s-884
| مەندىكى بۇ ئېھتىياجلىق خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ، قان بىلەن تومۇرنىڭ، تەن بىلەن روھنىڭ بىرى يەنە بىرىنى زۆرۈر شەرت قىلغىنىدەك شەرتلىك مۇناسىۋەتكە بەكمۇ ئوخشايدۇ. |
s-885
| مەن بۇ ساختا شەكىلنى يارىتىپ، سېنى ئۆزۈم ياراتقان بۇ ساختا شەكىل ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگەنكەنمەن، چوقۇم ئاداققىچە بۇ ساختا شەكىلگە سادىق بولۇشۇم كېرەك. |
s-886
| ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەن بەرداشلىق بېرەلىگەن بۇ ساختا شەكىلنىڭ جان قاقشاتقۇچ زەربىسىگە سەن بەرداشلىق بېرەلمەيسەن. |
s-887
| ئۇ ھالدا سەن ئاشۇ چۆچەكتىكى بىچارە قىزنىڭ بۈگۈنكى زامان رېئاللىقىدىكى ئۆزۈڭ، ھېلىقى قان شورىغۇچ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى شەكسىز ھېس قىلىۋالالايسەن. |
s-888
| بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېھرىي جادۇ تاماملىنىدۇ - دە، سەن تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ دوزاخ ئازابىنى تارتىسەن. |
s-889
| كۆز نۇرۇڭ بىر كېچىدىلا ئېقىپ تۈگەپ، قويۇق بوستان چاچلىرىڭ سەھەر كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۈلدەك چارلىشىپ كېتىدۇ. |
s-890
| ئارقىدىنلا سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن بىلەن ئۇپۇقتىكى نۇر چېچىلىپ تۇرغان رەڭدار بوشلۇقىدا ئەمەس، بەلكى قات - قېتى ئوت تىلىدىن پۈتكەن، ئىچىدە شەلۋەرەپ تۇرغان قان - يىرىڭلىق جاراھەتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق كۈلپەت بوشلۇقىغا پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن. |
s-891
| قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ بولسا «ئۆلۈم» دېگەن قاپقارا نۇردىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ. |
s-892
| بۇ چاغدا سەن ئۆلۈم گۈللىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ بولغان بولىسەن. |
s-893
| «ئۆلۈم» دېگەندىن ئىبارەت بۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئاستىدىن - ئۈستىگىچە، تېشدىن - ئىچىگىچە قورقۇنچ تۇيغۇلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن سۆزنى سېنىڭ ياپيېشىل ھايات ياپراقلىرىڭغا باشقا بىر ئادەم ئەمەس، دەل ئۆزۈڭ بارلىق مېھرىڭ بىلەن سۆيگەن بىر ئادەم چىرايلىق ھۆسنخەتچىلەپ يېزىپ قويغانىدى. |
s-894
| بۇ خەتنىڭ شەكلى مەيلى قانچىلىك كۆركەم، رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن شۇ قەدەر ۋەھىمىلىك ئىدى. |
s-895
| لېكىن سېنىڭ بۇ خەتنى ئوقۇش جەريانىڭ ئۈمىد جەريانى ئىدى. |
s-896
| سەن ئەزەلدىن شەكلى چىرايلىق بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانىدىڭ. |
s-897
| چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن مۇكەممەل ئىشەنچ ئىدىم. |
s-898
| مەن سەندىكى بۇ ئىشەنچ مۇنارىنى قانداق قىلىپ بۇ قەدەر مۇكەممەل بىنا قىلغانلىقىمدىنمۇ ھەيران قالاتتىم. |
s-899
| لېكىن ھەر قېتىم چاقناپ تۇرغان قاپقارا قوي كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە، روھ قۇشۇم تەن قەپىسىمدە يەر بىلەن يەكسان بولاتتى. |
s-900
| پەيلىرى توزغاقتەك توزۇپ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام قان دەرياسى لۆمۈلدەپ ئاقاتتى. |