s-401
| مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. |
s-402
| ئۇ ئىككى قولىنى مۈرەمگە قويدى. |
s-403
| - بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشمايلى، قانداق دەيسەن؟ - دېدى ئۇ كۈلۈپ. |
s-404
| مەن ئېسىمگە كېلىپ: - ئۇرۇشمايلى! ئۇرۇشمايلى! - دەپ جاۋاب بەردىم ئالدىراپ. |
s-405
| ئاندىن كېيىن، بىز خوشال - خورام خوشلاشتۇق. |
s-406
| ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بولغان ئىشلارنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم. |
s-407
| مەن تېخى دادامنى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، |
s-408
| ئەكسىچە، ئۇ قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا دېدى، |
s-409
| - سەن خاتا قىلغان بولغاندىكىن، شۇنداق ياخشى بىر دوستۇڭغا سىزغۇچنى تەڭلىمەي، بىرىنچى بولۇپ قول ئۇزىتىپ ئەپۇ سورىشىڭ كېرەك ئىدى، |
s-410
| - ئاندىن قولۇمدىن سىزغۇچنى تارتىۋېلىپ «قارسسىدە» سۇندۇردى - دە، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تاشلىۋەتتى. |
s-411
| كەنتىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك تاغ بار، |
s-412
| بۇ تاغ بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر، قويۇق ئوت چۆپلەر بىلەن قاپلانغان. |
s-413
| يىراقتىن قارىسىڭىز، ئۇ خۇددى يېشىل مەخمەلگە ئوخشايدۇ. |
s-414
| قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىلان باغرى چىغىر يول بويىدا بىر بۇلاق بار، |
s-415
| بىز ئۇنى «مارجانبۇلاق» دەپ ئاتايمىز. |
s-416
| قارىماققا، بۇلاق سۈيى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئوچۇمىڭىزغا ئالغىنىڭىزدىلا سۈپسۈزۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. |
s-417
| بۇلاق چۆرىسىدىكى تاشلارنى بىر قەۋەت قارامتۇل يېشىل مۇخلار قاپلاپ كەتكەن. |
s-418
| يېشىل مۇخلار، رەڭگارەڭ ئۇششاق گۈللەر مارجانبۇلاقنىڭ گۇلتاجىغا ئايلانغان. |
s-419
| بۇلاق سۈيى بۇلاق ئەتراپىدىكى يېشىل دەرەخ، يېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن بوياپ قويۇلغاندەك ياپيېشىل. |
s-420
| ئۇ شۇ قەدەر تىنىق ھەم سۈزۈككى، تېگىدىكى سۇس قوڭۇر تاشلار، قۇم دانچىلىرى ۋە قارىداپ كەتكەن دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. |
s-421
| سۈيىنىڭ سۈزۈك ۋە مۇزدەكلىكىدىنمىكىن، مارجانبۇلاقتا بىر تالمۇ بېلىق يوق. |
s-422
| بۇلاقتىن «بۇلدۇق - بۇلدۇق» قىلىپ چىقىۋاتقان سۈزۈك ھەم پارقىراق سۇ كۆپۈكچىلىرى ماڭا ئەڭ قىزىقارلىق بىلىنىدۇ. |
s-423
| سۇ كۆپۈكچىلىرى دەسلىپىدە كىچىككىنە ھالەتتە چىقىدۇ، |
s-424
| يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى يوغىناپ، ئاخىرىدا سۇ يۈزىگە يېيىلىدۇ - دە، «پىخ» قىلىپ كۈلگەندەكلا يوقاپ كېتىدۇ. |
s-425
| ئىللىق قۇياش نۇرى قويۇق يوپۇرماقلاردىن ئۆتۈپ سۇ يۈزىگە، كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۆپۈكچىلەرگە، بەزىدە ھەتتا سۇ تېگىدىكى سۇس قوڭۇر رەڭ تاشلارغىچە چۈشىدۇ. |
s-426
| بۇ چاغدا، سۇ يۈزىنى ۋە تېگىنى ئالتۇن رەڭلىك، كۆمۈش رەڭلىك نۇرلار چىرمىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. |
s-427
| . سۇ كۆپۈكچىلىرى قىزىل، سېرىق، يېشىل، سۆسۈن رەڭلەردە چاقنايدۇ... |
s-428
