s-105
| كۇڭزى: «مېنىڭ ئۇستاز تۇتماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ كىشىدەك قىلىدۇ!» دەپ ئويلايدۇ - دە، |
s-106
| دەررۇ تەزىم قىلىپ: ئاقساقال، سىلى لاۋزى ھەزرەتقۇ دەيمەن، - دەپ سورايدۇ. |
s-107
| سىز...؟ - مويسىپىت يول ئازابىنى يەتكۈچە تارتقانلىقى بىلىنىپ تۇرغان بۇ يىگىتنىڭ بىر قاراپلا ئۆزىنى تونۇۋالغانلىقىغا سەل ئەجەبلىنىدۇ. |
s-108
| - شاگىرتلىرى كۇڭچيۇ ئۇستازنى يوقلىغىلى كەلدى، - دەيدۇ كۇڭزى دەرھال، |
s-109
| - شاگىرىتلىرىنى قوبۇل قىلغايلا. |
s-110
| - جۇڭنى ئىكەنسىز - دە، - دەيدۇ لاۋزى، |
s-111
| - سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغانىدىم. |
s-112
| ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، سىز مەندىن قېلىشمايدىكەنسىز. |
s-113
| شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە مېنى ئۇستاز تۇتماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ |
s-114
| بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كۇڭزى يەنە بىر قېتىم تەزىم قىلىدۇ. |
s-115
| - ئۇستازنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىغا كۆپ تەشەككۇر، - دەيدۇ كۇڭزى، |
s-116
| - ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولماس، |
s-117
| سىلى بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى، |
s-118
| سىلىدىن ئۆگەنسەم، چوقۇم بىلىمىم مۇكەممەللىشىدۇ. |
s-119
| شۇنىڭدىن تارتىپ، كۇڭزى كۈن بويى ئۇستازىنىڭ قېشىدىن نېرى كەتمەي ھەر ۋاقىت تەلىم ئالىدۇ. |
s-120
| لاۋزىمۇ قىلچە ئايىماي ئۇنىڭغا بىلىم بېرىدۇ. |
s-121
| كىشىلەر كۇڭزى بىلەن لاۋزىنىڭ بىلىمىگىمۇ قايىل بولىدۇ، |
s-122
| شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنىمۇ قەدىرلەيدۇ. |
s-123
| ئاماننىسا بەش ياشقا قەدەم قويدى. |
s-124
| ئۇ تۆت يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقىرىپ بولغانىدى. |
s-125
| قىزىنىڭ چىرايلىق ئىنشالىرىنى كۆرگەن دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ كېتەتتى. |
s-126
| ئاماننىسا دادىسىغا شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇپ ئاڭلاشقا ۋە ساز چالدۇرۇپ ئاڭلاشقا تولىمۇ خۇشتار ئىدى. |
s-127
| گاھى چاغلاردا، ئېسىدە قالغان مىسرالارنى يېرىم - يارتا ھالەتتە چۈچۈك تىلى بىلەن دادىسىغا دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەتتى. |
s-128
| گاھى چاغلاردا، بويىدىن ئېگىز سازلارنى قولىغا ئېلىۋېلىپ، تۇرۇپ زىل تارىلارنى تىرىڭشىتسا، تۇرۇپ بوم تارىلارنى تىرىڭشىتاتتى. |
s-129
| بۇنداق ۋاقىتلاردا قىزىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان مىرزا مەھمۇد ئامراقلىقى كەلگەنلىكدىن كۈلۈپ كېتەتتى. |
s-130
| بىر كۈنى، ئۇ ئاماننىسانى قۇچىغىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ دىدى. |
s-131
| شېئىر ئۆگىتىپ قويايمۇ، قىزىم؟ |
s-132
| راستما؟ ۋاي بەك ياخشى بولدى. |
s-133
| مەن شېئىر ئۆگىنىدىغان بولدۇم! |
s-134
| ئاماننىسا خوشاللىقىدا دادىسىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ كىتەتتى. |
s-135
| قېنى ئەمسە، قەغەز قەلىمىڭىزنى تەييارلاڭ، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد. |
s-136
| ئاماننىسا قەغەز – قەلەم، سىياھداننى شىرە ئۈستىگە قويۇپ تەق بولدى. |
s-137
| مىرزا مەھمۇد بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، تۆت مىسرالىق بىر كۇپلېت شېئىرنى دانىمۇ - دانە قىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. |
s-138
| ئاماننىسا قومۇش قەلەمنى سىياھدانغا مىلەپ خۇش خەتچىلەپ چىرايلىق قىلىپ يېزىشقا كىرىشتى. |
