s-6
| ئۇلارنىڭ ئۇزاتماقچى بولغىنى ئۆزگىچە مىھمان - قارلىغاچلار ئىدى. |
s-7
| قىزىق ئىش، |
s-8
| قارلىغاچ دېگەن پەسىل قۇشى، ئۇ يىراقلارغا ئۇچۇپ بارالايدىغان تۇرسا، نىمىشقا بۇ قارلىغاچلارنى پويىز بىلەن ئاپىرىپ قويماقچى بولۇشقاندۇ؟ |
s-9
| ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى: |
s-10
| شۇ يىلى باھاردا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قارلىغاچلار جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا، شىۋېتسارىيە چىگرىسى ئىچىدە ئاۋارىچىلىككە يولۇقتى. |
s-11
| ئۇ يەرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ، قار - شىۋىرغان توختىمىدى. |
s-12
| شۇنىڭ بىلەن ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى. |
s-13
| ئۇزاق يول بېسىش جەريانىدا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قارلىغاچلار بۇ يەردە ئوزۇقلۇق تاپالمىدى. |
s-14
| ئاچلىق بىلەن سوغۇق بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەر ئىچىدە قالدۇردى. |
s-15
| بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى قارلىغاچلارنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىسسىق رايونلارغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى. |
s-16
| شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت تېلېۋىزور ۋە رادىيو ئارقىلىق كىشىلەرنى دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تېپىپ ۋوگزالغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلدى. |
s-17
| بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ۋە ئاچچىق سوغۇققا قارىماي، مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قارلىغاچلارنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى. |
s-18
| بېتتى ئىسىملىك قىزچاقمۇ ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە قارلىغاچ ئىزدىگىلى چىقتى. |
s-19
| ئۇلار ئاپئاق قار قاپلىغان تاغ ۋە قىيا تاش ئارلىقلىرىدىن قارلىغاچلارنى ئىزدىدى. |
s-20
| بىتتى بىر كۈن ئىچىدە ئون نەچچە قارلىغاچنى قۇتقۇزۇۋالدى. |
s-21
| ئۇنىڭ يۈزى توڭلاپ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن، قوللىرى سوغۇقتا قېتىپ قالايلا دېگەنىدى. |
s-22
| لېكىن، ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلمىدى. |
s-23
| پويىز قوزغالدى. |
s-24
| قارلىغاچلار قاچىلانغان پويىز ئىنسانلارنىڭ دوستلۇقىنى ئېلىپ يىراقلارغا يۈرۈپ كەتتى. |
s-25
| ۋاگونلاردىكى قارلىغاچلار ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتىۋاتقاندەك تىنماي ۋىچىرلىشاتتى. |
s-26
| ئىلگىرى بىر تاغ جىلغىسىدا تولىمۇ چىرايلىق بىر كەنت بولغانىكەن. |
s-27
| ئەتراپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغانىكەن، |
s-28
| كەنت يېنىدا سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىكەن. |
s-29
| كەنت ئاسمىنى كۆپكۈك، ھاۋاسى ساپ، يېقىملىق ئىكەن. |
s-30
| بۇ كەنتتە نەچچە ئون ئائىلىلىك ياشايدىكەن. |
s-31
| قاچانلاردىن بېرى، ھەر بىر ئائىلىدە ئۆتكۈر پالتىلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ. |
s-32
| قايسى ئائىلە ئۆي سالماقچى، قايسى ئائىلە ساپان ياسىماقچى بولسا، شۇ ئائىلىدىكىلەر پالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ دەرەخلەرنى كېسىدىكەن. |
s-33
| مانا شۇنداق قىلىپ، تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. |
s-34
| يىللار ئۆتۈپتۇ، |
s-35
| نەچچە ئەۋلاد ئالمىشىپتۇ، |
s-36
