Sentence view
Universal Dependencies - Uyghur - UDT
Language | Uyghur |
---|
Project | UDT |
---|
Corpus Part | test |
---|
Annotation | Eli, Marhaba; Zeman, Daniel; Tyers, Francis |
---|
showing 401 - 500 of 900 • previous • next
مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.
s-401
s401
مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.
ئۇ ئىككى قولىنى مۈرەمگە قويدى.
s-402
s402
ئۇ ئىككى قولىنى مۈرەمگە قويدى.
- بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشمايلى، قانداق دەيسەن؟ - دېدى ئۇ كۈلۈپ.
s-403
s403
- بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشمايلى، قانداق دەيسەن؟ - دېدى ئۇ كۈلۈپ.
مەن ئېسىمگە كېلىپ: - ئۇرۇشمايلى! ئۇرۇشمايلى! - دەپ جاۋاب بەردىم ئالدىراپ.
s-404
s404
مەن ئېسىمگە كېلىپ: - ئۇرۇشمايلى! ئۇرۇشمايلى! - دەپ جاۋاب بەردىم ئالدىراپ.
ئاندىن كېيىن، بىز خوشال - خورام خوشلاشتۇق.
s-405
s405
ئاندىن كېيىن، بىز خوشال - خورام خوشلاشتۇق.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بولغان ئىشلارنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم.
s-406
s406
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بولغان ئىشلارنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم.
مەن تېخى دادامنى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن،
s-407
s407
مەن تېخى دادامنى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن،
ئەكسىچە، ئۇ قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا دېدى،
s-408
s408
ئەكسىچە، ئۇ قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا دېدى،
- سەن خاتا قىلغان بولغاندىكىن، شۇنداق ياخشى بىر دوستۇڭغا سىزغۇچنى تەڭلىمەي، بىرىنچى بولۇپ قول ئۇزىتىپ ئەپۇ سورىشىڭ كېرەك ئىدى،
s-409
s409

- ئاندىن قولۇمدىن سىزغۇچنى تارتىۋېلىپ «قارسسىدە» سۇندۇردى - دە، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تاشلىۋەتتى.
s-410
s410

كەنتىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك تاغ بار،
s-411
s411
كەنتىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك تاغ بار،
بۇ تاغ بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر، قويۇق ئوت چۆپلەر بىلەن قاپلانغان.
s-412
s412
بۇ تاغ بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر، قويۇق ئوت چۆپلەر بىلەن قاپلانغان.
يىراقتىن قارىسىڭىز، ئۇ خۇددى يېشىل مەخمەلگە ئوخشايدۇ.
s-413
s413
يىراقتىن قارىسىڭىز، ئۇ خۇددى يېشىل مەخمەلگە ئوخشايدۇ.
قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىلان باغرى چىغىر يول بويىدا بىر بۇلاق بار،
s-414
s414
قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىلان باغرى چىغىر يول بويىدا بىر بۇلاق بار،
بىز ئۇنى «مارجانبۇلاق» دەپ ئاتايمىز.
s-415
s415
بىز ئۇنى «مارجانبۇلاق» دەپ ئاتايمىز.
قارىماققا، بۇلاق سۈيى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئوچۇمىڭىزغا ئالغىنىڭىزدىلا سۈپسۈزۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
s-416
s416

بۇلاق چۆرىسىدىكى تاشلارنى بىر قەۋەت قارامتۇل يېشىل مۇخلار قاپلاپ كەتكەن.
s-417
s417
بۇلاق چۆرىسىدىكى تاشلارنى بىر قەۋەت قارامتۇل يېشىل مۇخلار قاپلاپ كەتكەن.
يېشىل مۇخلار، رەڭگارەڭ ئۇششاق گۈللەر مارجانبۇلاقنىڭ گۇلتاجىغا ئايلانغان.
s-418
s418
يېشىل مۇخلار، رەڭگارەڭ ئۇششاق گۈللەر مارجانبۇلاقنىڭ گۇلتاجىغا ئايلانغان.
بۇلاق سۈيى بۇلاق ئەتراپىدىكى يېشىل دەرەخ، يېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن بوياپ قويۇلغاندەك ياپيېشىل.
s-419
s419