s-139
| - قېنى، ئەمدى يازغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېرىڭا، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد. |
s-140
| ئاماننىسا تېخى سىياھ قۇرۇمىغان قەغەزنى ئاۋايلاپ قولىغا ئېلىپ، بالىلارغا خاس ئاۋازى بىلەن دۇدۇقلىماي ئوقۇپ بەردى. |
s-141
| - ھەببەللى، توغرا يېزىپسىز، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد سۆيۈنۈپ، |
s-142
| ئەمدى مەن سىزگە ئوقۇپ بېرەي، ھە، |
s-143
| دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ. |
s-144
| دادا بىر مىسرانى ئوقۇسا، قىزى بىر مىسرانى ئوقۇشقا باشلىدى. |
s-145
| دادا رازى بولمىغان مىسرالارنى قىزىغا قايتا - قايتا ئوقۇتتى. |
s-146
| ئاخىر ئۇ بىر ئاز قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، شېئىر يېزىلغان قەغەزنى قىزىغا قايتۇرۇپ بەردى. |
s-147
| - ئېلىڭ، قىزىم، باغقا چىقىپ يادلاپ كىرىڭ. |
s-148
| ئاماننىسا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مىرزا مەھمۇد ئۆز ئىشىغا تۇتۇندى. |
s-149
| لېكىن، ئارىدىن بىر چۆگۈن چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتە - ئۆتمەيلا، ئاماننىسا چۇڭۇلداپ سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى: |
s-150
| - دادا، دادا، يادلاپ بولدۇم! |
s-151
| - راستىنلا يادلاپ بولدىڭىزمۇ، قىزىم؟ - دېدى مىرزا مەھمۇد قىزىغا قاراپ، |
s-152
| - قېنى بىر ئوقۇڭا بىر ئاڭلاپ باقاي. |
s-153
| ئاماننىسا شېئىرنى تولۇق ياد ئوقۇپ بەردى. |
s-154
| ھۇششەررە، تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇڭ، قىزىم، - دېدى مىرزا مەھمۇد ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قىزىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، |
s-155
| - ئەمدى چىقىپ ئانىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ. |
s-156
| ئۇنى بىر خۇش قىلىۋېتىڭ. |
s-157
| دادىسىنىڭ ماختىشىدىن قاتتىق خوشال بولغان ئاماننىسا: - ماقۇل، دادا، - دېگىنىچە ئويناقلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. |
s-158
| باھار شامىلىنىڭ تەپتى بىلەن بالاساغۇن شەھىرى يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى. |
s-159
| پۈتۈن تەبىئەت قىشلىق چاپانلىرىنى سېلىپ، ياپيېشىل تون كىيدى. |
s-160
| تۇنجى ئېچىلغان گۈل - چېچەكلەر تەبىئەتكە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى. |
s-161
| بۇ مىلادىيە 1025 - يىلنىڭ ئەتىياز كۈنلىرى ئىدى. |
s-162
| ئۆز دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دەريا ساھىلىدە، ئالتە - يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر توپ بالا ئوردىكام ئويۇنى ئويناۋاتاتتى. |
s-163
| بالىلار ئوردىكام ئويۇنىدىن زېرىكتى بولغاي، ھەممەيلەن پۇتلىرىنى قۇمغا كۆمۈپ، غۇجمەك بولۇپ ئولتۇرۇشتى. |
s-164
| بۇ چاغدا، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئېيتقىلى تۇردى. |
s-165
| قالغان بالىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەكرارلايتتى. |
s-166
| بۇغا.. ئۆكۈز.. قوچقار....، - رىياسەتچى بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىغا ئۇلاپلا، مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ نامىنىمۇ ماھىرلىق بىلەن قىستۇرىۋېتەتتى، |
s-167
| - زىراپە... بالىلار ئارسىدا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى. |
s-168
| ئۇلار ۋارقىرىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يېڭىلىشىپ قالغان بولۇق ئىسىملىك بالىنى تۇتۇپ، ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە جازالاشقا تۇتۇش قىلدى. |
