Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttest
AnnotationEli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis

Select a sentence

Showing 605 - 704 of 900 • previousnext

s-605 بىر ئائىلە كىشىلىرى ياۋا ئازغاننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ كۆڭۈللۈك پاراڭغا چۈشتى.
s-606 بىردىنلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى،
s-607 ئانچە ئۆتمەي يامغۇر شارقىراپ يېغىپ كەتتى.
s-608 تولىيە دەرھال سومكىدن يامغۇرلۇق چاپاننى ئېلىپ ئانىسىغا بەردى.
s-609 _ ئۆزۈڭ كىيىۋال، بالام، _ دېدى ئانا.
s-610 _ ئەمىسە، ئۇكام كىيسۇن، _ دېدى تولىيە ۋە يامغۇرلۇق چاپاننى ساشاغا كىيگۈزۈپ قويدى.
s-611 ساشا ئاۋۋال يامغۇرلۇق چاپانغا، ئاندىن ئانىسىغا قاراپ، ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:
s-612 _ ئاپا، بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟
s-613 _ نېمە قىپتۇق، جېنىم بالام؟
s-614 _ ئاكام بۇنى سىزگە بەردى، سىز ئاكامغا قايتۇرۇپ بەردىڭىز، ئاكام ماڭا كىيگۈزۈپ قويدى...
s-615 _ بالام، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىدىن ئاجىزلارنى قوغدىشى كېرەك، _ دېدى ئانا ئەستايىدىللىق بىلەن.
s-616 _ مەن ھېچكىمنى قوغدىيالمىدىم؟
s-617 ئۇنداقتا، مەن ئەڭ ئاجىزمۇ؟
s-618 _ ناۋادا سەن ھېچكىمنى قوغدىيالمىساڭ، ئەڭ ئاجىز ھېسابلىنىسەن، _ دېدى ئانا ساشانىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
s-619 ساشا ئۇياق - بۇياققا قارىدى،
s-620 ئاندىن ئازغان چېچىكىگە كۆزى چۈشتى.
s-621 يامغۇر ئازغان چېچكىنىڭ ئىككى تال بەرگىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، چېچەك شۈمشىيىپ قالغانىدى،
s-622 شۇ تۇرقىدا ئۇ تېخىمۇ ئاجىز كۆرۈنەتتى.
s-623 ساشا يامغۇرلۇق چاپاننىڭ پېشىنى ئازغان چېچىكىنىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ ياپتى ۋە ئانىسىدىن سورىدى.
s-624 _ ئاپا، مەن ھازىرمۇ ئەڭ ئاجىزمۇ؟
s-625 _ ياق، ياق، سەن دېگەن باتۇر بالا،
s-626 چۈنكى سەن ئۆزۈڭدىن ئاجىزلارنى قوغدىيالايدىغان بولدۇڭ! _ دېدى ئانا كۈلۈپ
s-627 ئايخان ئانا ئاقارتش ئۇيۇشمسىنڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، ئۇيۇشما مەسئۇلى، قاتاڭغۇر، چىرايىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان ھۈسەيىن ئەپەندى بىر نەچچە كىشىگە ئىش تاپشۇرۇۋاتاتتى:
s-628 _ ئوقۇشقا تىزىملانغان يۈز نەچچە بالىغا تېخى سىنىپ يوق.
s-629 ئۇلارنى ھەرگىز مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ،
s-630 بىر ئامال قىلىش كېرەك،
s-631 ئېغىل قوتانلارنى سىنىپ قىلىپ بولسىمۇ دەرس ئۆتۈش كېرەك...
s-632 قارىيلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىمۇ بىزنى ئىزدەپ، بالىلىرىمىزنى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇتساق دەپ كېتىۋاتىدۇ...
s-633 ھېلىقى كىشىلەر ئالدىراش چىقىپ كېتىشتى.
s-634 _ بۇياققا كەپسىز، - دېدى ھۈسەيىن ئەپەندى ئايخان ئانىغا ئوچۇق چىراي بىلەن قاراپ.