ئۇ شۇ قەدەر تىنىق ھەم سۈزۈككى، تېگىدىكى سۇس قوڭۇر تاشلار، قۇم دانچىلىرى ۋە قارىداپ كەتكەن دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
s-420
s420

سۈيىنىڭ سۈزۈك ۋە مۇزدەكلىكىدىنمىكىن، مارجانبۇلاقتا بىر تالمۇ بېلىق يوق.
s-421
s421
سۈيىنىڭ سۈزۈك ۋە مۇزدەكلىكىدىنمىكىن، مارجانبۇلاقتا بىر تالمۇ بېلىق يوق.
بۇلاقتىن «بۇلدۇق - بۇلدۇق» قىلىپ چىقىۋاتقان سۈزۈك ھەم پارقىراق سۇ كۆپۈكچىلىرى ماڭا ئەڭ قىزىقارلىق بىلىنىدۇ.
s-422
s422

سۇ كۆپۈكچىلىرى دەسلىپىدە كىچىككىنە ھالەتتە چىقىدۇ،
s-423
s423
سۇ كۆپۈكچىلىرى دەسلىپىدە كىچىككىنە ھالەتتە چىقىدۇ،
يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى يوغىناپ، ئاخىرىدا سۇ يۈزىگە يېيىلىدۇ - دە، «پىخ» قىلىپ كۈلگەندەكلا يوقاپ كېتىدۇ.
s-424
s424

ئىللىق قۇياش نۇرى قويۇق يوپۇرماقلاردىن ئۆتۈپ سۇ يۈزىگە، كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۆپۈكچىلەرگە، بەزىدە ھەتتا سۇ تېگىدىكى سۇس قوڭۇر رەڭ تاشلارغىچە چۈشىدۇ.
s-425
s425

بۇ چاغدا، سۇ يۈزىنى ۋە تېگىنى ئالتۇن رەڭلىك، كۆمۈش رەڭلىك نۇرلار چىرمىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
s-426
s426
بۇ چاغدا، سۇ يۈزىنى ۋە تېگىنى ئالتۇن رەڭلىك، كۆمۈش رەڭلىك نۇرلار چىرمىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
. سۇ كۆپۈكچىلىرى قىزىل، سېرىق، يېشىل، سۆسۈن رەڭلەردە چاقنايدۇ...
s-427
s427
. سۇ كۆپۈكچىلىرى قىزىل، سېرىق، يېشىل، سۆسۈن رەڭلەردە چاقنايدۇ...
قاراڭ، ئۇلار تىزىق - تىزىق رەڭدار مارجانلارغا نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە!
s-428
s428
قاراڭ، ئۇلار تىزىق - تىزىق رەڭدار مارجانلارغا نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە!
مانا بۇ بىزنىڭ مارجانبۇلىقىمىز،
s-429
s429
مانا بۇ بىزنىڭ مارجانبۇلىقىمىز،
مانا بۇ كەنتىمىزنىڭ چىرايلىق مارجانبۇلىقى.
s-430
s430
مانا بۇ كەنتىمىزنىڭ چىرايلىق مارجانبۇلىقى.
مارجانبۇلاقنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
s-431
s431
مارجانبۇلاقنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
ئۇنىڭ چىقسا - چىقسا تۈگىمەيدىغان كۆپۈكچىلىرىنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار.
s-432
s432
ئۇنىڭ چىقسا - چىقسا تۈگىمەيدىغان كۆپۈكچىلىرىنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار.
كەنتىمىزدىكى قۇدۇقلار قۇرۇپ قالدىغان چاغلار بولىدۇ،
s-433
s433
كەنتىمىزدىكى قۇدۇقلار قۇرۇپ قالدىغان چاغلار بولىدۇ،
ئەمما مارجانبۇلاق توختىماي بۇلدۇقلايدۇ،
s-434
s434
ئەمما مارجانبۇلاق توختىماي بۇلدۇقلايدۇ،
توختىماي كۆپۈك چىقىرىدۇ.
s-435
s435
توختىماي كۆپۈك چىقىرىدۇ.
ھەر قېتىم كىچىككىنە چېلىكىمنى كۆتۈرۈپ بۇلاق بويىغا كەلگىنىمدە ماڭا نۇرغۇن شوخ بالىلار مارجانبۇلاقنىڭ بىر يېرىگە مۆكۈنۋېلىپ، كۆپۈك پۈۋلەپ ئويناۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ.
s-436
s436