| قاراڭ، ئۇلار تىزىق - تىزىق رەڭدار مارجانلارغا نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە! |
s-429
| مانا بۇ بىزنىڭ مارجانبۇلىقىمىز، |
s-430
| مانا بۇ كەنتىمىزنىڭ چىرايلىق مارجانبۇلىقى. |
s-431
| مارجانبۇلاقنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن. |
s-432
| ئۇنىڭ چىقسا - چىقسا تۈگىمەيدىغان كۆپۈكچىلىرىنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار. |
s-433
| كەنتىمىزدىكى قۇدۇقلار قۇرۇپ قالدىغان چاغلار بولىدۇ، |
s-434
| ئەمما مارجانبۇلاق توختىماي بۇلدۇقلايدۇ، |
s-435
| توختىماي كۆپۈك چىقىرىدۇ. |
s-436
| ھەر قېتىم كىچىككىنە چېلىكىمنى كۆتۈرۈپ بۇلاق بويىغا كەلگىنىمدە ماڭا نۇرغۇن شوخ بالىلار مارجانبۇلاقنىڭ بىر يېرىگە مۆكۈنۋېلىپ، كۆپۈك پۈۋلەپ ئويناۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ. |
s-437
| مەن چېلىكىمگە مارجانبۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈزۈك سۈيىنى ئېلىپ ئۆيگە يانغىنىمدا، ئورماندىكى چىغىر يولغا قانچىلىغان مارجانلارنى چېچىپ ماڭىدىغاندىمەن – ھە؟ |
s-438
| ئۇلار ھېلىقى قۇرۇق دەستىگاھنى كۆرسىتىپتۇ. |
s-439
| چۈنكى ئۇلار باشقىلارنى رەختنى جەزمەن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدىكەن. |
s-440
| «بۇ قانداق ئىش؟ _ _ پادىشاھ ئىچىدە ئويلاپتۇ، _ _ مەن ھېچنېمىنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! |
s-441
| بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، ئەجىبا، مەن شۇنچە ئەخمەقمۇ؟ |
s-442
| ئەجىبا، مەن پادىشاھ بولۇشقا لايىق ئەمەسمۇ؟ |
s-443
| بۇ مەن يولۇقۇپ باقمىغان بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولدى.» |
s-444
| _ _ پاھ، ھەقىقەتەن ئىتايىن گۈزەلكەن! _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ مەن ئىنتايىن رازى! |
s-445
| شۇنداق قىلىپ، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۆزىنىڭ مەمنۇنيىتىنى بىلدۈرۈپتۇ - يۇ، دەستىگاھقا سەپسېلىپ قاراپتۇ. |
s-446
| چۈنكى ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، دېيىشنى خالىمايدىكەن. |
s-447
| ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ سەپسېلىپ قارىشىپتۇ، لېكىن ئۇلارمۇ پادىشاھقا ئوخشاشلا: «پاھ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن گۈزەلكەن!» دېيىشىپ، پادىشاھقا: ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان نامايىش مۇراسىمىغا مۇشۇ ئېسىل رەختتىن كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپتۇ. |
s-448
| _ _ بۇ رەخت راست ئېسىل! نەپىس! تەڭدىشى يوق ئىكەن! |
s-449
| ھەممەيلەن بىر - بىرىگە ئەگىشىپ سۆز قېتىشىپتۇ. |
s-450
| ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ. |
s-451
| پادىشاھ ئالدامچىلارنىڭ ھەر بىرىگە تېگىشلىك ئۇنۋان ۋە تۈگمىسىگە ئېسىۋالىدىغان بىردىن مېدال ھەدىيە قىلىپتۇ ھەمدە ئۇلارنى «پادىشاھنىڭ خاس توقۇمىچىلىرى» قىلىپ تەيىنلەپتۇ. |
s-452
| ئەتىسى ئەتىگەندە نامايىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، |
s-453
| نامايىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئىككى ئالدامچى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىنى پۈتتۈرىمەن، دەپ كېچىلەپ ئىشلىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كېچىچە كىرپىك قاقماي 16 دىن ئارتۇق شامنى يېقىپ قويۇپ، رەختنى دەستىگاھتىن چۈشۈرۈۋاتقان، ئىككى قايچا بىلەن قۇرۇقتىن قۇرۇق كېسىۋاتقان ۋە يىپسىز يىڭنە بىلەن تىكۋاتقان ھەركەتلەرنى قىلىپتۇ. |
s-454
| ئاخىرىدا ئىككىسى تەڭلا: «قاراڭلار! يېڭى كىيىم پۈتتى!» دېيىشىپتۇ. |
s-455
| پادىشاھ ئۆزى ئەڭ ئالىي چەۋەندازلىرىنى باشلاپ بېرىپتۇ. |
s-456
| ئالدامچىلار خۇددى قولىدا بىر نەرسەباردەك، بىر قولىنى كۆتۈرۈپ: _ _ قارىسىلا پادىشاھى ئالەم، بۇ شىملىرى! بۇ يەكتەكلىرى، بۇ بولسا چاپانلىرى، بۇ كىيىملەر ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك يېنىڭ، كىيگەن ئادەم ئۇچىسىدا ھېچنەرسە يوقتەك ھېس قىلىدۇ، بۇ كىيىمنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ دەل شۇ يەردە، دېيىشىپتۇ. |
s-457
| _ راست ئېيتىدۇ، _ _ دېيىشىپتۇ چەۋەندازلار. |
s-458
| ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ھېچنېمىنى كۆرمەپتۇ. |
s-459
| _ _ پادىشاھى ئالەم، ئەمدى كىيىملىرىنى يەشسىلە، _ _ دەپتۇ ئالدامچىلار، _ - مانا بۇ تاش ئەينەك ئالدىدا ئۆزلىرىگە يېڭى كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قويايلى. |
s-460
| پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى يېشىپتۇ. |
s-461
| ئىككى ئالدامچى بايا تىكىپ بولغان يېڭى كىيىملەرنى بىر - بىرلەپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپتۇ ۋە خۇددى بىر نەرسە چېگىۋاتقاندەك ئۇنىڭ بېلى ئەتراپىدا بىردەم ھەپىلىشىپتۇ. |
s-462
| ئۇلارنىڭ چىككىنى ئارقا پەشمىش. |
s-463
| پادىشاھ ئالىيلىرى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ بەللىرىنى تولغاپ كۆرۈپتۇ. |
s-464
| پاھ، پاھ بۇ كىيىم ئەجەپ ياراشتى! پىچىمى نېمىدېگەن چىرايلىق، _ _ دېيىشىپتۇ، ئەتراپتىكىلەر، |
s-465
| _ _ گۈللىرىنى قاراڭلار! رەڭگىچۇ تېخى! |
s-466
| _ _ ئاۋام پۇقرالار ئالىيلىرىنى كۈتۈپ قالدى، سايىۋەنلەرمۇ ھازىر بولدى، مۇراسىمغا مەرھەمەت قىلسىلا! _ _ دەپتۇ مۇراسىم باشلىقى. |
s-467
| _ _ ھازىر، مانا كىيىنىپ بولدۇم، _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ كىيىمىم يارىشىپتىمۇ؟ _ _ |
s-468
| ئۇ يەنە ئەينەك ئالدىدا چۆگىلەشكە باشلاپتۇ. |
s-469
| ئۇ كۆپچىلىككە ئېسىل يېڭى كىيىملىرىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ياققانلىقىنى بىلدۈرمەكچىكەن. |
s-470
| پادىشاھنىڭ ئارقا پېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ۋەزىرلەر خۇددى پەشنى كۆتۈرۈپ ماڭغان قىياپەتتە قۇرۇق قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ پادىشاھنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. |
s-471
| ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. |
s-472
| شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەشەمەتلىك سايىۋەن ئاستىدا نامايىشىغا چىقىپتۇ. |
s-473
| كوچىدا ۋە دېرىزىلەردە قارىشىپ تۇرغان كىشىلەر: _ _ پاھ، پاھ! پادىشاھى ئالەمنىڭ يېڭى كىيىملىرى نېمىدېگەن ئېسىل! قاراڭلار، ئارقا پېشى نېمىدېگەن كۆركەم! بۇ كىيىم ئۇنىڭغا تازا يارىشىپتۇ جۇمۇ! _ _ دېيىشىپ كېتىپتۇ. |
s-474
| ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگىنىنى باشقىلارغا چاندۇرماپتۇ. |