s-635 _ مەن ئون ئىككى ئېغىز ئۆيۈمنى ھازىر سىز ئېغىل - قوتانلاردا ئوقۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ دېگەن بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاي دەپ كېلىۋىدىم، - دېدى ئايخان ئانا ئاددىيلا قىلىپ.
s-636 _ نېمە دېدىڭىز؟! _ چىرايى ئېچىلىپ كەتكەن ھۈسەيىن ئەپەندى ئورنىدىن دىككىدە تۇرۇپ كەتتى، _ ئون ئىككى ئېغىز ئۆينى دەمسىز؟
s-637 _ ھەئە، - دېدى ئايخان ئانا.
s-638 بۇ چاغدا، يەتتە ئاق ئېيىق ئۇنىڭغا قاراپ كەپتۇ.
s-639 قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ژىننى دەررۇ گۈلنىڭ يېشىل بەرگنى ئۈزۈپ ناخشا ئېيتىپتۇ ۋە: «مېنى دەرھال ئاپىرىپ قوي ئۆيۈمگە!» دەپتۇ.
s-640 دەرۋەقە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ژىننى ئۆزىنى ھويلىسىدا كۆرۈپتۇ.
s-641 ئۇ باشقا ھويلىغا بېرىپ قىزلار بىلەن ئويناپتۇ.
s-642 قىزلارنىڭ خىلمۇ - خىل قونچاقلىرى بار ئىكەن.
s-643 ژىننى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بەرگنى ئۈزۈپ ناخشا ئېيتىپتۇ ۋە: «دۇنيادىكى جىمى قونچاقلار مېنىڭ بولسۇن!» دەپتۇ.
s-644 شۇنىڭ بىلەن قونچاقلار تەرەپ - تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشكە باشلاپتۇ.
s-645 قونچاق بالا، ئويۇنچۇق پىكاپ، ئويۇنچۇق ئايروپىلان... دېگەنلەر ھويلىغا، ئاندىن كېيىن كوچىلارغا توشۇپ كېتىپتۇ.
s-646 شەھەردە قاتناش توسۇلۇپ قاپتۇ.
s-647 ژىننى سۆسۈن رەڭلىك بەرگنى ئۈزۈپ ناخشا ئېيتىپتۇ ۋە: «قونچاقلارنى جايىغا ئاپىرىۋەت» دەپتۇ.
s-648 شۇنىڭ بىلەن، بارلىق قونچاقلار غايىپ بوپتۇ.
s-649 ئەمدى بىرتاللا بەرگى قاپتۇ.
s-650 «بۇنى قالايمىقان ئىشلەتسەم بولمايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ ژىننى.
s-651 ئۇ مېڭىپ - مېڭىپ چوڭ كوچىغا كەپتۇ. قارىسا، بىر ئوغۇل بالا بىر دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇدەك.
s-652 - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ ژىننى.
s-653 - ۋېتكا، بىز مۆكۈشمەك ئوينايلىچۇ!
s-654 - بولمايدۇ، مېنىڭ بىر پۇتۇم مېيىپ، يۈگۈرەلمەيمەن.
s-655 - سەن چوقۇم يۈگۈرەلەيسەن! - دەپتۇ ژىننى،
s-656 ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى يېشىل كۆك رەڭلىك بەرگنى ئۈزۈپ ناخشا ئېيتىپتۇ ۋە: «ۋېتكانى ساغلام بالا قىلىپ قوي!» دەپتۇ.
s-657 ۋېتكانىڭ پۇتى شۇھامان ساقىيىپتۇ.
s-658 ئۇ ئورۇندۇقتىن سەكرەپ تۇرۇپ، ژىننى بىلەن مۆكۈشمەك ئويناشقا باشلاپتۇ.
s-659 بوۋامدىن يادىكار قالغان ئاشۇ كانۋا كۆڭلەك كونىراپ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەتىۋارلىق ئىدى.