مەن چېلىكىمگە مارجانبۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈزۈك سۈيىنى ئېلىپ ئۆيگە يانغىنىمدا، ئورماندىكى چىغىر يولغا قانچىلىغان مارجانلارنى چېچىپ ماڭىدىغاندىمەن – ھە؟
s-437
s437

ئۇلار ھېلىقى قۇرۇق دەستىگاھنى كۆرسىتىپتۇ.
s-438
s438
ئۇلار ھېلىقى قۇرۇق دەستىگاھنى كۆرسىتىپتۇ.
چۈنكى ئۇلار باشقىلارنى رەختنى جەزمەن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدىكەن.
s-439
s439
چۈنكى ئۇلار باشقىلارنى رەختنى جەزمەن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدىكەن.
«بۇ قانداق ئىش؟ _ _ پادىشاھ ئىچىدە ئويلاپتۇ، _ _ مەن ھېچنېمىنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ!
s-440
s440
«بۇ قانداق ئىش؟ _ _ پادىشاھ ئىچىدە ئويلاپتۇ، _ _ مەن ھېچنېمىنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ!
بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، ئەجىبا، مەن شۇنچە ئەخمەقمۇ؟
s-441
s441
بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، ئەجىبا، مەن شۇنچە ئەخمەقمۇ؟
ئەجىبا، مەن پادىشاھ بولۇشقا لايىق ئەمەسمۇ؟
s-442
s442
ئەجىبا، مەن پادىشاھ بولۇشقا لايىق ئەمەسمۇ؟
بۇ مەن يولۇقۇپ باقمىغان بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولدى.»
s-443
s443
بۇ مەن يولۇقۇپ باقمىغان بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولدى.»
_ _ پاھ، ھەقىقەتەن ئىتايىن گۈزەلكەن! _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ مەن ئىنتايىن رازى!
s-444
s444
_ _ پاھ، ھەقىقەتەن ئىتايىن گۈزەلكەن! _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ مەن ئىنتايىن رازى!
شۇنداق قىلىپ، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۆزىنىڭ مەمنۇنيىتىنى بىلدۈرۈپتۇ - يۇ، دەستىگاھقا سەپسېلىپ قاراپتۇ.
s-445
s445

چۈنكى ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، دېيىشنى خالىمايدىكەن.
s-446
s446
چۈنكى ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، دېيىشنى خالىمايدىكەن.
ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ سەپسېلىپ قارىشىپتۇ، لېكىن ئۇلارمۇ پادىشاھقا ئوخشاشلا: «پاھ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن گۈزەلكەن!» دېيىشىپ، پادىشاھقا: ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان نامايىش مۇراسىمىغا مۇشۇ ئېسىل رەختتىن كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپتۇ.
s-447
s447

_ _ بۇ رەخت راست ئېسىل! نەپىس! تەڭدىشى يوق ئىكەن!
s-448
s448
_ _ بۇ رەخت راست ئېسىل! نەپىس! تەڭدىشى يوق ئىكەن!
ھەممەيلەن بىر - بىرىگە ئەگىشىپ سۆز قېتىشىپتۇ.
s-449
s449
ھەممەيلەن بىر - بىرىگە ئەگىشىپ سۆز قېتىشىپتۇ.
ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ.
s-450
s450
ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ.
پادىشاھ ئالدامچىلارنىڭ ھەر بىرىگە تېگىشلىك ئۇنۋان ۋە تۈگمىسىگە ئېسىۋالىدىغان بىردىن مېدال ھەدىيە قىلىپتۇ ھەمدە ئۇلارنى «پادىشاھنىڭ خاس توقۇمىچىلىرى» قىلىپ تەيىنلەپتۇ.
s-451
s451

