Sentence view
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | train |
---|
Annotation | Eli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis |
---|
showing 201 - 300 of 1656 • previous • next
دادىمغا يەت، ھەي، دۇنيا، ھالىمغا يەت!
s-201
s2001
دادىمغا يەت، ھەي، دۇنيا، ھالىمغا يەت!
بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالىسى.
s-202
s2002
بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالىسى.
ئاكا، بىز بېشىڭدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپتىمىز، خۇددى قۇياشنى چۆرىدىگەن سەييارىلەردەك.
s-203
s2003
ئاكا، بىز بېشىڭدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپتىمىز، خۇددى قۇياشنى چۆرىدىگەن سەييارىلەردەك.
راسىت، بىز ئاجايىپ سەييارىلەر ئىدۇق،
s-204
s2004
راسىت، بىز ئاجايىپ سەييارىلەر ئىدۇق،
سېنى دەۋر قىلىپلا چۆرگىلەيتتۇق.
s-205
s2005
سېنى دەۋر قىلىپلا چۆرگىلەيتتۇق.
سەن بىزگە نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايتتىڭ.
s-206
s2006
سەن بىزگە نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايتتىڭ.
قۇياشنىڭ قۇدرىتى بولمىسا، سەييارىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆز سىزىقىدا چۆرگىلىتەلمەيتتى.
s-207
s2007
قۇياشنىڭ قۇدرىتى بولمىسا، سەييارىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆز سىزىقىدا چۆرگىلىتەلمەيتتى.
سەنمۇ شۇنداق، سەندىمۇ شۇنداق بىر قۇدرەت بولمىغان بولسا، بىزنى ئەتراپىڭغا ئولاشتۇرالمىغان بولاتتىڭ.
s-208
s2008
سەنمۇ شۇنداق، سەندىمۇ شۇنداق بىر قۇدرەت بولمىغان بولسا، بىزنى ئەتراپىڭغا ئولاشتۇرالمىغان بولاتتىڭ.
بۇ قۇدرەت مېھىر _ ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى ئىدى.
s-209
s2009
بۇ قۇدرەت مېھىر _ ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى ئىدى.
سەن ئاكا ئىدىڭ، لېكىن ئاكىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەڭ چۈشەنگەن ئاكا ئىدىڭ.
s-210
s2010
سەن ئاكا ئىدىڭ، لېكىن ئاكىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەڭ چۈشەنگەن ئاكا ئىدىڭ.
خادىكنىڭ ئالدى چاقى قايسى يول بىلەن ماڭسا، كەينى چاقلىرىنىڭمۇ شۇ يولغا چۈشۈپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ.
s-211
s2011

ئاتا-ئانام سېنىڭ پەرۋىشكار گۈلچىڭ ئىدى،
s-212
s2012
ئاتا-ئانام سېنىڭ پەرۋىشكار گۈلچىڭ ئىدى،
سەن خۇش پۇرىقىڭ بىلەن ئۇلارغا بەھرە بەرگۈچى ئىدىڭ.
s-213
s2013
سەن خۇش پۇرىقىڭ بىلەن ئۇلارغا بەھرە بەرگۈچى ئىدىڭ.
بۇ خۇش پۇرىقىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىمۇ بەھرىمەن قىلاتتى.
s-214
s2014
بۇ خۇش پۇرىقىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىمۇ بەھرىمەن قىلاتتى.
«دادام ياشىنىپ قالدى. جىق جەبىرلەرنى چەكتى، ئۇكام، ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى مەن بولساممۇ كۆتۈرۈشۈپ بەرمىسەم بولماس» دېگەنلىرىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە، ئۇ سېنىڭ ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلى بىلەن تېخى خوشلىشىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلىرىڭ ئىدى.
s-215
s2015