| تاغ باغرىدىكى دەل - دەرەخلەر داۋاملىق ئازىيىپ، تاقىر يەرلەر ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپتۇ. |
s-37
| دەل - دەرخلەر قاتار – قاتار ئۆيلەرگە، خىلمۇ - خىل سايمانلارغا، ئۆي جاھازىلىرىغا ئايلىنىپتۇ. |
s-38
| نۇرغۇن دەل - دەرەخلەر مورىلاردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس تۈتەكلەر بىلەن نەلەرگىدۇر غايىپ بوپتۇ. |
s-39
| شۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئائىلىلەر ئۆتكۈر پالتىلىرىغا تايىنىپ كۈنلىرىنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈپتۇ. |
s-40
| لېكىن قانچە يىل، قانچە ئەۋلات ئۆتكەنلىكى نامەلۇم. |
s-41
| يامغۇرلۇق بىر ئاۋغۇست ئېيىدا قاتتىق يامغۇر بەش - كېچە كۈندۈز يېغىپ توختىماي، ئالتىنچى كۈنى سەھەردە توختاپتۇ. |
s-42
| لېكىن، غايەت زور كەلكۈن كەنت ۋە كەنتتىكى ئادەملەرنى نە - نەلەرگىدۇر ئېقىتىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. |
s-43
| مانا ئەمدى ھېچنىمە قالماپتۇ، |
s-44
| پالتا بىلەن بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر، ھەتتا ئاشۇ ئۆتكۈر پالتىلارمۇ غايىپ بوپتۇ. |
s-45
| سوپىسوپىياڭنىڭ ئۇۋىسى دەرەخ ئاچىمىقىدا ئىكەن. |
s-46
| ئۇۋىدا بالىلىرى ئۇخلايدىكەن، |
s-47
| ئۆزى ئۇۋا يېنىدىكى شاختا ئولتۇرىدىكەن. |
s-48
| تاشئالما تەكشى يوپۇرماق چىقىرىپتۇ. |
s-49
| سوپىسوپىياڭ ئۇچۇپ بارغانچە، تاشئالما يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن سۇس يېشىل بىر كىچىك قۇرۇتنى تۇتۇپ قايتىپ كەپتۇ. |
s-50
| سوپىسوپىياڭنىڭ بالىلىرىى كىچىككىنە ساپسېرىق ئاغزىلىرىنى ئاچقان ھالدا چۇرقىرىشىپتۇ. |
s-51
| - ئاپا، مەن يەي، مەن يەيچۇ! |
s-52
| سوپىسوپىياڭ قۇرۇتنى بىر بالىسىنىڭ سېلىپ قويۇپتۇ. |
s-53
| بۇ بالىسى قۇرۇتنى مەززە قىلىپ يەپتۇ ۋە سوراپتۇ: |
s-54
| بۇ بەك ياخشىكەن، ئاپا، ئېيتىڭا، بۇ قانداق نەرسە؟ |
s-55
| - بۇ يوپۇرماق قۇرتى، |
s-56
| ئۇ زىيانلىق قۇرت، |
s-57
| بەك ھىيلىگەر. |
s-58
| ئۇ يىپ قۇسۇپ يۇمران يوپۇرماقلارنى ئورايدۇ - دە، ئۆزى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، يوپۇرماق ئەتلىرىنى يەيدۇ، - دەپتۇ. |
s-59
| بىر تاغ قۇشقىچى ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى نەشپۈت دەرىخىگە قونۇپتۇ، |
s-60
| ئاندىن دەرەخ پوستىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسىنى تۇتۇپ يەپتۇ. |
s-61
| سوپىسوپىياڭنىڭ بالىلىرى ھەيران بولۇشۇپ چۇرقىرىشىپتۇ: |
s-62
| - تاغ قۇشقىچى ھەدە، سىز دەرەخ پوستىنى يەۋاتىسىزغۇ؟ |
s-63
| - بالىلار، سىلەر بىلمەيسىلەر، |
s-64
| بۇ دەرەخ پوستى ئەمەس، |
s-65
| سېرىق قوڭغۇز. |
s-66
| بۇ مەخسۇس مىۋە شىرنىسىنى يەيدۇ. |
s-67
| سېرىق قوڭغۇز يامانلىقتا ئۇچىغا چىققان نەرسە، - دەپتۇ - دە، يەنە بىر سېرىق قوڭغۇزنى چىشلىگىنىچە بالىلىرىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. |
s-68
| ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. |
s-69
| سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچىنىڭ بالىلىرى چوڭ بوپتۇ. |
s-70
| ئۇلار بۈك - باراقسان مېۋەزارلىقتا ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇپ، ئانىسىغا ئەگىشىپ زىيانلىق قۇرۇتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان بوپتۇ. |
s-71
| كۈز كەپتۇ. |
s-72
| مېۋىلىك دەرەخلەردە غۇچچىدە مېۋىلەر پىشىپتۇ. |
s-73
