Dependency Tree

Universal Dependencies - Uyghur - UDT

LanguageUyghur
ProjectUDT
Corpus Parttrain

Select a sentence

Showing 103 - 202 of 1656 • previousnext

s-103 كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئۇنى بېرىۋەتسەم، قېينانامنى تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن،
s-104 ئېرىمغىمۇ يۈز كېلەلمەيدىكەنمەن.
s-105 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بەش ياشتا،
s-106 ئەس كىرىپ قالدى،
s-107 ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
s-108 شۇڭا، قىزىمنى ئېلىپ قېلىپ، ئوغلۇمنى بېرىۋەتكەن بولسىلا.
s-109 غوجىدار خانىم قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل باشقىچە بولۇپ قالدى.
s-110 بىراق، ئاپىسىنىڭ بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ، ماقۇل دېمەكتىن باشقا چارە تاپالمىدى.
s-111 ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى.
s-112 ئەتىسى چۈشتە پاراخوت خوككايدوغا يېتىپ باراي دەپ قالغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىرگە ئېسىلزادە خانىمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى ۋە غوجىدار خانىمغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى.
s-113 _ ۋوي، نېمە بولدۇڭلار؟ _ غوجىدار خانىم دەرھال ئۇلاردىن سورىدى.
s-114 _ زادىلا چىدىيالمىدۇق، _ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن شۇنداق دەپلا يەنە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى:
s-115 _ ئەسلىدىغۇ مۇنداق كەم ئەقىللىق قىلمىساق بوپتىكەن.
s-116 ئاخشام ئىككىمىز مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، ئەمدى گېپىمىزدىن يېنىۋالمايمىز،
s-117 قىزىمىزنىڭ مېھرىدىن كەچكىنىمىز كەچكەن، دېيىشكەنىدۇق.
s-118 بىراق، ئۇ بەكلا كىچىك، نېرى–بېرى ئويلاپ، ئەنسىرەپ، كېچىچە كىرپىك قاقمىدۇق.
s-119 ھېچ ئىش ئۇقمايدىغان كىچىككىنە بىر بالىنى خەققە بېرىۋەتسەك، ھەتتا مەن ئۆزۈمنىمۇ سەن نېمىدېگەن تاش يۈرەك دادا–ھە، دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمەن.
s-120 ئۆزلىرى بەرگەن پۇلنى تولۇقى بىلەن ئېلىۋېلىپ، قىزىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسىلە بوپتىكەن.
s-121 بىر ئائىلىدىكى ئالتىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەكمۇ ئۆلەيلى دېدۇقكى، بىر بالىمىزنىمۇ تاشلىۋەتكۈمىز كەلمىدى.
s-122 بۇ سۆزنى ئاڭلاپ خانىمنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى.
s-123 _ ھەممىگە مەن ئەيىبلىك، _ دېدى ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە،
s-124 _ كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، گەرچە بالا يۈزى كۆرمىگەن بولساممۇ، ئاتا-ئانا ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشىنىمەن ھەمدە سىلەرگە تولىمۇ مەستلىكىم كېلىدۇ.
s-125 بوپتۇ، قىزىڭلارنى قايتۇرۇپ بەرسەم بېرەي.
s-126 پۇلغا كەلسەك، ئۇنىمۇ ئېلىڭلار.
s-127 سىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭلارغا بولغان مىننەتدارلىقىم بولۇپ قالسۇن.
s-128 شۇنداق قىلىپ، بىر ئائىلدىكى ئالتەيلەن يەنە جەم بولۇشتى.
s-129 _ ئۇ نېمىنىڭ ئاۋازى؟ _ سورىدى چوكان.
s-130 ھارۋىكەش چۆچۈدى.
s-131 چوكاننىڭ ئېرى جاۋاپ بەرمەستىن پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاۋازنى ئاڭلىماقتا.
s-132 ناھايتى مودا ياسانغان ياش چوكان، قاپقارا مايلانغان بۈدۈر چېچىغا، يۈز-كۆزلىرىگە توپىلىق يولنىڭ ئاچچىق شور توپىسىنىڭ قونۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۈتۈنلەي ئورىۋالغىنىچە، ئېرىدىن ماي تارتىپ ئولتۇراتتى.