ئەتىسى ئەتىگەندە نامايىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،
s-452
s452
ئەتىسى ئەتىگەندە نامايىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،
نامايىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئىككى ئالدامچى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىنى پۈتتۈرىمەن، دەپ كېچىلەپ ئىشلىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كېچىچە كىرپىك قاقماي 16 دىن ئارتۇق شامنى يېقىپ قويۇپ، رەختنى دەستىگاھتىن چۈشۈرۈۋاتقان، ئىككى قايچا بىلەن قۇرۇقتىن قۇرۇق كېسىۋاتقان ۋە يىپسىز يىڭنە بىلەن تىكۋاتقان ھەركەتلەرنى قىلىپتۇ.
s-453
s453

ئاخىرىدا ئىككىسى تەڭلا: «قاراڭلار! يېڭى كىيىم پۈتتى!» دېيىشىپتۇ.
s-454
s454
ئاخىرىدا ئىككىسى تەڭلا: «قاراڭلار! يېڭى كىيىم پۈتتى!» دېيىشىپتۇ.
پادىشاھ ئۆزى ئەڭ ئالىي چەۋەندازلىرىنى باشلاپ بېرىپتۇ.
s-455
s455
پادىشاھ ئۆزى ئەڭ ئالىي چەۋەندازلىرىنى باشلاپ بېرىپتۇ.
ئالدامچىلار خۇددى قولىدا بىر نەرسەباردەك، بىر قولىنى كۆتۈرۈپ: _ _ قارىسىلا پادىشاھى ئالەم، بۇ شىملىرى! بۇ يەكتەكلىرى، بۇ بولسا چاپانلىرى، بۇ كىيىملەر ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك يېنىڭ، كىيگەن ئادەم ئۇچىسىدا ھېچنەرسە يوقتەك ھېس قىلىدۇ، بۇ كىيىمنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ دەل شۇ يەردە، دېيىشىپتۇ.
s-456
s456

_ راست ئېيتىدۇ، _ _ دېيىشىپتۇ چەۋەندازلار.
s-457
s457
_ راست ئېيتىدۇ، _ _ دېيىشىپتۇ چەۋەندازلار.
ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ھېچنېمىنى كۆرمەپتۇ.
s-458
s458
ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ھېچنېمىنى كۆرمەپتۇ.
_ _ پادىشاھى ئالەم، ئەمدى كىيىملىرىنى يەشسىلە، _ _ دەپتۇ ئالدامچىلار، _ - مانا بۇ تاش ئەينەك ئالدىدا ئۆزلىرىگە يېڭى كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قويايلى.
s-459
s459

پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى يېشىپتۇ.
s-460
s460
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى يېشىپتۇ.
ئىككى ئالدامچى بايا تىكىپ بولغان يېڭى كىيىملەرنى بىر - بىرلەپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپتۇ ۋە خۇددى بىر نەرسە چېگىۋاتقاندەك ئۇنىڭ بېلى ئەتراپىدا بىردەم ھەپىلىشىپتۇ.
s-461
s461

ئۇلارنىڭ چىككىنى ئارقا پەشمىش.
s-462
s462
ئۇلارنىڭ چىككىنى ئارقا پەشمىش.
پادىشاھ ئالىيلىرى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ بەللىرىنى تولغاپ كۆرۈپتۇ.
s-463
s463
پادىشاھ ئالىيلىرى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ بەللىرىنى تولغاپ كۆرۈپتۇ.
پاھ، پاھ بۇ كىيىم ئەجەپ ياراشتى! پىچىمى نېمىدېگەن چىرايلىق، _ _ دېيىشىپتۇ، ئەتراپتىكىلەر،
s-464
s464
پاھ، پاھ بۇ كىيىم ئەجەپ ياراشتى! پىچىمى نېمىدېگەن چىرايلىق، _ _ دېيىشىپتۇ، ئەتراپتىكىلەر،
_ _ گۈللىرىنى قاراڭلار! رەڭگىچۇ تېخى!
s-465
s465
_ _ گۈللىرىنى قاراڭلار! رەڭگىچۇ تېخى!
_ _ ئاۋام پۇقرالار ئالىيلىرىنى كۈتۈپ قالدى، سايىۋەنلەرمۇ ھازىر بولدى، مۇراسىمغا مەرھەمەت قىلسىلا! _ _ دەپتۇ مۇراسىم باشلىقى.
s-466
s466