s-475
| چۈنكى، چېنىپ قالسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەخمەق دېيىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. |
s-476
| دەرۋەقە، پادىشاھنىڭ كىيىملىرى ئەزەلدىن مۇنداق ماختاشقا سازاۋەر بولمىغانىكەن. |
s-477
| تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالا: _ _ بىراق ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇغۇ! _ _ دەپ ۋارقىرېۋىتىپتۇ. |
s-478
| _ _ ۋاي خۇدايىمەي، قاراڭلار، بۇ بالىنىڭ گۈدەكلىكىنى! _ _ دەپتۇ دادىسى. |
s-479
| لېكىن كۆپچىلىك بۇ بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىتىۋېتىپتۇ: |
s-480
| _ _ ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇ! بىر كىچىك بالا ئۇنىڭ كىيىم كىيمىگەنلىكىنى دەۋېتىپتۇ! |
s-481
| ئاخىر پۇقرالارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېيىشىپتۇ. |
s-482
| پادىشاھنى سەل سۈر بېسىپتۇ. |
s-483
| چۈنكى ئۇنىڭغا پۇقرالارنىڭ گېپى توغرىدەك تۇيۇلۇپتۇ. |
s-484
| بىراق ئۇ ئىچىدە: «نامايىشنىڭ ئاخىرىغىچە تاقەت قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ. |
s-485
| شۇڭا ئۇ تېخىمۇ مەغرۇر قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. |
s-486
| ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئارقا پەشنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن مېڭىۋېرىپتۇ. |
s-487
| ئادەمدىن قالسا بۆرە پاراسەتلىك مەخلۇق. |
s-488
| چوڭ ھىنگان تېغىدىكى گۈلخان يېنىدا قېرى ئوۋچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. |
s-489
| ئوۋچىلىق تەدرىجىي يوقىلۋاتقان كەسىپ. ئۇ ئەمدى ئوۋ ئوۋلىماي، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغانىدى. |
s-490
| _ _ ياش چاغلىرىم ئىدى _ _... دېدى ئوۋچى مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ، گويا ئەينى يىللاردىكى ئاجايىپ باتۇرلىقىغا قايتقاندەك. |
s-491
| بۆرە كۈچۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. |
s-492
| قانداق قىلش كېرەك؟ يالغۇز كۈچۈك بولغان بولسا ئۇنى چىشلىۋېلىپ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ كېتىدۇ. |
s-493
| ئەگەر بىرنەچچە كۈچۈك بولسا ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشتە خاتىرجەم بولالمايدۇ. |
s-494
| دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا قىرغاقتا قالغان «بالىلىرى» غا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. |
s-495
| شۇنىڭ بىلەن بۆرە بىر ھايۋاننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قېرىنىنى پۈۋلەپ تۇلۇمدەك كۆپتۈرۈپ، بېغىشىدىن چىشلەپ، كۈچۈكلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىدۇ - دە، ئۇنىڭ لەيلەش كۈچىدىن پايدىلنىپ، ھەممىسىنى دەريادىن ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. |
s-496
| بىر قېتىم ئىككى كۈچۈكنى ئەگەشتۈرۋالغان ئانا بۆرىنىڭ پېيىگە چۈشتۈم. |
s-497
| ئۇ تېز يۈگۈرمىدى. |
s-498
| چۈنكى كۈچۈكلەر تېمەن ئەمەس ئىدى. |
s-499
| بۆرە بىلەن بولغان ئارلىقىم قىسقىراشقا باشلىدى. |
s-500
| ئانا بۆرە كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇم دۆۋىسىگە چىقىشقا باشلىدى. |