s-133 ئات ھارۋىسى ئېگىز-پەس توپىلىق يولدا قوپال تەۋرىتىلگەن بۆشۈكتەك چايقىلىپ ماڭماقتا.
s-134 ئۇنىڭ ئېرى ھەربىي ئىدى.
s-135 ئۇلار توي قىلغاندىن بېرى، ئۇ ئېرىنىڭ يۇرتى تۈگۈل، ئاتا–ئانىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، مانا ھازىر تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى.
s-136 ئۇلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئات ھارۋىسىغا كىرا قىلىپ يولغا چىققاندا، ئوڭغۇل-دوڭغۇل توپىلىق يول، ئۇنىڭدىن كۆتۇرۈلگەن قويۇق چاڭ-توپا، يول بويىدىكى كۈز ئاپتىپىدا سارغىيىپ پىشقان قاتار جىگدىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىپايان شورلۇق، قاقاس تۈزلەڭنى كۆرۈپ، ياش چوكاننىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، ئۆزىنى چۈمكىۋالغانىدى.
s-137 _ ۋاي-ۋۇي، ماۋۇ توپىلارنى، نېمىدىگەن بېزەپ يول، نېمىدىگەن تولا توپا بۇ، توپىغا كۆمۈلۈپلا كېتىدىغان بولدى كىشى.
s-138 ماۋۇ گىياھسىز قاقاسلىقنى كۆرۈڭ.
s-139 ۋوي سادىق، يۇرتۇڭ مۇشۇنداق قاقاسلىق دېگىنە،
s-140 ۋاي بىچارىلەرەي، بۇنداق يەردە قانداق جان باقىدۇ كىشلەر،
s-141 مۇشۇنچىلا يەردە ھېچ نەرسە بولمىسا.
s-142 ھارۋىكەشنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.
s-143 سادىق ئايالىغا ئالىيىپ قويۇۋىدى، سۆزلەشتىن توختىدى.
s-144 ھارۋا قوپال سىلكىسىمۇ، يىراقتا قارىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرەخلىك يېزىدىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان قوڭغۇراق ئاۋازىنى سادىق پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى.
s-145 ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى ئاشۇ ئاۋازدا قالغانىدى.
s-146 ھارۋىكەشمۇ سادىقنى يىراقتىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان ئاشۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالماي قالمىسۇن دېگەندەك ئاتنى ئىلگىرىكىدەك ۋارقىراپ-جارقىراپ ھەيدەشتىن، ئۈنسىز ھالدا ئانچە-مۇنچە قامچىلاپ ھەيدەشكە ئۆتتى.
s-147 ئۇ پات-پات سادىققا يەر ئاستىدىن سىنچىلاپ قاراپ قويدىيۇ، گەپ قىلمىدى.
s-148 _ سادىق، سىزدىن سوراۋاتىمەن، ئۇ نېمىنىڭ ئاۋازى؟ _ سادىقنىڭ ئايالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ يەنە سورىدى.
s-149 _ قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى.
s-150 بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇن مەكتەپ يوق، بىرلا سىنىپ بار ئىدى.
s-151 ئۇ قوڭغۇراق ئاشۇ سىنىپنىڭكى.
s-152 مەن ئاشۇ سىنىپتا باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەن.
s-153 _ ھاياجانلانغان سادىق شۇنچىلىك سۆزلەپ توختاپ قالدى.
s-154 _ ھازىرمۇ ئاشۇ بىرلا سىنىپ بارمۇ؟
s-155 _ ياق، ھازىر چوڭ مەكتەپ بار.
s-156 _ سىزنىڭ مەھەللىڭىزدىما؟
s-157 _ ياق، سەل يىراققا كۆچۈپ كەتتى.
s-158 _ ھازىر ئۇ قوڭغۇراق سىزنىڭ مەھەللىڭىزدە؟
s-159 _ ھەئە.
s-160 _ ئۇنى ھازىر نېمىشقا چالىدۇ؟
s-161 سادىق جاۋاب بەرمىدى.
s-162 _ بىكاردىن-بىكارغا ساراڭدەك چېلىۋېرەمدۇ؟
s-163 سادىقنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
s-164 _ ئۇنى بۇرۇن مەن چالغان.
s-165 ئېرىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ياش چوكان ھەيران قالدى.
s-166 _ نېمانداق چىرايىڭىز بۆلەكچە بولۇپ كەتتىغۇ،
s-167 كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك گەپ قىلمىغاندىمەن؟
s-168 _ سادىقنىڭ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ، لەۋلىرى تىترەپ كەتتى، _ ئۇنى ئانام چېلىۋاتىدۇ.
s-169 _ ئۇ شۇ سۆزنى دېيىش بىلەنلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.