سەن تېخى خوشلىشىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلىرىڭ ئىدى.
s-216
s2016
سەن تېخى خوشلىشىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلىرىڭ ئىدى.
سەن تېخى ياشلىققا قەدەم قويمايلا، تېخى بېلى قاتمىغان تايدەك مەزگىلىڭدىلا تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى زىممەڭگە ئالدىڭ.
s-217
s2017

ئېسىمدە، ئۇ بىللە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى.
s-218
s2018
ئېسىمدە، ئۇ بىللە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى.
سەنمۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ،
s-219
s2019
سەنمۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ،
بىلىم ئېلىشقا بىلىملىك بولۇشقا تولىمۇ قىزىقاتتىڭ،
s-220
s2020
بىلىم ئېلىشقا بىلىملىك بولۇشقا تولىمۇ قىزىقاتتىڭ،
لېكىن تۇرمۇشنىڭ قىستىشى ۋە ئاكىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلى، سەن ئۇ قىزىقىشتىنمۇ ۋاز كەچتىڭ.
s-221
s2021
لېكىن تۇرمۇشنىڭ قىستىشى ۋە ئاكىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلى، سەن ئۇ قىزىقىشتىنمۇ ۋاز كەچتىڭ.
شۇ چاغدا: «سەن بولساڭمۇ ياخشى ئوقۇغىن، ئۇكام، سەن ئارزۇيۇڭغا يەتسەڭ، مەنمۇ ئارزۇيۇمغا يەتكەندەك خۇش بولىمەن» دېگىنىڭ ھېلىغىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ.
s-222
s2022

شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇغان ۋاقىتلىرىم سېنىڭ تۇرمۇش دارىلفۇنۇنلىرىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭ بولدى.
s-223
s2023

مەن كۈندە كىتاب، دەپتەرلىرىمنى ئېلىپ مەكتەپكە ماڭىمەن.
s-224
s2024
مەن كۈندە كىتاب، دەپتەرلىرىمنى ئېلىپ مەكتەپكە ماڭىمەن.
سەن ئەندۇۋا، چوبگەزلىرىڭنى كۆتۈرۈپ ئىشقا ماڭىسەن؛
s-225
s2025
سەن ئەندۇۋا، چوبگەزلىرىڭنى كۆتۈرۈپ ئىشقا ماڭىسەن؛
چۈشتە مەن ئۆيگە قايتىپ ئەمگىكىڭنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئىسسىق تاماقنى يەيمەن.
s-226
s2026
چۈشتە مەن ئۆيگە قايتىپ ئەمگىكىڭنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئىسسىق تاماقنى يەيمەن.
سەن يىراق ئىش مەيدانلىرىدا قايناقسۇغا چىلاپ قۇرۇق ناننى يەيسەن؛
s-227
s2027
سەن يىراق ئىش مەيدانلىرىدا قايناقسۇغا چىلاپ قۇرۇق ناننى يەيسەن؛
كەچقۇرۇن مەن تايچاقتەك سەكرەپ - ئويناقلىشىپ مەكتەپتىن يانىمەن، سەن ئۈستۋېشىڭ توپا، ھارغىن ھالەتتە ئىشتىن يانىسەن.
s-228
s2028

لېكىن، دادامنى، ئانامنى، بىزنى _ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىڭنى كۆرگەندە ھاردۇقۇڭ چىقسا كېرەك، كۈلىسەن.
s-229
s2029
لېكىن، دادامنى، ئانامنى، بىزنى _ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىڭنى كۆرگەندە ھاردۇقۇڭ چىقسا كېرەك، كۈلىسەن.
شۇ كۈلكىلىرىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى كىچىكلىكىمدە چۈشەنمىگەنىكەنمەن، كېيىن چۈشەندىم.
s-230
s2030
شۇ كۈلكىلىرىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى كىچىكلىكىمدە چۈشەنمىگەنىكەنمەن، كېيىن چۈشەندىم.
ئۇ بالدۇرلا چوڭ بولۇپ كەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ ئىپتىخار كۈلكىسى ئىكەن.
s-231
s2031
ئۇ بالدۇرلا چوڭ بولۇپ كەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ ئىپتىخار كۈلكىسى ئىكەن.
شۇ كۈلكىنىڭ ئاجايىپ ساپ، ھالال ۋە ۋىجدانلىق يۈرەكنىڭ مەمنۇنىيەت بىلەن ياڭراتقان چىن ئىنسانلىق خىتابى ئىكەنلىكىنى كېيىن، بەكمۇ كېيىن ھېس قىلىپ يەتتىم.
s-232
s2032

سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىر ئۆمۈر شۇنداق كۈلۈپ ئۆتتۈڭ.
s-233
s2033
سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىر ئۆمۈر شۇنداق كۈلۈپ ئۆتتۈڭ.
ئاكا، ئەمدى جىملا ياتىسەنغۇ؟
s-234
s2034
ئاكا، ئەمدى جىملا ياتىسەنغۇ؟
ئۇنداق قىلما ئاكا، بىر كۈلگىن، بىر كۈلىۋەتكىنە!
s-235
s2035
ئۇنداق قىلما ئاكا، بىر كۈلگىن، بىر كۈلىۋەتكىنە!
شۇ كۈلكەڭ بىلەن بىزمۇ كۈلەيلى، جاھانمۇ تەڭ كۈلسۇن.
s-236
s2036
شۇ كۈلكەڭ بىلەن بىزمۇ كۈلەيلى، جاھانمۇ تەڭ كۈلسۇن.
كۈلكىسىز جاھان ئادەمگە بەكمۇ قورقۇنچلۇق، سوغۇق بىلىنىدىكەن، خۇددى جاھان ئەمەستەك، ئەھمىيەتسىز بىلىنىدىكەن.
s-237
s2037

ھەممىمىز بېشىڭدا قارا قۇشقاچتەك چۇۋۇرلىشىۋاتىمىز، نالە قىلىۋاتىمىز، ئاكا!.
s-238
s2038
ھەممىمىز بېشىڭدا قارا قۇشقاچتەك چۇۋۇرلىشىۋاتىمىز، نالە قىلىۋاتىمىز، ئاكا!.
«ئاكا» دېگەن بۇ سۆزدە نەقەدەر ۋەزىن بار-ھە!
s-239
s2039
«ئاكا» دېگەن بۇ سۆزدە نەقەدەر ۋەزىن بار-ھە!
راست، سەن ئاكا ئىدىڭ، بىزگە ئەسلىي ئاكىلا ئىدىڭ، لېكىن سېنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىڭ ئاكىلىقتىن جىق ئېشىپ كەتتى.
s-240
s2040

دادام رەھمىتىنىڭ ئاشنى ئالدى بىلەن بىزگە بېرىپ، ئاشقىنىنى ئۆزى يەيدىغان، ناننىڭ يۇمشىقىنى بىزگە بېرىپ، قاتتىقىنى ئۆزى غاجايدىغان ئادىتى بار ئىدى.
s-241
s2041

بۇ ئادەت دادامدىن ساڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى.
s-242
s2042
بۇ ئادەت دادامدىن ساڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى.
ھەر قانداق ئىشنىڭ جاپاسى سېنىڭ، راھىتى بىزنىڭ بولدى.
s-243
s2043
ھەر قانداق ئىشنىڭ جاپاسى سېنىڭ، راھىتى بىزنىڭ بولدى.
بىز ئۇنىساقمۇ شۇنداق بولدى، ئۇنىمىساقمۇ شۇنداق بولدى.
s-244
s2044
بىز ئۇنىساقمۇ شۇنداق بولدى، ئۇنىمىساقمۇ شۇنداق بولدى.
ئاناڭنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ ھاجىتى راۋا بولماي تۇرۇپ، ئۆزۇڭنىڭ ھېچقانداق ھاجىتىڭنى راۋا قىلىشنى خالىمىدىڭ.
s-245
s2045