s-660 بۇ كۆڭلەكنى بوۋام ئوتۇنچىلىق قىلىپ يۈرگەن 15 ياش چېغىدا ئانىسى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەنىكەن.
s-661 بوۋام ئۇنى ھەتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان يىگىتلىك چاغلىرىدىمۇ يىنىدىن ئايرىماي، پەقەت ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە ياكى ئارمىيىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىلا كىيگەنىكەن.
s-662 دېمىسىمۇ، ھاۋارەڭ شايىگە يۇقىرى ماھارەت بىلەن كەشتىلەنگەن گۈل ئاجايىپ نەپىس ۋە چىرايلىق ئىدى.
s-663 كۆڭلەكنىڭ ياقا، يەڭ ۋە ئالدى تەرەپلىرىگە ھەر خىل رەڭلەردىن زىچ ھەم ئىنچىكە كەشتىلەنگەن گۈل نۇسخىلىرىدىن بىر خىل جانلىقلىق ۋە جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.
s-664 مەنمۇ ئۇنى پەقەت ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە ياكى مەكتەپتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن چاغلاردىلا كىيەتتىم.
s-665 بەزى ئوقۇتقۇچىلار كۆرۈپ ماختىشىپ كەتسە، قىزلار ھەۋەسلىنىپ قارىشىپ قالاتتى.
s-666 دوستلىرىم بىرەر ئىشى بولۇپ قالسا، كۆڭلەكنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئۆتۈنەتتى.
s-667 بىر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئىدى،
s-668 يېزىدىكى تاغام ئوغلى مەسئۇتنى باشلاپ ئۆيىمىزگە كەلدى.
s-669 كەچتە ئۆيگە كەلسەم، ئۇلار تاماق يەۋاتقانىكەن.
s-670 خوشلىشىش ئالدىدا، ئاپام يېزىدىكى تۇغقانلىرىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ كىيىشى ئۈچۈن، مېنىڭ بەزى كىيىم - كېچەكلىرىمنى ئېلىپ بەردى.
s-671 ئاندىن ئۇ يەنە نېمىنىدۇر ئۇنتۇپ قالغاندەك ئىتتىك ئارقىغا ئۆرۈلۈپ نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
s-672 ئۇ ئانچە ھايال بولماي، كانۋا كۆڭلىكىمنى ئېلىپ چىقىپ، مەسئۇتقا كىيگۈزۈپ قويدى.
s-673 مەن لېۋىمنى چىشلەپ: «ئاپلا!» دەپ قالدىم.
s-674 تاغام بالىجانلىق بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى ئېتىزغىلا قاراشلىق ئىدى.
s-675 بىراق ھەر قانچە بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاپام كانۋا كۆڭلىكىمنى ئۇلارغا بېرىۋەتمەسلىكى كېرەك - دە!
s-676 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، دومسىيىپ دېدىم:
s-677 - مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭلىكىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى مەسئۇتقا بېرىۋېتىسەن؟
s-678 - ئوغلۇم، - كانۋا كۆڭلەكنى بوۋاڭ ساڭا يادنامە قىلغان،
s-679 سېنىڭ ھېچنېمىگە تېگىشمەيدىغان نەرسەڭ.
s-680 بۇنى ئوبدان بىلىمەن.
s-681 لېكىن كەينىدىن يەنە بىلوگىنى يېڭىلاپ، توختام ئاياغلاشقۇچە ئىشلەيدىغانلىقىنى يازدى،
s-682 تۈنۈگۈن خۇاشى_شەھەر_گېزىتى مۇخبىرى مەركىزىي_تېلىۋىزىيە_ئىستانىسى باش_مۇھەررىر ۋە باھا_بېرىش_ئورگىنىغا تېلېفون_قىلىپ بۇ ئىشنى سورىدى،
s-683 لېكىن خىزمەتچى خادىملار بىلمەيمىز دەپ جاۋاب_قايتۇردى.