_ _ ھازىر، مانا كىيىنىپ بولدۇم، _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ كىيىمىم يارىشىپتىمۇ؟ _ _
s-467
s467
_ _ ھازىر، مانا كىيىنىپ بولدۇم، _ _ دەپتۇ پادىشاھ، _ _ كىيىمىم يارىشىپتىمۇ؟ _ _
ئۇ يەنە ئەينەك ئالدىدا چۆگىلەشكە باشلاپتۇ.
s-468
s468
ئۇ يەنە ئەينەك ئالدىدا چۆگىلەشكە باشلاپتۇ.
ئۇ كۆپچىلىككە ئېسىل يېڭى كىيىملىرىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ياققانلىقىنى بىلدۈرمەكچىكەن.
s-469
s469
ئۇ كۆپچىلىككە ئېسىل يېڭى كىيىملىرىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ياققانلىقىنى بىلدۈرمەكچىكەن.
پادىشاھنىڭ ئارقا پېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ۋەزىرلەر خۇددى پەشنى كۆتۈرۈپ ماڭغان قىياپەتتە قۇرۇق قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ پادىشاھنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ.
s-470
s470

ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
s-471
s471
ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەشەمەتلىك سايىۋەن ئاستىدا نامايىشىغا چىقىپتۇ.
s-472
s472
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەشەمەتلىك سايىۋەن ئاستىدا نامايىشىغا چىقىپتۇ.
كوچىدا ۋە دېرىزىلەردە قارىشىپ تۇرغان كىشىلەر: _ _ پاھ، پاھ! پادىشاھى ئالەمنىڭ يېڭى كىيىملىرى نېمىدېگەن ئېسىل! قاراڭلار، ئارقا پېشى نېمىدېگەن كۆركەم! بۇ كىيىم ئۇنىڭغا تازا يارىشىپتۇ جۇمۇ! _ _ دېيىشىپ كېتىپتۇ.
s-473
s473

ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگىنىنى باشقىلارغا چاندۇرماپتۇ.
s-474
s474
ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېچنەرسە كۆرمىگىنىنى باشقىلارغا چاندۇرماپتۇ.
چۈنكى، چېنىپ قالسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەخمەق دېيىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
s-475
s475

دەرۋەقە، پادىشاھنىڭ كىيىملىرى ئەزەلدىن مۇنداق ماختاشقا سازاۋەر بولمىغانىكەن.
s-476
s476
دەرۋەقە، پادىشاھنىڭ كىيىملىرى ئەزەلدىن مۇنداق ماختاشقا سازاۋەر بولمىغانىكەن.
تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالا: _ _ بىراق ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇغۇ! _ _ دەپ ۋارقىرېۋىتىپتۇ.
s-477
s477
تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالا: _ _ بىراق ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇغۇ! _ _ دەپ ۋارقىرېۋىتىپتۇ.
_ _ ۋاي خۇدايىمەي، قاراڭلار، بۇ بالىنىڭ گۈدەكلىكىنى! _ _ دەپتۇ دادىسى.
s-478
s478
_ _ ۋاي خۇدايىمەي، قاراڭلار، بۇ بالىنىڭ گۈدەكلىكىنى! _ _ دەپتۇ دادىسى.
لېكىن كۆپچىلىك بۇ بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىتىۋېتىپتۇ:
s-479
s479
لېكىن كۆپچىلىك بۇ بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىتىۋېتىپتۇ:
_ _ ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇ! بىر كىچىك بالا ئۇنىڭ كىيىم كىيمىگەنلىكىنى دەۋېتىپتۇ!
s-480
s480
_ _ ئۇ ھېچنېمە كىيمەپتۇ! بىر كىچىك بالا ئۇنىڭ كىيىم كىيمىگەنلىكىنى دەۋېتىپتۇ!
ئاخىر پۇقرالارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېيىشىپتۇ.
s-481
s481
ئاخىر پۇقرالارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېيىشىپتۇ.
پادىشاھنى سەل سۈر بېسىپتۇ.
s-482
s482
پادىشاھنى سەل سۈر بېسىپتۇ.
چۈنكى ئۇنىڭغا پۇقرالارنىڭ گېپى توغرىدەك تۇيۇلۇپتۇ.
s-483
s483
چۈنكى ئۇنىڭغا پۇقرالارنىڭ گېپى توغرىدەك تۇيۇلۇپتۇ.
بىراق ئۇ ئىچىدە: «نامايىشنىڭ ئاخىرىغىچە تاقەت قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ.
s-484
s484
بىراق ئۇ ئىچىدە: «نامايىشنىڭ ئاخىرىغىچە تاقەت قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ.
شۇڭا ئۇ تېخىمۇ مەغرۇر قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ.
s-485
s485
شۇڭا ئۇ تېخىمۇ مەغرۇر قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ.
ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئارقا پەشنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن مېڭىۋېرىپتۇ.
s-486
s486
ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئارقا پەشنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن مېڭىۋېرىپتۇ.
ئادەمدىن قالسا بۆرە پاراسەتلىك مەخلۇق.
s-487
s487
ئادەمدىن قالسا بۆرە پاراسەتلىك مەخلۇق.
چوڭ ھىنگان تېغىدىكى گۈلخان يېنىدا قېرى ئوۋچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
s-488
s488
چوڭ ھىنگان تېغىدىكى گۈلخان يېنىدا قېرى ئوۋچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
ئوۋچىلىق تەدرىجىي يوقىلۋاتقان كەسىپ. ئۇ ئەمدى ئوۋ ئوۋلىماي، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغانىدى.
s-489
s489