سەن بىزگە ئاكا ئىدىڭ، لېكىن سەن بىزگە ئاتىمۇ بولدۇڭ.
s-246
s2046
سەن بىزگە ئاكا ئىدىڭ، لېكىن سەن بىزگە ئاتىمۇ بولدۇڭ.
راست، ئاتا ئىزىنى ئوغۇل باسىدىكەن، ھەقىقىي ئوغۇل بالا باسىدىكەن.
s-247
s2047
راست، ئاتا ئىزىنى ئوغۇل باسىدىكەن، ھەقىقىي ئوغۇل بالا باسىدىكەن.
سەن سايىۋەن بولغاچقا، بېشىمىزغا كۈن چۈشمىدى،
s-248
s2048
سەن سايىۋەن بولغاچقا، بېشىمىزغا كۈن چۈشمىدى،
سەن يۆلەپ تۇرغاچقا، ھېچقايسىمىز تۇرمۇش داۋانلىرىدا يىقىلىپ قالمىدۇق.
s-249
s2049
سەن يۆلەپ تۇرغاچقا، ھېچقايسىمىز تۇرمۇش داۋانلىرىدا يىقىلىپ قالمىدۇق.
ئېگىز داۋانغا چىققاندا كەينىگە بۇرۇلسا، باسقان مۇساپىنى، ئالدىغا قارىسا، ماڭىدىغان يولنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىكەن.
s-250
s2050

سەن بىزنى دەل مۇشۇنداق داۋانغا يېتەكلىگۈچى ئىدىڭ.
s-251
s2051
سەن بىزنى دەل مۇشۇنداق داۋانغا يېتەكلىگۈچى ئىدىڭ.
بىز سەن بىلەن بىللە ئەقىل يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تۈنۈگۈنىمىزنى يەكۈنلەيتتۇق، بۈگۈنىمىزگە نەزەر تاشلايتتۇق، ئەتىمىزنى مۇلاھىزە قىلاتتۇق،
s-252
s2052

ھاياتلىق مۇستەقىل ياشاشنى ئۆزىگە تۈۋرۈك قىلغان، ئۇنىڭسىز كىشلىك تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
s-253
s2053

ئادەم بالىسى دەسلەپتە كۆتۈرۈشكە، سەل چوڭايغاندا يۆلەشكە، يېتىلەشكە مۇھتاج بولىدۇ، لېكىن ئۇ ھامان مېڭىشى، ئۆزى مۇستەقىل مېڭىشى كېرەك.
s-254
s2054

بۇ ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسى.
s-255
s2055
بۇ ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسى.
سەن بۇ نۇقتىنى چۈشىنەتتىڭ،
s-256
s2056
سەن بۇ نۇقتىنى چۈشىنەتتىڭ،
شۇڭا بىزنى غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، جۇشقۇن، قەيسەر بولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتىڭ.
s-257
s2057
شۇڭا بىزنى غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، جۇشقۇن، قەيسەر بولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتىڭ.
شۇڭا بىزگە تەلەپچان ئىدىڭ،
s-258
s2058
شۇڭا بىزگە تەلەپچان ئىدىڭ،
بىزنىڭ سەل بوشاپ قېلىشلىرىمىزمۇ سېنىڭ دىققىتىڭنى تارتاتتى،
s-259
s2059
بىزنىڭ سەل بوشاپ قېلىشلىرىمىزمۇ سېنىڭ دىققىتىڭنى تارتاتتى،
يولدىن سەل قېيىپ كېتىشلىرىمىزمۇ، بىلىپ-بىلمەي ئېزىشلىرىمىزمۇ سېنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.
s-260
s2060

بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويساق، لاپپىدە مەنىلىك قاراپ قويۇشلىرىڭ، بىر خاتاغا يول قويغىنىمىزدا، مىيقىدا كۈلۈشلىرىڭ ياكى كايىشلىرىڭ قانداقمۇ كۆز ئالدىمىزدىن كەتسۇن؟!
s-261
s2061