s-170 شۇئان ياش چوكان قىزىرىپ خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى.
s-171 ھەممىسى جىم بولۇپ قېلىشتى.
s-172 قوڭغۇراق ئاۋازى بارغانچە ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى.
s-173 ئۇنىڭ بىر خىل رىتىمدا چۇڭۇلداپ ئاڭلىنىۋاتقان زىل ئاۋازى، جىمجىت ياتقان بىپايان يېزىدا يېقىملىق ئەكىس سادا تارقىتىپ، يىراق-يىراقلارغا تارقىلاتتى.
s-174 ھارۋا مەھەللىگە كىرىپ كەلدى.
s-175 يولدا سېغىز لايدا قورچاق ياساپ ئويناۋاتقان يالىڭاچ بالىلار ئۇلارغا ھەيران بولۇپ ئەركىلىشەتتى.
s-176 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «ھەي، ئاۋۇ ھارۋىدىكى ئاچاش ھېلىقى كۈنى كۆرگەن كىنودا چىققانغۇ؟» _ دېدى.
s-177 بالىلار شۇئان چۇرقىرىشىپ، ھارۋىنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى.
s-178 قوڭغۇراق ئاۋازى مەھەللە ئىچىدە ئاجايىپ ئوچۇق، مۇڭلۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
s-179 سادىق ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى-دە: «ئانا، ئانا،» دېگىنىچە كىچىك بالىلاردەك ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى.
s-180 قوڭغۇراق يىراقتىن كۆرۈندى.
s-181 ئۇ قېرى ئۈجمىنىڭ ئېگىز شېخىغا ئېسىلغان بولۇپ بىر ئايال ئۆگزىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئاق تانىسىنى ھەدەپ تارتماقتا ئىدى.
s-182 _ ئاشۇ ئايال سادىقنىڭ ئانىسى شۇ، _ دېدى ھارۋىكەش.
s-183 سادىقنىڭ ئايالى ئاغزىنى تۇتقىنىچە چەكچىيىپ قاراپ قالدى.
s-184 سادىقنىڭ ئانىسىنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي چۇۋۇلغان، كىيىملىرىگە ھەر خىل قۇراقلار، شوينىلار ئېسىلغان ھالەتتە بىر نەرسىلەرنى دەپ بىردەم كۈلۈپ، بىردەم يىغلاپ دېگۈدەك ھەدەپ قوڭغۇراق چالاتتى.
s-185 ئۇ سادىقنىڭ بار ئاۋازى بىلەن: «ئانا، ئانا!» دەپ توۋلاپ ئۆگزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىغا پەرۋامۇ قىلمايتى.
s-186 سادىقنىڭ ئالدىغا بىر مۇنچە قېرىنداشلىرى يۈگۈرۈشۈپ چىقىشتى.
s-187 ئەمما ئۇ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلماي ئۆيگە قاراپ: «ئانا، ئانا،» دېگىنىچە يۈگۈردى.
s-188 _ ئۇ ئەسلى بەكمۇ ياخشى، ساغلام ئايال ئىدى.
s-189 سادىق ئەسكەرلىككە كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىپ قالدى.
s-190 كېيىن ئۇ خەۋەر يالغان بولۇپ چىقتى.
s-191 سادىق قايتىپ كەلدى.
s-192 ئەمما ئانىسى ساقايمىدى.
s-193 سادىق كىچىك چېغىدا دائىم سەھەردە ساۋاقداشلىرىنى مەكتەپكە چىللاپ ئاشۇ قوڭغۇراقنى چالاتتى.
s-194 ئۇنىڭ ئانىسى سادىقنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ئاشۇ قوڭغۇراق تانىسىغا ئېسىلىپ: «ئاھ، بالام سادىق، سەن قەيەردە، قوڭغۇراقنى چالسام، ئانا دەپ كېلەرسەنمۇ؟» دەپ يىغلىدى.
s-195 كېيىنكى كۈنلەردە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى.
s-196 ھارۋىكەشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، سادىقنىڭ ئايالى يۈزىنى قوللىرى بىلەن چاڭگاللىغىنىچە ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.
s-197 بۇ چۈشۈم، بۇ پەقەت چۈشۈم، دەپ قالاي،
s-198 دۇنيا، كارامىتىڭنى كۆرسەت، بىر مۆجىزە كۆرسەت،
s-199 پۈتۈن ئۆمرۈم پەقەت چۈش بىلەن ئادا بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، سېنىڭ ئويغاق قۇچىقىڭ ئۇيقۇ دۇنياسى بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، بۇ رېئاللىقنى كۆرۈشكە رايىم يوق،
s-200 دۇنيا، بۇ ئوڭۇمنى كۆرۈشكە مەيلىم يوق.
s-201 دادىمغا يەت، ھەي، دۇنيا، ھالىمغا يەت!
s-202 بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالىسى.

Text viewDownload CoNNL-U