_ _ ياش چاغلىرىم ئىدى _ _... دېدى ئوۋچى مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ، گويا ئەينى يىللاردىكى ئاجايىپ باتۇرلىقىغا قايتقاندەك.
s-490
s490

بۆرە كۈچۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.
s-491
s491
بۆرە كۈچۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.
قانداق قىلش كېرەك؟ يالغۇز كۈچۈك بولغان بولسا ئۇنى چىشلىۋېلىپ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ كېتىدۇ.
s-492
s492
قانداق قىلش كېرەك؟ يالغۇز كۈچۈك بولغان بولسا ئۇنى چىشلىۋېلىپ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر بىرنەچچە كۈچۈك بولسا ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشتە خاتىرجەم بولالمايدۇ.
s-493
s493
ئەگەر بىرنەچچە كۈچۈك بولسا ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشتە خاتىرجەم بولالمايدۇ.
دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا قىرغاقتا قالغان «بالىلىرى» غا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
s-494
s494
دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا قىرغاقتا قالغان «بالىلىرى» غا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۆرە بىر ھايۋاننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قېرىنىنى پۈۋلەپ تۇلۇمدەك كۆپتۈرۈپ، بېغىشىدىن چىشلەپ، كۈچۈكلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىدۇ - دە، ئۇنىڭ لەيلەش كۈچىدىن پايدىلنىپ، ھەممىسىنى دەريادىن ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
s-495
s495

بىر قېتىم ئىككى كۈچۈكنى ئەگەشتۈرۋالغان ئانا بۆرىنىڭ پېيىگە چۈشتۈم.
s-496
s496
بىر قېتىم ئىككى كۈچۈكنى ئەگەشتۈرۋالغان ئانا بۆرىنىڭ پېيىگە چۈشتۈم.
ئۇ تېز يۈگۈرمىدى.
s-497
s497
ئۇ تېز يۈگۈرمىدى.
چۈنكى كۈچۈكلەر تېمەن ئەمەس ئىدى.
s-498
s498
چۈنكى كۈچۈكلەر تېمەن ئەمەس ئىدى.
بۆرە بىلەن بولغان ئارلىقىم قىسقىراشقا باشلىدى.
s-499
s499
بۆرە بىلەن بولغان ئارلىقىم قىسقىراشقا باشلىدى.
ئانا بۆرە كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇم دۆۋىسىگە چىقىشقا باشلىدى.
s-500
s500
ئانا بۆرە كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇم دۆۋىسىگە چىقىشقا باشلىدى.
Edit as list • Text view • Dependency trees