لېكىن سەن ھازىر كۆزۈڭنى ئاچماي ياتىسەن،
s-262
s2062
لېكىن سەن ھازىر كۆزۈڭنى ئاچماي ياتىسەن،
سېنىڭ كۆزۈڭ يۇرۇق دۇنيانى كۆرمەي ياتسا، بىزنىڭ كۆزىمىزگىمۇ قاراڭغۇلۇق تىقىلىدىكەن.
s-263
s2063
سېنىڭ كۆزۈڭ يۇرۇق دۇنيانى كۆرمەي ياتسا، بىزنىڭ كۆزىمىزگىمۇ قاراڭغۇلۇق تىقىلىدىكەن.
بۇ جاھان بىزگە بەكمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ.
s-264
s2064
بۇ جاھان بىزگە بەكمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ.
زۇلمەت قوينىدىكى دۇنيا قۇياشنىڭ كۈلۈپ قارىشىغا ئىنتىزار بولغىنىدەك، بىزمۇ سېنىڭ كۆزۈڭنى ئېچىپ بىر قارىشىڭغا شۇنچە تەشنا بولۇۋاتىمىز.
s-265
s2065

ئاكا، كۆزۈڭنى بىر ئاچقىنا، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان كۆڭۈللىرىمىز پاللىدە بىر يۇرۇپ كەتسۇن!
s-266
s2066
ئاكا، كۆزۈڭنى بىر ئاچقىنا، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان كۆڭۈللىرىمىز پاللىدە بىر يۇرۇپ كەتسۇن!
كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا! تۇرالمىساڭ، بىز يۆلەپ تۇرغۇزايلى،
s-267
s2067
كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا! تۇرالمىساڭ، بىز يۆلەپ تۇرغۇزايلى،
سەنمۇ بىزنى ئۆمۈر بويى يۆلەپ ئۆتكەنىدىڭ،
s-268
s2068
سەنمۇ بىزنى ئۆمۈر بويى يۆلەپ ئۆتكەنىدىڭ،
بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىز ئەمدى سېنى بىر ئۆمۈر يۆلەپ يۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى.
s-269
s2069
بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىز ئەمدى سېنى بىر ئۆمۈر يۆلەپ يۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى.
ئۆمۈر بويى سېنى ھاپاش قىلىپ يۈرسەكمۇ مەيلى.
s-270
s2070
ئۆمۈر بويى سېنى ھاپاش قىلىپ يۈرسەكمۇ مەيلى.
كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا، بىزگە لاپپىدە بىر قارىغىنا!
s-271
s2071
كۆزۈڭنى ئاچ، ئاكا، بىزگە لاپپىدە بىر قارىغىنا!
«ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم» دەيدىكەن دانالىرىڭ.
s-272
s2072
«ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم» دەيدىكەن دانالىرىڭ.
بۇ زادى نېمىشقا شۇنداق؟ نېمىشقا شۇنداق؟ جاۋاب بەر دۇنيا!
s-273
s2073
بۇ زادى نېمىشقا شۇنداق؟ نېمىشقا شۇنداق؟ جاۋاب بەر دۇنيا!
سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن.
s-274
s2074
سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن.
بەقەسەم تون كىيگەن 30 ياشلار چامىسىدىكى ئاقپىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى.
s-275
s2075

ئۇ مەكتەپ سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، تىزگىننى يەڭگىل تارتتى.
s-276
s2076
ئۇ مەكتەپ سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، تىزگىننى يەڭگىل تارتتى.
ئات توختاپ، سوزۇپ-سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى-دە، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى.
s-277
s2077
ئات توختاپ، سوزۇپ-سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى-دە، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا قارا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى-دە، يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى ۋە ئېگىلىپ سالام قىلدى:
s-278
s2078