| مەيىن شامالدا قىپقىزىل تاشئالمىلار، ساپسېرىق نەشپۈتلەر باشلىرىنى ئاستا لىڭشىتىپ، سوپىسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقاچلىرىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپتۇ. |
s-74
| سىز «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «ياخشى چارە ئىشنىڭ يېرىمى»، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ماقاللارنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ |
s-75
| ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ |
s-76
| بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەر بۇ ماقاللار توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ؛ |
s-77
| مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، مەسىلىلەرنى قانداق ئويلاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. |
s-78
| ئۇلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا، چوقۇم مەلۇم تەسىراتقا ئىگە بولالايسىز. |
s-79
| بىر ياغاچچى بالا بولغانىكەن. |
s-80
| ئۇ ئىش قىلغاندا كاللا ئىشلەتمەيدىكەن، |
s-81
| باشقىلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن. |
s-82
| بىر كۈنى ئۇ ئورمانغا بېرىپ، بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ كەپتۇ ۋە ئۇنى يېڭىدىن سالماقچى بولغان ئۆيگە تۈۋرۈك قىلماقچى بوپتۇ. |
s-83
| ياغاچچى بالا ئالدى بىلەن دەرەخنى ھەرىدەپتۇ، |
s-84
| ھەرىدەپ بولۇپ قارىسا، ياغاچ قىسقا بولۇپ قاپتۇ. |
s-85
| شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك قىلماقچى بوپتۇ - دە، دەرھال چوت بىلەن يۇنۇشقا باشلاپتۇ. |
s-86
| بىر چاغدا قارىسا، ياغاچ كىچىك بولۇپ قاپتۇ. |
s-87
| بالا ئەمدى ئۇنى كەتمەنگە دەستە قىلماقچى بوپتۇ. |
s-88
| بالا ياغاچنى ھەدەپ رەندىلەشكە باشلاپتۇ. |
s-89
| بىر چاغدا قارىسا، ياغاچ بەك ئىنچىكە بولۇپ قاپتۇ. |
s-90
| بالا: «بولدىلا بۇنى پىچاققا دەستە قىلايچۇ» دەپتۇ - دە، يەنە رەندىلەشكە كىرىشىپتۇ. |
s-91
| شۇنىڭ بىلەن ياغاچ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ چىش كولىغۇچتەكلا بولۇپ قاپتۇ. |
s-92
| بالا ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى كولىغانىكەن، شۇ ھامان سۇنۇپ كېتىپتۇ. |
s-93
| ئېتىشلارغا قارىغاندا، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانىكەن. |
s-94
| بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن، |
s-95
| ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. |
s-96
| كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. |
s-97
| ئۇ بالىلىرىنى يېنىغا چاقىرتىپتۇ. |
s-98
| - بالام، - دەپتۇ بوۋاي چوڭ ئوغلىغا سېۋەتنى كۆرسىتىپ، |
s-99
| - چېلىكىمىز تېشىلىپ قاپتۇ، |
s-100
| سېۋەتتە سۇ ئەكىرسەڭ. |
s-101
| چۇفۇ بىلەن لوياڭنىڭ ئارلىقى مىڭ چاقىرىمدىن ئاشاتتى. |
s-102
| كۇڭزى ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ، كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي يول يۈرۈپ، ئاخىر لوياڭغا يېتىپ بارىدۇ. |
s-103
| ئۇ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئات ھارۋىسىنى كۆرىدۇ. |
s-104
| ھارۋىنىڭ يېنىدا 70 ياشتىن ھالقىغان، ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيگەن، چاچ - ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، كۆرۈنۈشىدىن بىلىملىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر مويسىپىت تۇراتتى. |
s-105
| كۇڭزى: «مېنىڭ ئۇستاز تۇتماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ كىشىدەك قىلىدۇ!» دەپ ئويلايدۇ - دە، |