s-169
| ئەسلىدە بولۇقنى ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ دەرياغا تاشلاشقا توغرا كېلەتتى. |
s-170
| لېكىن، رىياسەتچى بالا ئاۋازىنى ئەتەي توم چىقىرىپ، كەسكىنلىك بىلەن ھۆكۈم قىلدى. |
s-171
| - بۈگۈن سۇ ئۇلۇغ ۋە لاي تۇرىدۇ. |
s-172
| شۇڭا، بولۇق قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، بۇ چېچەكنى چىشلەپ ئالىدۇ، |
s-173
| ۋە دەرەختىن بىر تال چېچەكنى غولى بىلەن سۇندۇرىۋېلىپ قۇمغا پاتۇرۇپ قويدى. |
s-174
| بولۇق بىر قانچە قېتىم قۇم قاساپ، ئاخىر ناھايىتى تەستە چېچەكنى چىشلەپ ئالدى. |
s-175
| بۇ ئويۇن ئۆز دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بالىلار ئويۇنى - «مۈڭگۈز - مۈڭگۈز» ئويۇنى ئىدى. |
s-176
| بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، تەسەۋۇرىنى كۈچلەندۈرۈپ، ھايۋانلار ھەققىدىكى تونۇشىنى، تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇراتتى. |
s-177
| ئويۇننىڭ جازاسى بولسا، بالىلارغا چىداملىق، زېرەك، ھوشيار بولۇشنى ئۆگىتەتتى. |
s-178
| بالىلار ئويۇننى داۋاملاشتۇردى. |
s-179
| رىياسەتچى بالا ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ۋە خوشال ھېس قىلاتتى. |
s-180
| بالىلارمۇ بۇ بالىغا بەك ئامراق ئىدى. |
s-181
| بۇ چېچەن بالا كىيىنكى چاغلاردىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدى. |
s-182
| جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كاتتا خەزىنە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمۇ بىباھا بايلىق. |
s-183
| بۇ بۆلەكتىكى ئەسەرلەر بىزگە بۇ خەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. |
s-184
| بىز قەدىمكى مۇتەپەككۇرلار بىلەن تونۇشۇۋالىمىز، |
s-185
| ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى بىزگە ئادەم بولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، |
s-186
| ئەسەرلىرىدىكى ھېكىمەتلەر بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. |
s-187
| ئىپتىخارلىنىش ھېسسياتىمىز بىلەن بۇ تېكىستلەرنى ئوقۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ پارلاقلىقىنى ھېس قىلايلى. |
s-188
| بۇرۇنىسىدا، بىر سودىگەر سەپەر ئۈستىدە بىر تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. |
s-189
| سودىگەر نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، تۆگىسىنى زادىلا تاپالماپتۇ. |
s-190
| ئۇ تىت - تىت بولۇپ كېتىپتۇ. |
s-191
| بىر چاغدا، ئۇ ئالدى تەرەپتە كېتىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ سوراپتۇ. |
s-192
| - بوۋا، تۆگە كۆردىڭىزمۇ؟ |
s-193
| - سىز سورىغان تۆگىنىڭ سول پۇتى سەل ئاقسامتى؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي. |
s-194
| سول تەرىپىگە ھەسەل، ئوڭ تەرىپىگە گۈرۈچ ئارتىلغانمۇ؟ |
s-195
| - بىر چىشى يوقمىدى؟ |
s-196
| - ئىنتايىن توغرا. |
s-197
| ئۇنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟ |
s-198
| - بۇنى بىلمەيمەن. |
s-199
| - مىنى ئالدىما، - دەپتۇ سودىگەر غەزەپلىنىپ، |
s-200
| تۆگەمنى جەزمەن سەن يوشۇرۇپ قويۇپسەن، |
s-201
| ئۇنى كىم ئۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ؟ |
s-202
| - ئاڭلىشىمچە، ئاسماندىن پات - پات مېتېئورىتلار چۈشۈپ تۇرىدىكەن، |
s-203
| بەلكىم ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن! |
s-204
| بۇنچە ئېغىر تاش ئاسماندىن چۈشىدىغان بولسا، چوقۇم ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن چۈشىدۇ. |