_ تىنچ-ئامان كەپلا، شىياۋجاڭ.
s-279
s2079
_ تىنچ-ئامان كەپلا، شىياۋجاڭ.
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى.
s-280
s2080
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى.
_ خوش، بۈگۈن نىمە بولدى؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ؟
s-281
s2081
_ خوش، بۈگۈن نىمە بولدى؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ؟
_ مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سىلىنىڭ «تۆگە دۆڭ»دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى.
s-282
s2082

مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ چىرايى سەل ئېچىلغاندەك بولدى،
s-283
s2083
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ چىرايى سەل ئېچىلغاندەك بولدى،
سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى.
s-284
s2084
سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى.
خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇلغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى.
s-285
s2085

يازلىق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سايرام كۆلىگە باردۇق.
s-286
s2086
يازلىق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سايرام كۆلىگە باردۇق.
بىز بۇ يەردە ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق.
s-287
s2087
بىز بۇ يەردە ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق.
كۆز ئالدىمىزدا بىپايان كۆك > دېڭىز > يېنىك چايقىلىپ تۇراتتى.
s-288
s2088
كۆز ئالدىمىزدا بىپايان كۆك > دېڭىز > يېنىك چايقىلىپ تۇراتتى.
ئېگزلىكتىكى بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ مەھلىيا قىلاتتى.
s-289
s2089
ئېگزلىكتىكى بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ مەھلىيا قىلاتتى.
بىز يۈگۈرگىنىمىزچە كۆل بويىغا باردۇق.
s-290
s2090
بىز يۈگۈرگىنىمىزچە كۆل بويىغا باردۇق.
كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، توپ - توپ ئاققۇلار ئۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
s-291
s2091

تاغ شامىلى كۆل سۈيىنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، سۇ يۈزىدە قات - قات يېنىك دولقۇنلار پەيدا بولاتتى.
s-292
s2092
تاغ شامىلى كۆل سۈيىنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، سۇ يۈزىدە قات - قات يېنىك دولقۇنلار پەيدا بولاتتى.
سۇ بىردەم كۈمۈش رەڭدە، بىردەم يېشىل رەڭدە چاقنايتتى.
s-293
s2093
سۇ بىردەم كۈمۈش رەڭدە، بىردەم يېشىل رەڭدە چاقنايتتى.
يەنىمۇ يىراققا قارىغۇدەك بولسىڭىز، بېلىقلار ئەركىن پىلتىڭلاپ ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
s-294
s2094
يەنىمۇ يىراققا قارىغۇدەك بولسىڭىز، بېلىقلار ئەركىن پىلتىڭلاپ ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
كۆل شاۋقۇنى بىزگە گەپ قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق پىچىرلايتتى.
s-295
s2095
كۆل شاۋقۇنى بىزگە گەپ قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق پىچىرلايتتى.
سىڭلىم ئىككىمىز كۆل سۈيىنى ئوچۇملاپ ئېلىپ يۈزىمىزنى يۇدۇق.
s-296
s2096
سىڭلىم ئىككىمىز كۆل سۈيىنى ئوچۇملاپ ئېلىپ يۈزىمىزنى يۇدۇق.
دادامنىڭ ئېيتىشىچە، سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 90 مېتىر كېلىدىكەن، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى 23 كىلومېتىر ئىكەن.
s-297
s2097

بىز كېمە توختىتىش مەيدانىغا كەلدۇق.
s-298
s2098
بىز كېمە توختىتىش مەيدانىغا كەلدۇق.
كاتېرغا چۈشۈپ ئوينىدۇق.
s-299
s2099
كاتېرغا چۈشۈپ ئوينىدۇق.
كاتېر ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە، بىز كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتىمىز.
s-300
s2100
كاتېر ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە، بىز كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتىمىز.
Edit as list • Text view • Dependency trees