s-684 تۈنۈگۈن چۈشتىن_كېيىن، تورداشلار بىلوگدا ئاشكارلاپ، مەركىزىي_تېلىۋىزىيە_خەۋەر_قانىلى دىكتورى چىيۇۋچىمىڭ پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن ئايرىلىدىكەن دەپ يازدى،
s-685 بۇ خەۋەر شىددەت بىلەن تارقالدى،
s-686 شۇ كۈنى چۈشتىن_كېيىن، چىيۇۋچىمىڭمۇ بىلوگنى يېڭىلاپ ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىگە بولغان نارازىلىقىنى يازدى،
s-687 ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىستىپا_بېرىش خىيالى بارلىقىنى ئاشكارلىدى،
s-688 2012-_يىلى_4-ئاينىڭ_3-كۈنى سەھەر_سائەت_2_دىن_40_مىنۇت_ئۆتكەندە، خۇنەن جاۋدۇڭ ناھىيە بازىرىدا يەنە بىر قېتىم قوراللىق ئېتىش ۋەقەسى يۈز_بەردى.
s-689 تۆت كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بۇ شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم قوراللىق ئېتىش ۋەقەسى يۈز_بەردى.
s-690 جۇڭگونىڭ دېڭىز_بويى رايونلىرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقى يەنىلا ئېغىر بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي «مۇقىمسىزلىق»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
s-691 تەرەققىي_قىلغان دۆلەتلەر مەبلەغ جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ_قېلىش بىلەن_بىللە، جۇڭگونىڭ نامرات ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەبلەغقە جىددىي ئىھتىياجلىق_بولماقتا.
s-692 بۇ قىيىن مەسىلە دەل خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئائىت تالاش-تارتىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
s-693 ۋاشىنگتون خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنمەكتە، دەپ قارىشى مۇمكىن،
s-694 لېكىن جۇڭگودا كىشىلەر: ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىمىز ۋاشىنگتوننىڭ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى تېز ئۆستۈرۈش شەرتىنى قاندۇرالمايدۇ، دەپ قارىماقتا.
s-695 جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئەرزان خام ماتېرىيالغا ئېھتىياجلىق،
s-696 شۇنداقلا جۇڭگۇ يەنە تاۋارلىرىنى ئەرزان باھادا ئېكسپورت_قىلىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە ھەم سانائەت سېلىنمىسىدىن پايدا_ئېلىشقا ئېھتىياجلىق.
s-697 جۇڭگودا سودىدىكى ئېشىندىنىڭ ٪70تىن كۆپرەكى جۇڭگو-چەت_ئەل_شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن كېلىدۇ،
s-698 ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۆستۈرۈلسە، بۇ شىركەتلەرمۇ زىيان_تارتىدۇ.
s-699 سىچۇەن ئۆلكىلىك غەربىي رايوننى تەرەققىي_قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ_شىزو: پېرېۋوت نىسبىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ ئېتىراپ_قىلدى.
s-700 يۇقىرىقىلار خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك_بەرسىمۇ، كۇرسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۈمىد_قىلغان سۈرئەتتىن خېلى تۆۋەن_بولۇشى مۇمكىن.
s-701 جۇڭگودا كەلگۈسى 10 ياكى 20_يىل ئىچىدە، كىرىم پەرقى يەنىمۇ چوڭىيىشى مۇمكىن،
s-702 بۇ خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى كۈشەپ_قويىشى مۇمكىن.
s-703 جۇڭگو_خەلق_ئىگىلىكى_تەتقىقات_ئورنىنىڭ باشلىقى فەن_گاڭ: جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ_ئۈستىگە باشقا تەرەققىي_قىلىۋاتقان بازارلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە توغرا_كەلگەچكە، جۇڭگونىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسى تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
s-704 شىمالىي ئامېرىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات لۇ_كاڭ ئاگاھلاندۇرۇپ: جۇڭگونىڭ نوپۇس كۆلىمىنى ئەستە_چىڭ_تۇتۇش كېرەك. بۇ، ئون يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ_كېلىدىغان تەرەققى_قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.

Text viewDownload CoNNL-U